مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: تۇران

تۈركىيە زۇڭلىسى ئەردوغان ئەپەندىنىڭ 2012- يىللىق نۇتىقى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37386
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4467
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 989 سائەت
تىزىم: 2011-4-12
ئاخىرقى: 2014-9-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-13 09:25:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھۆرمەتلىك قاتناشقۇچىلار ....
ھۆرمەتلىك قېرىنداشلىرىم....
مۆھتىرەم خانىملار ئەپەندىلەر ...
سىلەرگە چىن يۈرۈكۈمدىن سالام يوللايمەن ....
تۇغۇلىشىنىڭ خاتىرە كۈنىدە ئاللاھنىڭ سالامى ئالەملەرگە
رەھمەت بۇلۇپ ئەۋەتىلگەن  ھەزرىتى پەيغەمبىرىمىزغا بولسۇن.
ئاللاھتىن يەنە بىر قېتىم بىزلەرنى رەسۇلۇللاھنىڭ شاپائىتىگە
ئىرىشتۈرۈشىنى تىلەيمەن .
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھەزرىتى رەسۇلىمىزنىڭ ئەھلى ئائىلىسى ۋە
ئەسھابىلىرىنى ھۆرمەت بىلەن ياد ئىتىمەن ، ئاللاھنىڭ سالامى
ئۇلارغا بولسۇن .
يەنە بىر قۇتلۇق تەۋەللۇت خاتىرىسىگە بىزلەرنى ئۇلاشتۇرغان
ھەبىبىنىڭ دۇنياغا كىلىشىنىڭ خاتىرە كۈنىنى چۈشۈنۈش بىلەن
بىزنى شەرەپلەندۈرگەن رەببىمگە ھەمدۇ سانا ئېيتىمەن .
دىننى ئىشلار مىنىستىرلىكىنى ھۆرمەتلىك مىنىستىر ۋە
گۇرۇپپىسىنى قۇتلۇق تەۋەللۇت خاتىرىسىنى ئۈگۈتىشنى ئاساس
قىلغان بىر پۇرسەتكە ئايلاندۇرغانلىقى ئۈچۈن  ئالاھىدە
قۇتلۇقلايمەن  .1989 يىلدىن باشلانغان قۇتلۇق تەۋەللۇت
خاتىرىسى  2012-يىلىدىمۇ داۋام قىلىۋاتىدۇ .
ئىنشا ئاللاھ جان تەندە بولىدىكەن بۇنى داۋاملاشتۇرايلى .....
ھۆرمەتلىك رەسۇلىمىزدىن بۇ مىللەت بۇ ياشلار بۇ بالىلار
ئايرىلىپ قالمىسۇن ،ئۇنىڭ بىلەن يېتىم ئۇنىڭ بىلەن قوپسۇن
ئىنشا ئاللاھ.
بۇ يىغىلىشنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن جاپا چەككەنلەر ئۈچۈن
دۆلەت ۋە مىللىتىم نامىدىن رەھمەت ئېيتىمەن ....
ھۆرمەتلىك قېرىنداشلىرىم ،جانابى ئاللاھ بىر ھەدىس قۇددۇستا
پەيغەمبىرىمىزغا ئەگەر سەن بولمىغان بولساڭ ئالەملەرنى
ياراتمايتتىم دەيدۇ، رەسۇل ئەكرەم (سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسەللەم)پەقەت چۆلگە ئايلىنىپ قالغان يۈرەكلەرنى ئەمەس
مەۋجۇتلۇقى بىلەن ئالەملەرنى نۇرلاندۇرغان مەۋجۇتلۇققا مەنا
قوشقان مەۋجۇتلۇقىنىڭ مەنىسى بولغان بىر شەخىستۇر
قېرىنداشلىرىم .نىمدىگەن بۇيۇك بىر ھىكمەتتۇركى ئۇ ئاللاھنىڭ
ئەلچىسى ئىدى ،ۋە شۇنداقلا ئاللاھنىڭ قۇلى ،ۋە بىر ئىنسان
ئىدى .ھەزرەتى پەيغەمبىرىمىز(سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم)
تۇغۇلىشىدىن-ۋاپاتىغىچە ھەرزامان ئۆزىدىن بۇرۇنقىلارغا ۋە
ئۆزىدىن كىيىنكىلەرگە ئۈلگە بولدى ،ھاياتى بىلەن پۈتۈن
بەشەرنىڭ ھەرانلىقىنى ۋە مۇھاببىتىنى جەلىپ قىلدى.
ئاللاھ رەسۇلىمىزنىڭ ھۆرمىتىگە ياراتقان بۇ ئالەمنىڭ ئاددى
تۇپراقلىرىدا تۇغۇلغان ۋە ياشىغىنىغا ئوخشاش ھاياتىدىمۇ
ئاددى-ساددىلىقنىڭ ئۈلگىسى بولدى .
كىيىم-كىچەك ،يىمەك-ئىچمەك ،مال-دۇنيا ئالدىدىمۇ
ئاددى-ساددىلىقتىن ۋاز كەچمىدى ،مەرتلىك ،تەۋازۇ ،مۇھاببەت
،قۇۋۋەت ،جاسارەت، ۋاپاغا ئوخشاش ئىنساننىڭ ئەڭ ياخشى
پەزىلەتلىرى ئۇنىڭ رۇھىدا بار ئىدى .
گۈزەل ئەخلاقى بىلەن پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئۈلگە بولغان ۋە
يول كۆرسەتكەن ئىدى . ئۆتكەن يىلى تۆتىنجى ئايدا 2011-
يىلى قۇتلۇق تەۋەللۇت خاتىرىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىمۇ  
دىگەن ئىدىم ،ھەزرىتى پەيغەمبىرىمىز(سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسەللەم) ئىسمىنى ئاتاپ قۇيۇش ئەمەس ئۇنى چۈشۈنىشىمىز
كىرەك بولغان بۇنىڭ مەسئۇلىيىتىنى بىزگە يۇكلىگەن بىر
شەخىستۇر .ھەزرىتى پەيغەمبىرىمىز(سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسەللەم) نىڭ ھاياتى ۋە ئۈلگىلىك سەخسىيىتى، كىبىردىن
،ئۆچمەنلىكتىن ، غەيۋەتتىن ۋە غەرەزدىن،يىراق ئىدى .
رەسۇلىمىز(سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم)  ئىنساننى كور قىلغان
ئۇ كور ئىدىلوگىيەدىن ،ئادالەتسىزلىكتىن ،زۇلۇمدىن ،يىتىمنىڭ
ھەققىنى يىيىشتىن ،يىراق بىر شەخسىيەت ئىدى.رەسۇلىمىزنىڭ
(سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم) ھەرقانداق ۋاقتى زۇلمەتنى
،قاراڭغۇلۇقنى ،كۆڭۈل كورلىقىنى داۋالايدىغان قەلىپ كۆزىنى
ئاچىدىغان بىر شىپادۇر. ئۇنىڭ بىزگە ئەۋەتكەن ئۇچۇرى،ماكان
ۋە زاماننىڭ ئو تەرىپىدە بولغانغا ئوخشاش تىللارنىڭ ۋە
مىللەتلەرنىڭ ئۈستىدىدۇر، سۈبىھسىزكى رەسۇل ئەكرەم (
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم)نىڭ ھاياتىنىڭ ھەر دەقىقىسى
پۈتۈن ئىنسانىيەت ئۈچۈن قايتا-قايتىلاپ ئوقۇلىدىغان
يادلايدىغان بىر دەرىستۇر.
قۇرئان كەرىم ئىنسانىيەتكە يول كۆرسەتكۈچى رەھبەر ۋە نۇر
بولسا ،ئوخشاشلا ئەھمەد،مەھمۇد،مۇھەممەد
مۇستافا(سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم)نىڭ ھاياتى سۈننىتى
ئىنسانلار ئۈچۈن يولباشچى ،يول كۆرسەتكۈچىدۇ ۋە رەھبەردۇر.
قاراڭلار ھۆرمەتلىق قېرىنداشلىرىم ..
بىر بالا ئەقرەبە مۇنداق دەيدۇ ، دادام ئەقرەبە ئۇھۇد ئۇرىشىدا
بولغاندىن كىيىن يىغلىغان ھالدا رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا باردىم ،
ئۇ ماڭا مۇنداق دىدى:ئى سۈيۈملۈك نىمىشقا يىغلايسەن
،يىغلىما ،پەس بول ،سىنىڭ داداڭ مەن بۇلاي ئاناڭ ئائىشە
بولسۇن ،خالامسەن ؟
دىدىمكى ئاتا-ئانام ساڭا قۇربان بولسۇن يا رەسۇلۇللاھ....
بەك خالايمەن .
ئاندىن بېشىمنى سىلىدى ،
ھەزرىتى پەيغەمبىرىمىز (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم)مۇنداق
دەيدۇ:كىمكى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن بىر يىتىمنىڭ بېشىنى
سىلىسا قۇلى تەگكەن چاچنىڭ جىقلىقىدا ساۋاپ يېزىلىدۇ .
كىمكى يېنىدىكى ئوغۇل-قىز يىتىمغا ياخشىلىق قىلسا ،رەسۇلۇللاھ
ئىككى بارمىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئۇ مەن بىلەن جەننەتتە
مۇشۇنداق بولىدۇ دىگەن.
رەسۇلىمىز(سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم) يولدا بالىلارغا سالام
بىرىپ ئەھۋال سۇراپتۇ كۆزيېشىنى ئېيتىپتۇ،قۇچقىچى ئۆلۈپ
قالغان بىر بالىنىڭ يېنىغا ئەھۋال سۇراپ بېرىپتۇ،شۇنداق ئۇ
مىھىرنىڭ پەيغەمبىرىدۇر،ئۇ شەپقەتنىڭ مۇھەببەتنىڭ  
پەيغەمبىرىدۇر،دۇنيادىكى پۇتۇن بالىلارنى بۇنداق ئۆرنەك
ھاياتنى ئۈگۈنۈشتىن مەھرۇم قىلماسلىقىمىز كىرەك  .
بىلىسىلەر،
بۇ ھەقتە مۇھىم بىر قەدەمنى ئۈتۈپ كەتكەن كۈنلەردە باستۇق .
بالىلىرىمىزنىڭ ئەمدە مەكتەپلەردە تاللاپ قۇرئان كەرىمنى
شۇنۇڭ بىلەن بىرلىكتە ھەزرىتى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھاياتىنى
يەنى سۈننەتنى ئۈگۈنەلىشى ئىستىقبالىمىز نامىدىن
،دۆلىتىمىزنىڭ ۋە مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى نامىدىن ، تالاش-
تارتىش قىلىنمايدىغان بىر پۇرسەتتۇر. بۇنداق بىر پۇرسەتنىڭ
بولىشى بالىلىرىمىز ئۈچۈن  ئائىلىلىرى ئۈچۈن بۇنداق بىر
ئىمنكاننىڭ بولىشىنىڭ بەختىيارلىقى ئىچىدىمىز .
بۇ يەردە شۇنى دىمەكچىمەنكى :
ھۆرمەتلىك قېرىنداشلىرىم ، قۇرئان  بىزەك ماتىريالى ئەمەس ،
قۇرئان بىر ئىلھام مەنبەسىدۇر .
ئىستىقلال شائىرىمىزنىڭ ئىپادىلىشى ناھايىتى ئېنىق ناھايىتى
مەنالىق ئىپادىلەپتۇ .

يا ئېچىپ قارايمىز نازمى جەلىلنىڭ ياپرىقىغا ،
ياكى پۈۋلەپ كىتىمىز ئۈلۈكنىڭ تۇپرىقىغا.
چۈشمىگەندۇر قۇرئان بۇنى ھەققى بىلەن بىلىڭ ،
نە مازاردا ئوقۇماق نە پال ئېچىش ئۈچۈن ....

بىز ئۈچۈن پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۈممىتى بۇلۇش شان شەرىپىگە
لايىق مىللەت بولۇپ ئۇنۇڭ ھاياتىنى چۈشۈنۈش ،ئۇنىڭ
ھاياتىنى ئۈگۈنۈشتىن مۇھىم نىمە ئىش بۇلىشى مۇمكىن ؟؟
مانا بۇ ھۆرمەتلىكلەر ھۆرمەتلىكىنىڭ ھاياتىنى چۈشۈنۈش،
ئۈگۈنۈش ،ئۇنى ھاياتىمىزغا بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈن
پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھاياتىنىڭ مەكتەپلەردە دەرىسلىككە
قۇشۇلىشى ناھايىتى مەنىلىك ،
پەيغەمبەرنىڭ يۈرىكى ئۇقەدەر كەڭ ،ئۇقەدەر باي،ئۇقەدەر
مىھىر بىلەن تولغانكى  ئۆزىگە ئۆچمەنلىك قىلغانلاردىن تارتىپ
ئۇ يۈرەكتە شەپقەت ۋە مەرھەمەت بىلەن ئۆزىگە يەر تاپالىغان
پەيغەنبىرىمىزنىڭ ھاياتىنىڭ ئۈگۈنۈشىتىن قورققانلارمۇ
ئىشىنىمەنكى ئۇنىڭ ھاياتىنى ئۇقىغىنىدا  بىكاردىن
قورققانلىقىنى بىلىدۇ .
دىن ۋە مەنىۋىيەت خۇددى نانغا ئوخشاش،سۇغا
ئوخشاش،ھاۋاغا ئوخشاش ئىنسانىيەت ئۈچۈن ،كۆڭۈللەر
ئۈچۈن ۋازكىچىلمەس ئىھتىياجدۇر.
ئىمان يارىتىلىشنىڭ سەۋەپچىسىدۇر،
ئىمان ئۇ جەۋھەردۇركى نىمدىگەن ئۇلۇغ،
ئىمانسىز يۈرەك بەدەنگە يۈكتۇر.
بەزى جامائەتلەرنىڭ ،ياشلارنىڭ ،بالىلارنىڭ مەنىۋىي
قىممەتكە ئىگە بولىشىنى ئىشەنچلىرىنى توسۇشنى نىيەتقىلغان
ئىرادىسى ۋە ھەر ئىدارە قىلىشى تارىختىن بۇيان مەغلۇبىيەتكە
مەھكۇم بۇلۇپ كەلگەن . ماشىنا،روھسىز،ماددىزىم نەسىللەرنى
يىتىشتۈرۈش پىلانلىرى دۇنيانىڭ ھەرقانداق يىرىدە مەغلۇبىيەت
بىلەن ئاخىرلاشقان. كىتاپلار چەكلەنگەن ، مەدرىسلەر تاقالغان
،ئەزانلار چەكلەنگەن ،مەسچىتلەر پىچەتلەنگەن ،بالىلارنىڭ
قۇرئان ۋە ھەدىس ئۈگۈنىشى چەكلەنگەن،بولسىمۇ بىراق
خەلىق  ياكى دىنىدىن ۋەياكى دىنى تەربىيەدىن زۇلۇم
بەدىلىگەن بولسۇن جېنى بەدىلىگە بولسۇن ھەرگىز ۋاز كەچكەن
ئەمەس..
تارىخى يەكۈن ئىنسانلارغا شۇنى كۆرسەتتىكى دىن ۋە
مەنىۋىيەت تەربىيىسىنى چەكلەش ئۇنى يوق قىلىۋىتەلىگەن  
ئەمەس پەقەت يەر ئاستىغا ئىتتىرىپ قۇيالىغان  .  مىللىي
،مەنىۋىي،دىنى قىممەتلەرنىڭ ئەركىن تەربىيەلىنىشنى تەسسىس
قىلىش بۇ تۈردە كىرەك بولغان ئىمكانلارنى ساقلاپ قېلىش بولسا
ھۆر ساغلام ئەۋلاتلارنىڭ يىتىشىپ چىقىشىغا مەيدان ھازىرلىغان
بۇ يەردە شۇنىمۇ ئىسىڭلارغا سەپ قۇياي :
بۇ تۇپراقلار قۇرئاننىڭ ئىشلىشى بىلەن يۇغۇرۇلغان تۇپراقلاردۇر.
بۇ تۇپراقلار ۋە بۇ بۈيۈك تارىخ قورئان كەرىم ۋە رەسۇلۇللاننىڭ
سۈننىتى بىلەن مۇكەممەللەشكەن تۇپراقلاردۇر.
ئىستىقلال مارشىمىزنىڭ شۇ مىسرالىرى بۇ تۇپراقلارنىڭ روھى
يىلتىزىنى ۋە ئىقلىمىنى ئەڭ گۈزەل شەكىلدە ئىپادىلەيدۇ.
بۇ ئەزانلار شاھادەتلەر دىننىڭ ئاساسى ئەبەدى يۇرتۇمنىڭ
ئۈستىدە ياڭرىشى كىرەك.  
شۇنداق بۇ ئەزان بۇ تۇپراڭلار ئۈستىدە ياڭراپ بۇ قۇرئان بۇ
تۇپراقلار ئۈستىدە ئوقۇلۇپ ھەزرىتى پەيغەمبىرىمىز بۇ تۇپراقلاردا
ناماز ۋە سالامدا ئەسلىنىدىكەن زاۋاللىق بۇ تۇپراقلاردا ھۈكۈم
سۈرەلمەيدۇ !!!!
ھۆرمەتلىك قېرىنداشلىرىم ...
بۇ يىلقى قۇتلۇق تەۋەللۇت خاتىرىسىنىڭ باش تىمىسى
قېرىنداشلىق ۋە قېرىنداشلىق ھەققى قىلىپ بىكىتىلدى،
ئالدى بىلەن بۇنداق ناھايىتى مۇھىم ھاياتى ۋە مۆمىنلەر
ئىھتىياجلىق بولغان پىرىسىپنى ئەسكەرتكەن ۋە بۇنداق
ناھايىتى مۇھىم بولغان مەۋزۇنى كۈن تەرتىپكە قويغانلىقى
ئۈچۈن دىننى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە ۋە مىنىستىرغا ۋە
ھەييەتلىرىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن .
بۇ دىننغا ۋە بۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشىلەر بولغانلىقىمىز ئۈچۈن
قېرىنداشلىق ۋە قېرىنداشلىق ھەققىنى  يەنە بىر قېتىم ئەسكە
ئېلىش ئۈستىدە ناھايىتى سەزگۈر تۇرۇش ۋە ئويلىنىشقا
تىگىشلىك ئىكەنلىكىمىزنى بىلىش كىرەك.
ئىلاھى ئۇچۇرنى نەچچە قېتىم ئاڭلىدۇق ،ئىماملىرىمىز ئوقىدى
ئاڭلىدۇق،مىنىستىرىمىز مۇ ئوخشاش ئىپادىلىدى،ئىلاھى ئۇچۇر
بولسا پەقەت ئىشەنگەنلار قېرىنداشتۇر.
ھەزرىتى پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم) مۇنداق
بۇيرىدۇ: مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشىدۇر،ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلمايدۇ
،ئۇنى ياردەمسىز قويمايدۇ ،ئۇنۇڭغا ھاقارەت قىلمايدۇ ،ئۈچ
قېتىم يۈرىكىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ تەقۋا مانا بۇ يەردە دەيدۇ .
مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشىنى خورلىشى كىشىگە يامانلىق بۇلۇپ
قايتىدۇ، ھەر مۇسۇلماننىڭ شان-شەرىپى ،جېنى ،مېلى ۋە
غۇرۇرى ، يەنە بىر مۇسۇلمانغا  ھارامدۇر.
شۇنداق ھۆرمەتلىك قېرىنداشلىرىم .....
بۇ ناھايىتى ئاددى چۈشۈنىشلىك ئىپادىلەنگەن پىرىنسىپ
ھاياتىمىزنىڭ  ۋە مۇناسىۋىتىمىزنىڭ ئاساسىنى بارلىققا
كەلتۈرگەن ،بۇ پىرىنسىپنى چۈشەنگەن بۇ پىرىنسىپقا قىزىققان
،بۇ پىرىنسىپقا قەلبىدىن ئۇرۇن بەرگەن جامائەت ھەر مەيداندا
خاتا چۈشۈنۈشلەرنى ھەل قىلغان ئۆچمەنلىكلەرنى ئۇنۇتقان ۋە
يارىشىشنى قولغا كەلتۈرگەن جامائەتتۇر .
دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردىن مەزھەپلەر،
مىللەتلەر،ئىرىقلار،قەبىلىلەر،خەلىقلەر،خوشنىلار ھەتتا ئايرىم
ئايرىم شەخىسلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگىچە ھەر يەردە
كۈزىتىشىمىز كىرەك بولغان پىرىنسىپ پەقەت ۋە پەقەت
قېرىنداشلىقتۇر .
بۈگۈن ئافغانىستاندا،ئىراقتا،پەلەستىندە،لىۋىيەدە، بىز شاھىت
بولغان بۇ ئېچىنىشلىق مەنزىرە مانا بۇ پىرىنسىپنىڭ
قېرىنداشلىق ۋە قېرىنداشلىق ھەققى پىرىنسىپىنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى
نەتىجىسىدۇر.
بۈگۈن سۈرىيەدە ھەزرىتى پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇبارەك
ئاياغلىرىنىڭ تەگكەن ئەھلى ئائىلىسىنىڭ ساھابىلىرى
قەبىلىلىرى بىلەن شەرەپلەنگەن تۇپراقلاردا ئاققان قان مانا بۇ
پىرىنسىپنىڭ قېرىنداشلىق ۋە قېرىنداشلىق ھەققى پىرىنسىپىنىڭ
بۇزۇلغانلىقىنى نەتىجىسىدۇر.
سۈننى مەزھىپىنىڭ شىئە مەزھىپىنى ھۇسايرىنىڭ سۈننىنى
ئۆلتۈرۈشى ئىختىلاپلارنىڭ رەھمەت بولماستىن ئۆچمەنلىككە
ئايلىنىشىنى ئەسلا قۇبۇل قىلغىلى بولمايدۇ .قېرىنداشلىق ۋە
قېرىنداشلىق ھەققى ھەممىمىزنىڭ ۋە كىشىنىڭ ھاياتىدا ئۈستۈن
تۇرىشى ھەر ھەركنىڭ ،ھەر يۈرۈش تۇرۇشنىڭ باشلامچىسىغا
ئايلىنىشى كىرەك . قوشنا قوشنىسىغا قېرىنداشلىقنى ئاتىشى كىرەك
،يولدىكى يۇلۇچى بۇ پىرىنسىپنى ھىس قىلىشى كىرەك ،ھەر
ھۈنەرۋەن ،ھەر تىجارەتچى،ھەر ئىشچى،ۋە ئىش بەرگۈچى بۇ
پىرىنسىپنى يادىدا تۇتىشى كىرەك ،سىياسەتچى ،باشقۇرغۇچى
،مەمۇرى خادىم،پۈتۈن مۇناسىۋەتلىرىدە قېرىنداشلىق ۋە
قېرىنداشلىق ھەققى كۈزىتىشى كىرەك ،ئوخشاش مەدەنىيەتنىڭ
ئوخشاش ئۆرپ-ئادەتلەرگە مەنسۇپ كىشىلەر بۇلۇش سۈپىتىمىز
بىلەن ئوخشاش قىبلىگە يۈز كەلتۈرگەن ،ئوخشاش سەجىدىدە،
ھۆرمەتلىق قېرىنداشلىرىم ،ئاللاھتىن باشقا ھېچكىمنىڭ ئالدىدا
ئىگىلمىگەن جامائەتلەر ،دۆلەتلەر بۇ نازۇك پىرىنسىپقا ئالاھىدە
رىئايە قىلىشى كىرەك. بۈگۈن بۇ زامانىۋى دۇنيادا
مۇسۇلمانلارنىڭ بىر-بىرسىگە قارشى چىقىۋاتقان بۇ چوڭ
مەسىلىلەر ئەپسۇس مانا بۇ قېرىنداشلىقتەك ئەڭ ئاددى
پىرىنسىپنىڭ بۇزۇلىشىنى نەتىجىسىدۇر.بۇ ئاساسى پىرىنسىپلارنى
يېڭىدىن ئەسكە ئالغىنىمىزدا يېڭىدىن يولغا قويغىنىمىزدا بۇ
مەسىلە ئۈستىدە سەزگۈلۈك بىلەن تۇرغىنىمىزدا ئەڭ چوڭ
مەسىلىلەرنىڭمۇ ئاسان ھەل بولىدىغانلىقى سۈبىھسىردۇر.
مەن بۇ ئويلار بىلەن سۆزۈمنى ئاخىرلاشتۇرغاچ  مەرھۇم
ئاكىفنىڭ بۇ مىسرالىرىنى يەنە بىر قېتىم ئىسىڭلارغا سېپ
قويماقچىمەن . قۇتلۇق تەۋەللۇت خاتىرىسىدە ھەزرىتى
پەيغەمبىرىمىزنى ناماز ۋە سالام بىلەن ياد ئىتىمەن ،رەببىمدىن
بىزنى ھەزرىتى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ياخشى ئۈممەتلىرىدىن
قىلىشىنى تىلەيمەن . بىزنى رەسۇلىمىزنىڭ شاپائىتىگەن
ئىرىشتۈرىشىنى رەببىمدىن تىلەيمەن .
مانا نۇتۇقنى تەرجىمە قىلىپ قويدۇم بۇنى ئوقۇپ چىقىپ ئاندىن تارتىشارسىلەر.
تەرجىمە قىلغۇچى :نۇرئېلى



















بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nureli0991 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-13 09:35 PM  


ھازىرغىچە 6 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
sub_hi + 200 بەكمۇ سۆيۈندۈم.
zumrettash + 100 ھەجەپ ياخشى ئىش قىلدى.
ay-turk + 100 ماختاشقا تېگىشلىك
izqel + 55 ماختاشقا تېگىشلىك
سەھرا ئوغلى + 500 ماختاشقا تېگىشلىك
Suchi + 99 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 1054   باھا خاتىرىسى

ئاللاھۇ ئەكبەر !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 54225
يازما سانى: 444
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10045
تۆھپە نۇمۇرى: 689
توردا: 226 سائەت
تىزىم: 2011-9-1
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-13 09:51:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
oghuzkhan يوللىغان ۋاقتى  2012-11-13 03:39 PM
مۇسۇلمان مەملىكەتلىرىدە ، پاھىشخانىنىڭ قانۇنلۇق بول ...


    كىم سىزگە تۈركىيە مۇسۇلمان مەملىكەت  دېدى .قارىغاندا ئۆزىڭىز دۇنيادىكى دۆلەتلەرنى مۇسۇلمان دۆلەتلەر كاپىر دۆلەتلەر دەپ ئىككىگە ئايرىۋىلىپ ئاندىن مۇسۇلمان دۆلەتتە ھەممە ئىشلار چوقۇم ئىسلام شەرىئىتى بىلەن ماڭىدۇ دەپ ئويلاپ قالغان ئوخشايسىز .تۈركىيە دېموكراتىڭ سوتىسيال جۇمھۇرىيەت ئىسلام خەلپىلىكى ئەمەس .تۈركىيەدىكى 90 پىرسەنت خەلق مۇسۇلمان ئەمما دىن بىلەن سىياسى ئايرىۋىلگەن تۈزۈم . مەن باشتىلا دەپ ئۆتتۈم ھازىر بىرمۇ ئىسلامى چۈشەنچىنى تولۇق ئىجرا قىلغان دۆلەت يوق دەپ .پاھىشخانا ئوچۇق يولغان قويۇلغان يەردىن مەخپى يەردە كۆپ بولىدۇ ھەم كېسەل كۆپ تارقىلىدۇ بۇ ئەمەلىيەت بۇنىڭ مۇسۇلمان دۆلەت بولۇش بولماسلىق بىلەن ئالاقىسى يوق . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   minglak0999 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-13 09:52 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ay-turk + 100 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 54225
يازما سانى: 444
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10045
تۆھپە نۇمۇرى: 689
توردا: 226 سائەت
تىزىم: 2011-9-1
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-13 09:56:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
oghuzkhan يوللىغان ۋاقتى  2012-11-13 04:56 PM
قايسى مۇسۇلمان مەملىكىتىدە قۇرئان ۋە ھەدىستىن دەرس ب ...

    سىز خالىسىڭىز پاھىشخانىغا بېرىڭ خالىسڭىز قۇرئان ئۆگىنىڭ دەپ ئەركىنلىك بەرسە ئەقىل ئىگىسى بولغان ئادەم نىمە قېلىشنى ئوبدان بىلىدۇ .ئىسلامدىمۇ مەجبۇرلاش يوق دېموكراتىيەدىمۇ شۇنداق .تۈركىيەدىكى ھېچكىمنى زورلاپ پاھىشخانىغا كىرىڭ دېمەيدۇ .سىزنىڭ دېموكراتىك دۆلەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىشڭىز كېرەك ئىكەن قارىغاندا .

sultanahmat بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-13 10:18:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6395
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9310
تۆھپە نۇمۇرى: 597
توردا: 420 سائەت
تىزىم: 2010-8-15
ئاخىرقى: 2015-1-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-13 10:33:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىسرانىمدا تەرجىمە قىلىنسىمۇ چىقماسلىقى مۇمكىن دىگەن ئىدىم........

ئۈمىد ئەتىنى يار

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39957
يازما سانى: 492
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5022
تۆھپە نۇمۇرى: 240
توردا: 228 سائەت
تىزىم: 2011-5-7
ئاخىرقى: 2015-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-13 11:37:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماۋۇ نۇتۇقنى سۆزلىگەن ئەردوغانغا، تەرجىمە قىلغان دوستىمىزغا ئاللاھ جەننەتنى بەرسۇن!

دۇنيا مەڭگۈلۈك ئەمەس، شۇنىڭدەك دەۋر ھەم مەڭگۈلۈك ئەمەس، ئۇ ھامان ئالمىشىدۇ! شاھ گاداي، پۇقرا بايمۇ بولىدۇ... بۇ دۇنيانىڭ ئويۇنلىرىغا ئاھ ئۇرمىغىن! ئۈمىدۋار بول!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58815
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3134
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 325 سائەت
تىزىم: 2011-10-2
ئاخىرقى: 2013-1-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-13 11:50:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت تەرجمىڭىزگە ،اللا سىزگە جەننەت اتا قلسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87189
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 61
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2012-11-13
ئاخىرقى: 2012-11-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-14 12:12:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nap~rat يوللىغان ۋاقتى  2012-11-13 02:18 AM
تەرجىمە فىلىم تور بىتىدىكى ، فىلىم تەرجىمە قىلىدىغان م ...

ئەپسۇس پەقەت چۈشۈنەلمىدىم،،،،،،،،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24820
يازما سانى: 1521
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20572
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 4073 سائەت
تىزىم: 2011-1-2
ئاخىرقى: 2014-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-14 12:19:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھەممەد پەيغەمبىرىمىز مىلادى571-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى تۇغۇلغان،632-يىلى 8-ئىيۇن مەدىنىدە ۋاپات بولغان،سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز نەپەس ئۈزگەندە ئۇنىڭ دوبۇلغا-ساۋۇتى بىر يەھۇدىغا گۆرۆگە قويۇقلۇق ئىدى،چۈنكى ئۇ يېنىدىكى مال-دۇنيانى داۋاملىق ئاجىز-ئورۇق،يېتىم-يېسىرلەرگە خەيرى ئېھسان قىلاتتى،ياخشى ئىش پائالىيەتلەرگە سەرپ قىلاتتى.ئۇ خەلقىنىڭ بەخت-سائادىتى ئۈچۈن،ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بەردى،قۇربانلىق بەردى،راھەت-پاراغەتنى باشقىلارغا ئۆتۈندى،تالاي قېتىم،ئاچلىق،ئۇسسۇزچىلىق،يوقسۇزلۇقنىڭ دەردىنى تارتتى،سۈرگۈن قىلىندى،ئۇرۇشلاردا يارىلاندى،ھاقارەتلەرگە ئۇچرىدى.ئەمما پەيغەمبىرىمىزدىكى يۈكسەك ئەقىل-ئىدراك،جاسارەت،ئىرادە ،ئۇنى بۇ قىيىنچىلىقلار ئالدىدا قەتئى تىز پۈكتۈرمىدى....چۈنكى ئۇنىڭ ھاياتى ئىنسانلارنىڭ بەخت-سائادىتى ئۈچۈن تىنماي كۈرەش قىلىش،خەلقىنى توغرا يولغا باشلاش ھاياتى ئىدى.

بىلمىگەننى بىلدىم ، كۆرمىگەننى كۆردۇم، ئاڭلىمىغاننى ئاڭلىدىم دېمە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 3902
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17690
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1560 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2014-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-14 12:28:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەرجىمە قىلغان دوستىمىزغا كۆپ رەھمەت   .

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش