halis7575 يوللىغان ۋاقتى 2012-11-13 11:06 AM
كاشكى مەشرەپ شىركىتى زاۋۇتنى شىنجاڭدا قۇرۇپ مەشرەپ مە ...
قېرىندىشىم ئۇيغۇرچە، ئېلىتىرونلىق مەھسۇلاتلارنىڭ دىيارىمىزدا ياسالماسلىقى ئۇنىڭ سۈپىتىدە مەسىلە بارلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. ھەتتا دىيارىمىزدا ياسالسىمۇ سۈپەت جەھەتتە ھېچقانداق پەرقلەنمەيدۇ.
سۈپەتكە كەلسەك بۇ پەقەت شۇ شىركەتنىڭ مەسئۇلىنىڭ ئىنسابىغا باغلىق ئىش. زاۋۇت تەرەپ زاكاسنى قانداق قۇبۇل قىلغان بولسا شۇنداق قۇراشتۇرۇپ بېرىدۇ.
بىز مەشرەپ بىلەن تەبەسسۇمنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىۋاتقىلى خېلى ئۇزۇن بولدى، باھاسى ئوخشاش تۈردىكى مەھسۇلاتلارنىڭكىدىن سەل قىممەت بولغىنى بىلەن سۈپىتى ھەقىقەتەن ئىشەنچىلىك ئىكەن.
ئادەتتە DVD ئاپاراتىنىڭ ئىشلىتىش ئۆمرى بىر يىلدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، بىر يىل بولار بولمايلا كاشىلا كۆرىلىشكە باشلايدۇ. ئەمما مەن 2008ـ يىلى مەشرەپنىڭ DVD ئاپاراتىنى سېتىۋالغان. تا ھازىرغا كەلگۈچە نۇرمال ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇنى 400 يۈەنگە سېتىۋالغىنىمىزدا قوشنىمىز 200 يۈەنگىمۇ بىرەتتى دەپ ئۆزى بىز بىلەن بىللە 220 يۈەنگە باشقا ماركىدىكىن بىرنى سېتىۋالغان. ئۇلار 2011 -يىلىغىچە يىلدا بىردىن ئالماشتۇرۇپ زېرىكىپ بۇ قېتىم 800 يۈەنگە ئىكرانلىق، قوش ياڭراتقۇسى بار miniHDVD ئاپاراتىدىن بىرنى ئالدى. ئىككى يىل بولاي دېدى بىر قېتىمۇ رىمۇنت قىلدۇرۇپ باقمىدى.
سىز ۋە بىز قوللاپ بەرسەك مەشرەپ، تەبەسسۇم قاتارلىق ئۇيغۇر كارخانىلىرىمۇ خەلقئاراغا يۈزلىنەلەيدۇ.
مەن 2009-يىلىمىكىن قەشقەر سانائەت رايۇنىدىكى ئامىنە زاۋۇتىنىڭ يېنىدىكى رۈيشىدا ئامبار مۇلازىمەت شىركىتى ھويلىسىدا ئەللىك نەچچە يەشىك ئۇيغۇرچە DVD نى كۆرگەنىدىم، ئەمما قايسى ماركا ئىكەنلىكى ئېسىمدە قالماپتىكەن. دېمەك ھازىردىن نەچچە يىل بۇرۇنلا ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىغا قاراپ يۈزلەنگىلى تۇرۇپتۇ.