كۆڭۈل كۆكسىڭىز كەڭ بولسۇن
فىرانسىيەلىك مەشھۇر ئەدەبىيات پىشۋاسى ھىيوگو مۇنداق دېگەن:«جاھاندا ھەممىدىن كەڭ نەرسە دېڭىزدۇر،دېڭىزدىنمۇ كەڭرەك نەرسە ئاسماندۇر،ئاسماندىنمۇ كەڭرەك نەرسە ئادەمىنىڭ كۆڭۈل-كۆكىسدۇر.»دېڭىز كەڭ بولغاچقا،دۇنيادىكى بارلىق چوڭ-كىچىك دەريا سۇلىرىنى سىغدۇرالايدۇ،ئاسمان كەڭ بولغاچقا،كائىناتتكى بارلىق پىلانېتىلارنى،بۇلۇت-تۈتەك،قار-يامغۇر ۋە بوران-شىۋىرغانلارنى باغرىغا سىغدۇرالايدۇ،ئادەمنىڭ كۆڭلى-كۆكسى كەڭ بولغاچقا،جاھاندىكى بارلىق مېھىر-مۇھەببەت،غەزەپ-نەپرەت،ئۆچ-ئاداۋەت،بەخىت-سائادەت،ئازاپ-ئوقۇبەت ۋە ھۇزۇر-ھالاۋەتلەرنى سغدۇرالايدۇ.
كەڭ قورساقلق-بىر خىل گۈزەل ئەخلاق،بىر خىل ئىدىيەۋى يۈكسەلىك،بىر ئالىيجاناپلىق بۇلۇپ،ئادەمنى تەسىرلەندۈرىدۈ،كىشلەر ئارىسىدىكى خەندەكنى تىندۇرۇپ،كىشلەرگە ئىناقلق،دوسلۇق،ساداقەتمەنلىك ۋە شاد-خۇراملىق بەخىش ئېتىدۇ.
ناپالىيۇن قول ئاستىدىكىلەرگە كەڭ قورساقلق قىلىپ ئادەتلەنگەن مارشال بۇلۇپ،ئىتالىيەنى بويسۇندۇرىدىغان بىر چوڭ ئۇرۇشتا،كېچىلىك قاراۋۇللارنى تەكشۈرگىلى چىقىپ،پوستا تۇرۋاتقان بىر قاراۋۇلنىڭ دەرەخكە يۆلىنىپ ئۇخلاپ قالغانلقنى كۆرۈپ قاپتۇ،ئاشۇ چاغلاردا ئۇرۇش مەزگىلدە پوستا تۇرۇپ ئۇخلاپ قالغانلىق ناھايىتى چوڭ گۇناھ ھېساپلىنىپ جازاغا تارتىلدىكەن،لېكىن ناپالىيۇن بۇ قاراۋۇلنى ئويغاتماپتۇ ۋە ئۇنىڭ مىلتىقىنى ئېلىپ،ئۈن-تىنسىز ئۇنىڭ ئورنىدا پوستا تۇرۇپتۇ،يېرىم سائەتلەردىن كىيىن ،ھېلىقى قاراۋۇل ئويغىنىپ،مارشالنىڭ ئۆز ئورنىدا پوستا تۇرۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ،قورقۇپ جېنى چىققلى تاس قاپتۇ،لېكىن ناپالىيۇن قىلچە ئاچچىقلانماي :
-دوستۇم،مىلتىقىڭىز مەندە،ئۇزاق يول مېڭىپ،دەم ئالماي ئۇرۇش قىلىپ چارچىدىڭىز.شۇڭا پوستا تۇرۇپ ئۇخلاپ قالغانلىقىڭىزنى كەچۈردۈم.لېكىن بىلىشىڭىز كېرەككى،ئۇرۇش ۋاقتىدىكى بىردەملىك بىخەستەلىك پۈتۈن ئارمىيەنىڭ ھالاك بۇلۇشغا سەۋەپ بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن،مېنىڭ ئۇيقۇم كەلمگەندى،شۇڭا ئورنىڭىزدا بىردەم پوستا تۇردۇم،-دەپتۇ مۇلايىم ئاۋازدا.ئۇ قاراۋۇل ئىنتايىن تەسىرلىنىپتۇ،ئۆز گۇناھىغا چەكسىز توۋا قىپتۇ،مارشالغا نىسپەتەن چەكسىز ھۆرمەت ۋە ساداقەت تۇيغۇسى قوزغىلىپ كېيىنكى ئۇرۇشلاردا بۇتۇرلۇق بىلەن ساداقەتمەنلىك كۆرسۈتۈپتۇ.
كىشلەرگە كەڭ قورساقلق قىلىش-بوزەك قىلغانلىق ئەمەس،پىرىنسىپتىن چەتلىگەنلىك ئەمەس،ئىلاجىسزلىقمۇ ئەمەس،بەلكى بىر خىل سالاپەت بۇلۇپ،كەڭ قۇرساقلق قىلىش ئارقىلىق كىشلەر ئارىسىدىكى زىدىيەت ۋە سۈركىلشلەرنى ئازايتقىلى ۋە پەسەيتكىلى بۇلىدۇ،كىشلىك مۇناسىۋەتنى تەڭشىگىلى بۇلىدۇ.كەڭ قۇرساق بۇلۇش كىشلەرنىڭ غەزىپىنى بېسىشى ۋە ئاچىققىغا ھاي بېرىشىدىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنىڭ بىرى ھېساپلىندۇ.
كەڭ قۇرساقلىق خۇددى سەمىميلىك،تىرىشچانلىق ئۈمۈتۋارلىق قاتارلىق قىممەت كۆرسەتكۈچىلىرىگە ئوخشاش كىشلەرنىڭ ئەخلاق ساپاسى ۋە خسلىتىنى ئۆلچەيدىغان بىر خىل ئۆلچەم بۇلۇپ،قارشى تەرەپكە بولغان ھۆرمەت ۋە ئامراقلقىنى ئىپادىلەيدۇ،قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇۋالالايدۇ.
مەلۇم بىر شىركەت قارمىقىدىكى تارماق شىركەتنىڭ ئايال دېرىكتورى كاماندىروپكىغا بارغاندا قول سومكىسىنى يوقىتىپ قۇيۇپتۇ،سومكىدا شىركەتنىڭ تامغىسى،ۋە باشقا ھۆججەتلەر بار ئىكەن،قايتىپ كېلىپ باش شىركەتنىڭ لىدىرىغا ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ،ئۆزىنىڭ خىجللىقىنى ۋە ئەندىشىنى ئىپادىلەپتۇ.
-كېرەك يوق،سىزگە يەنە بىر سومكا تەقدىم قىلاي،خىزمەتلەرنى بەك ئوبدان ئىشلەۋاتىسىز،ئازراق كۆڭلۈمنى ئىپادىلىمەكچى بۇلۇپ،پۇرسەت تاپالماي يۈرگەن ئىدىم،مانا پۇرسەت كەلدى-دەپتۇ لىدىر سومكىنى بېرىپ كۈلۈمسىرگەن ھالدا.لىدىرنىڭ ئاچىچقلانماي،ئەيىپلىمەي كەڭ قورساقلىق قىلغانلىقىنى ھېس قىلغان دېرىكتور،خىزمەتلەرنى تېخىمۇ جان كۆيدۈرۈپ ئوبدان ئىشلەپتۇ.باشق شىركەتلەرنىڭ ئۇنىڭغا كۆزى چۈشۈپ،تېخىمۇ يۇقىرى تەمىنات بىلەن تەكلىپ قىلسىمۇ،قىزىقماي ئۆز شىركىتىدە ئىشلەۋېرىپتۇ.
كىشلەر ھاياتلىق يولىدا بىر-بىرى بىلەن بولغان تالاش-تارتىشتىن،ئۆز-ئارا ئىختىلاپتىن،بىر-بىرىگە ئازار بېرىپ قۇيۇشتىن خالىي بولالمايدۇ.ئەڭ مۇھىم،ياۋاش،ئاق-كۆڭۈل كىشلەرمۇ باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىپ قۇيۇشتىن ساقلىنالمايدۇ.شۇڭا ئۆزگىلەر ئۆتكۈزگەن سەۋەنلىك ۋە گۇناھلارنى كەچۈرۋىتىشىمىز لازىم.
قەدىمكى زاماندا ئۆتكەن بىر پادىشاھ ، ئۇرۇشتا خىزمەت كۆرسەتكەن بارلىق سانغۇن ۋە مەشقاۋۇللارنى يىغىپ غەلبىنى تەبرىكلەش پائالىيتى ئۆتكۈزۈپتۇ . ھەممە ئادەم خۇشال – خۇرام تەپ – ئىچىپ ، ئويناپ – كۈلۈپ يېرىم كېچە بولغاندا ، ئۇشتۇمتۇت شامال چىقىپ ، زالدىكى شاملارنى ئۆچۈرۋېتىپتۇ . قاراڭغۇچىلىقتا ، خانىشنىڭ « ۋايجان!» دېگەن ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ. پادىشاھ نېمە بولغانلىقىنى سورىغاندا :
- بىرسى قۇلۇمنى تۇتىۋالدى ، مەن ئۇنىڭ دۇبۇلغىسىدىكى ئوتۇغاتنى يۇلۇۋالدىم ، شامنى ياندۇرۇپ تەكشۈرەيلى ، دۇبۇلغۇسىدا ئوتۇغاتى يوق كىشى دەل ئاشۇ گۇناھكارنىڭ ئۆزى شۇ،- دەپتۇ خانىش غەزەپلىنىپ . ئەينى زاماندا خانىشنىڭ قولىنى تۇتۇش ناھايىتى چوڭ جىنايەت ھېسابلىنىپ كاللىسى ئېلىندىكەن .
- شاملار يورۇتۇلۇشتىن بۇرۇن ھەممىڭلار دۇبۇلغاڭلاردىكى ئوتۇغاتنى يۇلۇۋېتىپ يەرگە تاشلاڭلار ! – دەپ پەرمان چۈشۈرۈپتۇ پادىشاھ توساتتىنلا . شۇ ھامان ھەممەيلەن پادىشاھنىڭ پەرماننى بەجا كەلتۈرۈپ ، ئوتۇغاتنى يەرگە تاشلاپتۇ – دە ئاندىن شاملار يورۇتۇلۇپتۇ .
- مۇنداق قىلساق گۇناھكارنى تېپىشتىكى بىردىنبىر دەلىل – ئىسپات يوقىلىدىغۇ؟-دېيىشىپتۇ زالدىكى كىشلەر ھاڭ- تاڭ قېلىشىپ .
- غەلبىنى تەبرىكلەيدىغان بۇ خۇشاللىق كۈندە بۇ ئىشنى سۈرۈشتۇرۈپ كۆڭلۈمنى غەش قىلغۇم يوق ، – دەپتۇ پادىشاھ تەمكىنلىك بىلەن . بۇ ئىش شۇنىڭ بىلەن ئۆتۈپ كېتىپتۇ .
بىر نەچچە يىلدىن كېيىن ، يەنە ئۇرۇش بۇلۇپ ، پادىشاھ قۇشۇنى پاجىئەلىك مەغلۇپ بۇلۇپتۇ . دۈشمەن قۇشۇنى پادىشاھنى تۇتىمىز دەپ ئاختۇرۋاتقاندا :
- پادىشاھ ئالىيلىرى ! كىيىملىرىنى سېلىپ ماڭا بېرىپ ، مېنىڭ كىيىملىمىرىنى ئالماشتۇرۇپ ، ئۆزلىرىنى دالدىغا ئالسىلا ،- دەپتۇ بىر مەشقاۋۇل كىيىملىرىنى پادىشاھقا تەڭلەپ تۇرۇپ ، پادىشاھ كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ كىيىۋېتىپ ، ئۇ كىشىنىڭ كىملىكىنى سوراپتۇ .
- ھېلىقى زىياپەتتە ، خانىش ئوتۇغاتىنى يۇلۇۋالغان گۇناھكار مەن بۇلىمەن ئالىيلىرى ، سىلى مېنى جازادىن قۇتۇلدۇرۇپ ، ماڭا قايتا ھاياتلىق ئاتا قىلغان ئىدىلە ،- دەپتۇ ھېلىقى مەشقاۋۇل .
ئۆزگىگە كەڭ قورساقلىق قىلىش ، ئۆزىگە كەڭ قورساق بۇلغانغا تەڭ . كىشلەر ئۆز ئارا كەڭ قورساق ۋە ئەپۇچان بۇلۇشقا ، بىر – بىرىنى چۈشىنىشكە موھتاج. بىر ئادەمگە كەڭ قورساقلىق قىلسىڭىز ، بىر رەقىبىڭىز ئازىيىپ ، بىر دوستىڭىز كۆپىيىدۇ.ھەممە ئىشلاردا تەلىيىڭىز ئوڭدىن كېلىدۇ . تۇرمۇشتا كۆڭۈلسىزلىكلەر ھەر ۋاقىت ئۇچىراپ تۇرىدۇ ؛دۇنيادا سەۋەبلىك ئۆتكۈزمەيدىغان ، نۇقسانسىز ئادەم يوق . ئۆزگىنىڭ كەتكۈزۈپ قويغان يەرلىرىنى ۋە خاتالىقلىرىنى زۆرۈر تېپىلغاندا كۆرسىتىپ بېرىپ ، ئەيىبلىگەننىڭ يامىنى يوق؛ لېكىن كۆڭۈل – كۆكسىڭىزنى كەڭ تۇتۇپ ، ئەپۇ قىلىۋەتسىڭىز ، دۇنيا تېخىمۇ گۈزەللىشىپ كېتىدۇ .
http://www.iztil.com/773.html