‹‹ئۆي ۋە پىكاپ›› نىڭ جۆرە تاللاشنىڭ ئۆلچىمىگە ئايلىنىشى دەۋرنىڭ پاجىئەسى
ئىستاتىستىكىغا قارغاندا ، جۇڭگودا بويتاق يىگىت-قىز 180 مىليونغا يېتىدىكەن ، ئۆي ۋە پىكاپ بولماسلىق يىگىت–قىزلار ئۇچىرىشىشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولماسلىقىدىكى مۇھىم ئامىلغا ئايلانغان . (11-نۇيابىر شىنخۇا تورى)
ھازىرقى دەۋردە كىشىلەر ئومۇميۇزلۈك مۇنداق دەپ قارىماقتا ، ماددىي شارائىت نىكاھلىنىشنىڭ ئاساسى ، نىكاھلىنىشتا ھىچ بولمىغاندا بىر يۇرۇش ئۆي ۋە ماددىې شارائىت تولۇق بولغان ئالدىنقى شەرت ئاستىدا ، ئاندىن قارشى تەرەپنىڭ خىزمىتى ، ئوقۇش تارىخى ، ئىقتىسادىې شارائىتى قاتارلىقلارنى ئۇقۇشۇش كېرەك . تەكشۇرۇشكە قارىغاندا %80 كە يېقىن بويتاق قىز يىگىتنىڭ ئايلىق كىرىمى 4000 يۈەندىن ئارتۇق بولسا « ئاندىن مۇھەببەتلىشىشكە لايىق كېلىدۇ » دەپ قارايدىكەن . بۇنىڭدىن جۇڭگودىكى يىگىت-قىزلار ئۇچرىشىشىنىڭ خۇددى سودالىشىشقا ، جۆرە تاللاشنىڭ خۇددى مەبلەغ سېلىشقا ، مۇھەببەتلىشىشنىڭ خۇددى تىجارەت قىلىشقا ئوخشاۋاقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ .
ئىلگىرى جۆرە تاللاشتا لايىق كېلىشكە ۋە ئوي-پىكىرنىڭ بىر يەدىن چىقىشىغا ئەھمىيەت بېرىلەتتى ، ھازىر بولسا مەدەنىيەت سەۋىيەسى ، مائاشى ، ئىقىتىسادىي شارائىتىدىكى يۇمشاق–قاتتىق دېتاللارنىڭ تولۇق بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىلىدىغان بولدى . ئىلگىرى ئەر-ئاياللار جاپا مۇشەقەتتە بىللە بولۇشقا ئەھمىيەت بېرەتتى ، ھازىر يىگىتنىڭ ئىقتىسادىي شارائىتى تەلەپنى تولۇق قاندۇرالمىسا قىزلار قەتئىي تەگمەيدىغان بولدى . دەۋر ئىلگىرلەۋاتىدۇ ، جەمئىيەت تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ ، كىشىلەرنىڭ ماددىې ئارزوسىمۇ كۈندىن-كۈنگە زورىيىۋاتىدۇ .
ماددىې تۇرمۇش سەۋىيەسىمۇ جەمئىيەتنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ھۆكۈم قىلىشنىڭ بىر بەلگىسى ، لېكىن ئەگەر ھەدېسىلا ماددىي تۇرمۇشنى قوغلىشىپ ، ماددىي نەرسە ھەممىدىن ئەلا ، پۇل ھەممىدىن ئەلا دېگەن ئىدىيە تەشەببۇس قىلىنىپ ، ئەكىسىچە روھىې جەھەتتىكى ئىنتىلىشكە سەل قارالسا جەمئىيەتنىڭ چېكىنىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ .ئەگەر بىر ئادەم پەقەت پۇل تېپىش ۋە پۇل خەجلەشنىلا مەقسەت قىلسا ، ئۇنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشى بىر غەلىتە چەمبەر ئىچىگە كىرىپ قالىدۇ .ئەسلىدە كۆپ خىل ، مول كىشىلىك تۇرمۇشمۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە كۈچلۈك ماددىې ئارزۇ تەرپىدىن ۋەيران قىلىنىدۇ .
نامراتلارنى ياقتۇرماي ، بايلارنى ياخشى كۆرۇش ئىدىيەسى بۇ دەۋردىكى نىكاھ قارىشىدا بۇرمىلىنىش ۋە شەكىل ئۆزگىرىشنى كەلتۇرۇپ چىقاردى . بەزىلەر : ‹‹ ‹باۋما › پىكاپتا يىغلاشقا رازىمەنكى ، ۋېلىسىپىت مىنىپ كۈلۈشنى خالىمايمەن ›› دېدى . بەزىلەر تېخى ‹‹ پۇلى بار ئەرگە تېگىشنى بېيىشقا قاراپ مېڭىشنىڭ شوتىسى ، ھېسسىيات ئەمدى جۆرە تاللاشنىڭ ئاساسىي ئېقىمى ئەمەس ›› دەپ قارىماقتا . بۇ ئىدىيە جەھەتتىكى چېكىنىش ، دەۋرنىڭ پاجىئەسى ، شۇنداقلا ھەر بىر بويتاق يىگىت-قىزنىڭ بەخىتسىزلىكى .لېكىن تېخىمۇ پاجىئەلىكى قارشى تۇرغۇچىلار ساداسىنىڭ بارغانسېرى پەسىيىپ كېتىۋاتقانلىقى ، جاھاننىڭ رەپتارىغا كىرۋالغۇچىلارنىڭ ، ھەتتا « بويتاقلار » نىڭ بارغانسېرى كۆپىيىپ ، يېقىنقى يىللاردا « بويتاقلار بايرىمى » نىڭ پەيدا بولغانلىقى .
پۇقرالار ئىقتىسادىې جەھەتتە بېيىغاندا ئاندىن جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ ، لېكىن ئەگەر يېڭى دەۋردىكى جۇڭگولۇق يىگىت-قىزلار ئۆي ۋە ئاپتوموبىل قاتارلىق ئىقتىسادىې شارائىتنى جۆرە تاللاشنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىۋېلىپ ، ئەكسىچە ھېسسىياتنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا سەل قارىسا ، بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرالماي ھەتتا بەختكە ئېرىشەلمەيلا قالماي ، ئەكىسچە ئائىلىنىڭ مۇقىملىقىغا ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقىغا پايدىسىز بولىدۇ .
مېنىڭ قارشىمچە ئۆي ۋە پىكاپنىڭ يېڭى دەۋردىكى يىگىت-قىزلارنىڭ جۆرە تاللاش ئۆلچىمىگە ئايلىنىشى ئىدىيە جەھەتتىكى چېكىنىش ، ئۇچىغا چىققان خاتا ئىدىيە ، دەۋرنىڭ پاجىئەسى ھېسابلىنىدۇ . بىر ئادەم ھەقىقىي بەختكە ئېرىشمەكچى بولسا، ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىپ ، ھەقىقىي مۇھەببەتنى تېپىش ئارقىلىق بەختلىك كىشىلىك تۇرمۇشىنى قولغا كەلتۇرۈشى لازىم .نىكاھلىنىش بېيىش يولى ئەمەس ، نىكاھلىنىش ئىككى كىشىنىڭ ئورتاق تۇرمۇش كەچۇرۇپ ، تۇرمۇشتىكى ھەرخىل بوران-چاپقۇن ۋە قىيىن ئۆتكەللەرگە بىرلىكتە يۇزلىنىشنى تاللىشى ، تۇرمۇش جەھەتتىكى ئۆز ئارا تولۇقلىشى بولۇپ ، نىكاھ ماددىې نەرسىلەردىن ئايرىلالمايدۇ ، روھتىن تېخىمۇ ئايرىلالمايدۇ . مەن بويتاق يىگىت-قىزلارغا ئۆزىنىڭ يەنە بىر يېرىمىنى تاللىغاندا چوقۇم ئىدىيەسىنى توغرىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن ، بولمىسا خاتا يولغا مېڭىپ قېلىپ ئۆمۇرلۈك پۇشايمانغا قالىدۇ .
ئاپتور: يۇ شۆلىڭ
تەرجىمە قىلغۇچى: مۇسا ئەخمەت