uysoda يوللىغان ۋاقتى 2012-11-13 07:18 PM
ئۇنىغۇ مەنمۇ ئويلاشقان... قىشتا پۇتى ئىسسىمايدىغانلار ...
باھاسى مۇۋاپىق، سۈپىتى ئىشەنچىلىك ئاياغ زاۋۇتى بىلەن ھەمكارلاشسىڭىز ،پىتەك ئاياغنىڭ ئۆزىگىلا ئورۇنلاشتۇرۇلسا ئېغىرلىق ۋە بوشلۇق يىتەرلىك ھەل بولىدۇ. پىتەككە قىلىشقا تەننەرخ كۆپ كېتىدۇ، شۇنداقلا ئىشلىتىش ناھايتى قولايسىز بولۇپ قالىدۇ. ناۋادا ئاياغقا بىرلەشتۈرۈلسە ئاياغنىڭ پاشنىسى باتارىيە قويىدىغان ناھايتى ئەپلىك ئورۇن بولىدۇ، توك تۇلۇقلايدىغاندا پاشنىنىڭ ئالدى تەرىپىگە نوكىيا يانفۇنلىرىنىڭ 6101 تىپلىق زەرەتلىگۈچىسىنىڭ بېشى سەپلەنسە مۇۋاپىق بۇلامدىكىن.
نۇرغۇ كىشىلەرنىڭ پۇتى تەرلەيدۇ. پىتەك پۇتى تەرلەيدىغانلارغا نىسبەتەن ئانچە ياخشى چارە ئەمەس، سىز ياسىغان پىتەك قېلىنلىقى 0.5 سانتىمىر ياكى ئۇنىڭدىن نېپىز بولغاندا ئاندىن بازار ئاچالايسىز. ئۇنىڭدىن قېلىن بۇلۇپ كەتسە ئىشلەتكۈچىگە قولايسىز.
يۇقىرىقىدەك بولغانداسىز باش قاتۇرىدىغان مەسىلە پۇت تەرلىگەندە پىتەك ئېرىپ ياكى يۇمشاپ كېتەمدۇ يوق، ئاياغنىڭ چەمى قېتىغا قۇرۇلما ئورۇنلاشتۇرۇلغاچقا يەرگە تېگىشىپ تۇرىدىغان يۈزى ئۇپىراپ، ئىستىش قۇرۇلمىلىرىغا تەسىر يېتەمدۇ يوق، ئاياغنىڭ پاشنىسى ئاجراپ كەتسە قانداق ھادسە كېلىپ چىقىدۇ؟ دېگەنلەرنى ھەل قىلىش.
بۇنداق ئاياغلار 200 يۈەندىن 500 يۈەنگىچە بازارغا سېلىنسا مۇۋاپىق بولىدۇ. (ئادەتتىكى باھاسىغا 100 يۈەن قوشۇپ )
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا elijan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-13 07:52 PM