ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھازىرقىدەك تەرەققىي قىلغان زاماندا ،كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى كۈندىن-كۈنگە ياخشىلىنىپ،تۇرمۇشقا بولغان ئاڭ-سەۋىيىسىمۇ،بارغانچە يۇقرى كۆتۈرۈلمەكتە،شۇنىڭغا ئەگىشىپ قاتناش ۋاستىلىرى جەھەتتىكى تەلىپىمۇ يۇقرى كۆتۈرۈلۈپ،بىزنىڭ خادىك،ئېشەك ھارۋىسى،موتوسىكلىت،ۋە ۋېلسىپىت،لەردىن رايىمىز چەتنەپ ،بىۋاستە ماشىنىغا بولغان قىزىقىش ۋە ھاجىتىمىز مۇ ئېشىپ تاشماقتا،بەلكىم سىلەر نۇرغۇن داڭلىق ماركىدىكى ماشىنلارنى،ھەيدەيسىلەر،بېلىسىلەر،ھەم ياقتۇرسىلەر،لېكىن ئۇ ماشىنلارنىڭ،كىملەر تەرپىدىن ئېجات قىلىنغانلىقىنى،كۆپ ساندىكىلەر،بېلىپ كەتمەسلىكىڭلار مۇمكىن،،توۋەندە شۇ ماشىنلاردىن،قىسقىغىنە 10نى تاللاپ،ئىجاتكارلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئوتسەم.
Enzo - Ferrari 1898-1988
ئىتالىيە Ferrariئاپتۇموبىل شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى،شىركەت ئىشلەپ چىقارغان ماشىنلار،1947-يىلدىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر دۇنيادا ماشىىنا ساھەسىدا سۇرئەت تېزلىكى جەھەتتە رېكورت ساقلاپ كەلمەكتە،ھەم كىشلەر نىڭ قىزغىن ياقتۇرىشى بىلەن پۇت تىرەپ تۇرماقتا. ماشىنلىرى:
_
_
ھەرقانچە ئېسىل ماشىنا بولسىمۇ،دۇبەيگە بارغاندىن كېيىن ئۇچىرايدىغان مۇئامىلىسى _________________________________
Ferrucio Lamborghini 1916.4.28-1993.2.20
ئىتالىيە Lamborghini ئاپتۇموبىل شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى،بۇ شىركەت 1948-يىلنىڭ دەسلىۋىدە تاراكتۇر ئىشلىگەن،1963-يىلدىن باشلاپ ئاندىن ماشىنا ئىشلەشكە كىرىشكەن،بۇ ماشىنلار بۇگۇنگە قەدەر مەيلى سۇرئەت ياكى شەكىل جەھەتتە بولسۇن كىشلەر تەرپىدىن بەك ماختىلىپ كەلمەكتە. ماشىنلىرى:
_
_
____________________________________
Bentley 1888-1971
ئەنگىلىيە Bentley ئاپتۇموبىل شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى،شىركەت 1919-يىلى قۇرلۇپ،1921-يىلدىن باشلاپ ئىشلەپ چىقىرىشقا كىرىشكەن،1931-يىلى روللىس-رويىس شىركىتى بىلەن بىرلىشىپ،1998-يىلى ،بۇ شىركەتلار،گىرمانىيە ئاممىباپ(سانتانا)شىركىتى تەرپىدىن ئوتكۇزۋىلىنگەن. ماشىنلىرى:
_ _
ئۇرۇمچىدىكى قىزىققۇچىلار خاڭچىڭ دىكى تاشقى-سودا مىھمانخانىسى ئالدىدىن بۇ ماشىنىنى كۆرۈپ باقسا بولىدۇ. _____________________________________
Wilhelm Maybach 1846.2.9-1929.12.29
گىرمانىيە Maybach ئاپتۇموبىل شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى،1921-يىلدىن باشلاپ ئىشلەپ چىقىرىشقا كىرىشكەن،كېيىن بىرمەزگىل ياۋرۇپادا خېلى نام قازانغان،ئەمما ھازىر بازىرى ئانچە ياخشى بولمىغانلىق تۇپەيلى،2013-يىلدىن باشلاپ پۇتۇنلەي ئىشلەپ چىقىرىشنى توختاتماقچى. ماشىنلىرى:
_ ______________________________________
Charles Stewart Rolls Frederick Henry Royce 1877-1933.4.22 1877-1910.7.12
ئەنگىلىيە Rolls-Royce ئاپتۇموبىل شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرى،1906-يىلدىن باشلاپ ئشلەپ چىقارغان ماشىنلىرى،خېلى-ھەم دۇنيادىكى ئەڭ ئېسىل ماشىنلارنىڭ ئالدى،ئاق-سۇڭەك كاپىتاللارنىڭ ياقتۇرۇپ تاللىشى،شىركەت 2003-يىلى گىرمانىيە BMW شىركىتى تەرپىدىن ئوتكۇزۋېلىنگەن. ماشىنلىرى:
_
_
_
_______________________________________
Ferdinand Porsche 1875.9.3-1951.1.30
گىرمانىيە Porsche ئاپتۇموبىل شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى،1931-يىلى ئىشلەپ چىقىرىشقا كىرىشكەن،2012-يىلى ئاممىباپ شىركىتى تەرپىدىن ئوتكۇزۋىلىنگەن،ئەمما ئاپتۇموبىللىرى بەك ئېسىل. ماشىنلىرى:
_
_ ____________________________________
August horch 1868-1951
گىرمانىيە Audi شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى،1909-يىلى قۇرۇلغان،1932-يىلى 4شىركەت بىرلەشكەن،شۇڭا بۇلارنىڭ ماشىنا ماركىسى 4دانە يۇمۇلاق شەكىلدىن تۇزەلگەن. ماشىنلىرى:
_
___________________________________
Karl Friedrich Benz 1844.11.25-1929.4.4
گىرمانىيە Benz ئاپتۇموبىل شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى،1900-يىلى قۇرۇلغان ۋە ئىشلەپ چىقىرىشقا كىرىشكەن،دۇنيا بويىچە ئىسىل ماشىنلار نىڭ سەركىسى. ماشىنلىرى:
_______________________________________ Gustan Otto 1883-؟
گىرمانىيە BMW ئاپتۇموبىل شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى،شىركەت پۇتۇن نامى: (Bayerische Motoren Werke AG) ....ئاساسلىقى موتوسىكىلىت ۋە ئاپتۇموبىل ئىشلەيدۇ،1916-يىلى قۇرۇلغان،دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇردىغان ئاپتۇموبىل شىركىتى. ماشىنلىرى:
____________________________________
Henry Martyn Leland 1843.2.16-1932.3.26
ئامىرىكا Cadillac ئاپتۇموبىل شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى،1902-يىلدىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر نورمال تىجارەت قىلىپ كەلمەكتە،ئامىرىكا زۇڭتۇڭ لىرىنىڭ مەخسۇس ئولتۇردىغان ماشىنىسىمۇ،دەل مۇشۇ Cadillac. ماشىنلىرى:
_
_____________________________________
خوش:ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن مەن بۇ ماشىنلار ۋە شەخىسلەر نىڭ ئىش ئىزلىرى توغۇرلۇق كوپ توختالمىدىم،يەنە شۇنىڭ دەك دۇنيادا يەنە نۇرغۇن بۇلاردىن قېلىشمايدىغان ئاپتۇموبىللار كوپ مەسلەن:TOYOTA....Lexus...Mitsubishi...Ford ....Infiniti ...Bugatti....قاتارلىق...نۇرغۇن نۇرغۇن ئېسىل ماشىنلار بار....پۇرسەت بولسا كېيىن قېتىم تېخىمۇ تەپسىلىي قىپ ھوزۇرۇڭلارغا سۇنسام...رەھمەت!
تامام.
مەنبە:www.yahoo.com بۇ يازمىنى ئاخىرىدا huxqiray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-18 05:11 PM
|