gilasmurabbasi يوللىغان ۋاقتى 2012-11-15 10:51 PM
ئۆيەڭلارنىڭ چ چ سىما بۇ؟
كەچۈرۈڭ!
ئەزەلدىنغۇ تېمىغا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاس يازمايتىم. مۇسلىنە بىلەن مۇنبەردىكى كۆڭۈل يېقىنلىقىمىزدىن كىچىككىنە چاخچاخ پاراڭ قىلىپ بولسىمۇ كۆڭلۈمنى ئاۋۇندۇراي دەپتىكەنمەن.
قارىغاندا باشقۇرغۇچى بولغانكەنمىز چوقۇم كۈلمەي، قاپىغىمىزنى تۈرۈپ ئىنكاس يازساق بولىدىغان ئوخشايدۇ.
تېما ئېگىسى بۇغالتىر ئەپەندىمۇ ئىنكاسلىرىمىز توغرۇلۇق ھېچقانداق پىكىر بەرمىدى. بەلكىم ئۇمۇ ئىنسان ھاياتىدا مەلۇم خوش چاخچاخلارنىڭ بولۇشىنى تۇرمۇشتىن مەنا ئىزدەش دەپ قارىغانلىقتىن توغرا چۈشەنگەن بولسا كېرەك.
بەكمۇ ھەيرانمەن، شۇنچە كۆپ تېمىلاردىكى ئىنكاسلارغا نەزەر كۆزىنى سالماي مېنىڭ ئىنكاسىمغىلا چاپلىشىۋالىدىغان، گىلاس مۇرابباسىنى تولا يەپ ئاچچىقچان بولۇپ قالغان بەزىلەرگە.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-15 11:26 PM