پېقىر توردىشىڭلارمۇ ھۇرۇنلۇقۇمدىن ئەمدى بولسىمۇ بىر ئۇقۇي-دەپ ، شوپورلۇق مەكتەپكە تىزىملاتقان،بېلى بوشلۇق قىلىپ ،نەزەرىيە سىناق ئىمتىھانىنى كىتابنى بىر كۈرۈپلا بىر قېتىم بەرسەم ئۈتەلمىدىم، ئۈتەلمەيلا قالماستىن تەلەپ قىلىنغان 98نۇمۇردىن 9نۇمۇرنى كام ئاپتىمەن.
ھازىر تەلەپ بەك چىڭ ئىكەن. باشقىلارنىمۇ 1نۇمۇر كەملەپ قالسىمۇ نەزەرىيە ئىمتىھانىغا قاتناشتۇرمىدى.
ئۆگىنىشتىن باشقا ئىلاج يوق ئىكەن -دەپ، 3كۈننىڭ ئىچىدە نەزەرىيە كىتاپنى يادلاپ بۇلۇپتىمەن
شۇنداق قىلمايمۇ نىمە ئىلاج.
3كۈندىن كېيىنكى يەنە بىر نەزەرىيە سىناق ئىمتىھانغا قاتنىشىپ ئۆتتۈم. ھالبۇكى ،رەسمىي نەزەرىيە ئىمتىھانىنىڭ بولسا تەلىپى 90 ئىدى. رەسمىي ئىمتىھانىسىدا بولسا ئارتۇق نۇمۇرغا لەڭپۇڭ كېلىدىغاندەك 99نۇمۇر ئېلىپتىمەن.
بىر نۇمۇرنى نەدىن كەتكۈزۈپ قويدۇمكىن
شۇ مەكتەپتىكى بىر ئۇقۇتقۇچى شۇنداق دىدى: ھازىرقى شۇجىمىز جاڭ چۈنشەن ئىلگىرى قاتناش مىنىستىرلىقىغا مىنىستىر بولغان ئىكەن، شۇڭا رايۇنىمىزدا قاتناش قانۇنى يەنىمۇ قېلىپلىشىۋېتىپتۇ ۋە ياخشى ئىجرا بولېۋىتىپتۇ. يەنە ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ،يېڭى يىلدىن باشلاپ، ئىمتىھانغا يەنە يېڭى تۈر قۇشۇلىدىكەن،دىمەك ،يەنىمۇ تەسلىشىدىكەن. ئەمىلىيەتتە بولسا ھازىرنىڭ ئۈزىدىمۇ خېلىلا تەس ئىكەن.ئىلگىرىكىدەك ،كىملەرگىدۇ پارا بېرىپ ئۈتىۋالىدىغان ئىشلارنى ئويلىمىساقمۇ بولغۇدەك، پارا بېرىپ بولغۇچە ،يەنىلا ئۆگىنىپ ئۆتكەن ياخشى بولغاندىكىن.
مېنىڭچە ، شوپورلۇقتا ئۇقۇيدىغانلار يېڭى يىلدىن بۇرۇن ھېچ بولمىسا تىزىملىتىۋىلىڭلار، بونداق بولغاندا ،كونا يىللىق ئۇقۇغۇچى ھېساپلىنىپ، يېڭى قۇشۇلغان تۈرلەردىن ئىمتىھان بېرىشتىن پانادىلىنىپ قېلىشىڭلار مومكىن.
راسىت، يېڭى ئۆگەنگۈچىلەر ئەڭ ياخشىسى كومپىيوتېردىكى سۇئالنى قاتتىق مەشىق قىلغان ياخشى ئىكەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zulyar-apandi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-16 10:19 PM