ھاراق ئىچكەنمۇ،زورلىغانمۇ‹‹تويدى››
مۇراد ساتتار، راخمان ئابدۇرېشىت
ھاراق سورۇنىدا ھاراققا زورلاش ئەل ئارسىدا ئۇزاقتىن بۇيان ساقلىنىپ كېلىۋاتقان بىر خىل ياخشى بولمىغان ئادەت، لېكىن ھاراقنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا ئارتۇقچە كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇقەررەر. يېقىندا، شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى ھاراقنى زىيادە ئىستېمال قىلىشتىن كېلىپ چىققان ھاياتلىق ھوقۇقى ماجراسى دېلوسىغا 1-سوتتا ھۆكۈم چىقىرىپ، ئىككى جاۋابكارنى ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا جەمئىي 97مىڭ 938 يۈەن تۆلەم تۆلەشكە ھۆكۈم قىلدى.
2011-يىل 6-ئۆكتەبىر، سائەت 22لەر ئەتراپىدا، شىياۋ ما ھاراق ئىچكەندىن كېيىن، جاۋابكار شىياۋ لىيۇ، شىياۋۋاڭ بىلەن جاۋابكار شىياۋۋاڭنىڭ ئۆيىدە يەنە ھاراق ئىچىدۇ، بۇ ھاراقنى جاۋابكار شىياۋۋاڭ تەمىنلەيدۇ، شىياۋما مەست بولغاندىن كېيىن، جاۋابكار شىياۋۋاڭ جاۋابكار شىياۋلىيۇغا شىياۋمانى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇشنى ئېيتىدۇ، شىياۋلىيۇ شىياۋمانى موتوسىكىلىت كەينىگە مىنگەشتۈرۈپ يېرىم يولغا كەلگەندە، شىياۋما موتوسىكلىتتىن چۈشۈۋېلىپ مېڭىشقا ئۇنماي تۇرۇۋالىدۇ، شىياۋلىيۇ ئامالسىز شىياۋۋاڭغا تېلفۇن قىلىپ شىياۋمانى ئېلىپ كېتەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ، ھەمدە شىياۋمانى يولنىڭ چېتىگە تاشلاپ قويۇپ كېتىپ قالىدۇ. كېيىن شىياۋۋاڭ ئەۋەتكەن ئىككى نەپەر پاختا تەرگۈچى شىياۋمانى تېپىپ يۆلەپ ئۆيىگە ئاپىرىپ، ئۇنى ھويلىسىدىكى پاختا دۆۋىسىنىڭ ئۈستىگە تاشلاپ قويىدۇ، ھەم شۇ چاغدا شىياۋمادا بىنورمال ئەھۋال كۆرۈلگەنلىكىنى بايقاپ قالىدۇ، ھەمدە شۇ ھامان 110غا تېلفۇن بېرىپ مەلۇم قىلىدۇ، شىياۋما دوختۇرخانىغا ئېلىپ مېڭىش جەريانىدا ئۆلۈپ قالىدۇ. شايار ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى جىنايى ئىشلار ئىلىمىي تەكشۈرۈش ئىشخانىسى شىياۋمانىڭ ئۆلۈمىگە قارىتا، ئالكوگول(ئىسپىرت)بىلەن زەھەرلىنىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى، شۈمۈرۈشتىن بولغان تۇنجۇقۇپ ئۆلۈش ئېھتىماللىقىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ دەپ دىياگنوز قويىدۇ.
شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ دېلوغا قاراپ چىقىش جەريانىدا، شىياۋما تولۇق ھەق تەلەپ ئىقتىدارىغا ئىگە كىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن، زىيادە ھاراق ئىستېمال قىلىشنىڭ جىسمانىي ساغلاملىققا زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، شۇنداق تۇرۇقلۇق ھاراق ئىستېمال قىلىغاندىن كېيىنمۇ، ئىككى جاۋابكار بىلەن داۋاملىق ھاراق ئىستېمال قىلغان، شۇڭا ئۆزىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە قارىتا ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، جاۋابكار شىياۋۋاڭ زىيادە ھاراق ئىستېمال قىلىشنىڭ جىسمانىي ساغلاملىققا زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، شۇنداق تۇرۇقلۇق شىياۋۋاڭنىڭ ھاراق ئىستېمال قىلغانلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپمۇ، ئۇنى ھاراق ۋە سورۇن بىلەن تەمىنلەپ، ئۇنىڭ بىلەن داۋاملىق ھاراق ئىچكەن، شۇڭا شىياۋمانىڭ ئۆلىشىدەك زىيانلىق ئاقىۋەتكە قارىتا مەلۇم دەرىجىدە سەۋەنلىكى بار، جاۋابكار شىياۋلىيۇ بىرگە ھاراق ئىستېمال قىلغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەست بولۇپ كەتكەن شىياۋمانى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش كېرەك ئىدى، ئەمما جاۋابكار شىياۋلىيۇ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا دىققەت قىلماي، مەست بولۇپ قالغان شىياۋمانى يېرىم يولدا يالغۇز تاشلاپ قويۇپ كېتىپ قالغان، شىياۋمانىڭ ئۆلىشىدەك زىيانلىق ئاقىۋەتكە قارىتا زور سەۋەنلىكى بار، شۇڭا ئىككى جاۋابكار سەۋەنلىك دەرىجىسىگە ئاساسەن ئۆزلىرىگە مۇناسىپ ھەق تەلەپ مەسئولىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك دەپ قاراپ، جاۋابكار شىياۋۋاڭغا ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا دەپنە خىراجىتى، ئۆلۈم تۆلەم پۇلى ئۈچۈن 32646.05يۈەن، جاۋابكار شىياۋلىيۇغا ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا دەپنە خىراجىتى، ئۆلۈم تۆلەم پۇلى ئۈچۈن 65292.1يۈەن تۆلەشكە ھۆكۈم چىقاردى.
مەنبە:ئاپتۇرلارنىڭ قەلىمى.
ئەسكەرتىش :پەقەت ئىبرەت ئالساقلا بولدى. مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە زىت ئېنكاسلارنى يېزىپ يۈرمەڭ.چۈنكى،بۇنداق ھاراق پاجىئەسى بىزدىمۇ ئىنتايىن كۆپ.