مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: nazila998

ئىككى خوتۇنلۇق ئەر   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83274
يازما سانى: 242
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5224
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 142 سائەت
تىزىم: 2012-7-31
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 12:09:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى يەنە يوللىمىسىڭىز مەنلا يىىزىۋىتىمەن جۇمۇ !

ئابدۇقادىر ئابباس تۇزتۇراق

ئەقىلسىز دوستۇڭ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 3501
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 32344
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3733 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 12:24:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   
             داۋامى

  
    بۈگۈن مەنسۇر  دەم ئالدى ، ئۇ ئالدى بىلەن ئايالىغا تىلىفۇن قىلدى ، ئۇ تىلىفۇندا ئۆزىنىڭ بۈگۈن دەم ئالغانلىغىنى ، ئەمما ئۆيگە بارالمايدىغانلىغىنى  يەنە بىر قىتىم دەم ئالغاندا چوقۇم باردىغانلىغىنى ئىيتىپ ئايالى بىلەن خوشلۇشۇپ تىلىفۇننى قويدى ، ئاندىن ئۇ بەختىنسا ئۇن لازىم بولۇپ تىلىفۇن قىلغان ۋاختىدا ساقلىۋالغان تىلىفۇن نۇمۇرىنى تىپىپ ، بەختىنساغا تىلىفۇن قىلدى
    _ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  _ دەپ تىلىفۇننى ئالدى قارشى تەرەپ مۇلايىم ئەۋازى بىلەن .
    _ ۋە ئەلەيكۇم ئەسسسالام ، مەن مەنسۇر قانداق ئەھۋالىڭىز بەختىنسا ؟   _ دىدى مەنسۇر  قارشى تەرەپكە جاۋابەن ، « ئاۋازىمۇ ئەجەپ يىقىملىقكىنا بۇ كاساپەتنىڭ » دەپ ئويلىدى مەنسۇر كۆڭلىدە .
    _ مەنمۇ ياخشى مەنسۇركا ، بۈگۈن ئەجەپ تىلىفۇن قىلىپ قاپسىزغۇ ، بىرە ئىش بامىتى ؟
    _ ئىش بولمىسا تىلىفۇن قىلسام بولمامدىكەن ، ئالدىنقى كۈنى بارسام سىز يوقكەنسىز ، ئانىسى ئاغرىپ قىلىپ دوختۇرغا كەتتى دىگەنتى ، ئانىڭىزنىڭ ئەھۋالى قانداراق ؟ خىلى ياخشى بوپ قالغاندۇ ؟
    _ قاچان تىلىفۇن قىلسىڭىز بولىدۇ  ، مۇنداقلا دەپ قويدۇم ئۇ گەپنى ، ئانامنىڭ ئەھۋالى ياخشى ، ئازراق قىزىتىپ قاپتىكەن شۇ ، كۆڭۈل بولگىنىڭىزگە رەخمەت مەنسۇركا ،
    _ ئۇنداق تۈزۈت قىلماڭ ، ئۆز ئادەم بوپ قالاي دەپ قالدۇق ، بۈگۈن دەم ئالغانتىم ، _  سىزنى بىر تاماققا تەكلىپ قىلاي دىگەن _ دىدى مەنسۇر مەخسىدىنى چۈشەندۈرگەچ ،
     _ رەخمەت مەنسۇركا ، بۈگۈن ئۆيۈمنىڭ سۇ تۇربىسى بۇزۇلۇپ قاپتىكەن ، رىمۇنۇت قىلىدىغانلارغا تىلىفۇن قىلغانتىم ، كىلىدىغان ۋاختى بوپ قالدى ، شۇنى بىر ئوڭشىتىۋالاي ، تاماق يەيدىغان ئىش باشقا كۈنى بولسۇن
     _ ئۆيىڭىز نەدە ؟ مەنلا بىرىپ ئوڭشاپ بىرەي بولمىسا ، بىز تۇرغان يەردە ئۇنداق رىمۇنىتچىلارنىڭ نىمە ئىشى _ دىدى مەنسۇر كۆڭلىدە خۇشال بولۇپ « ئىشىمنىڭ ئوڭ كەلگىنى قارا مۇشۇنداقمۇ توغۇر كەلگەن بامۇ ........... » دەپ ئويلىدى ئۇ كۆڭلىدە .
     _ بولدى سىزنى ئاۋارە قىلماي مەنسۇركا ، ئۇلانىڭمۇ كىلىدىغان ۋاختى بولدى
     _ مىنى يات كۆرەۋاتامسىز ؟ كۆڭلۈمگە كەلدى جۇمۇ  _ ئۇلار بىردەم تۈزۈت قىلىشقاندىن كىيىن بەختىنسا ئۆيىنىڭ ئادرىسىنى ئىيتىپ بەردى ، مەنسۇر تاكسىغا ئولتۇرۇپلا بىردەمدە كىلىپ بولدى ، ئۇ سۇ تۇربۇسىنىڭ ئوڭشايدىغان يىرىنى كۆرۈپ بولغاندىن كىيىن « لازىملىق نەرسىلەرنى ئىلىپ كىلەي » دەپ چىقىپ كەتتى - دە ھايالشىمايلا كىلىپ بولدى ، ئۇنىڭ بۇنداق ئىشلاغا خىلى ئىپى بار بولغاچ بىر دەمدىلا ئوڭشاپ بولدى ، ئاڭغىچە بەختىنسا ئوخشۇتۇپ لەغمەن قىلدى ، تاماق كۆڭۈللۈك كەيپىياتتا يىيىلدى ،
      
     _ سىزگە كۆپ رەخمەت مەنسۇركا ، سىزنى بەك ئاۋارە قىلدىم ،
     _ يەنە تۈزۈت قىلىسىزغۇ ، شۇمۇ گەپ بولدىمۇ ئەسلى سىزنى مىھمان قىلىمەن دەپ سىزنىڭ قولىڭىزدا تاماق يىدىم دىسە ، ئەجەپ تىتىدى ، بەك ئوخشاپتۇ جۇمۇ بۇ تامىقىڭىز ، ئۇزۇن بوپتىكەن ئۆي تامىقى يىمىگىلى
      _ ئۆيىڭىز بۇ يەردە ئەمەسمۇ ؟
      _ ياق ، مەن خوشنا ناھىيدىن ، ئايالىم بىلەن ئاجىرشىپ كەتكەن ، مەن ئەر كىشى بولغاچ ئۆينى ئايالىمغا بېرىپ يىنىپ چىققان ، شۇنىڭدىن بىرى سىرتلاردا جاھاندارچىلىق قىلىپ يۈرۈيمەن ، بۇنى دەپ نىمىمۇ قىلارمەن ، ئۆتكەن ئىشلاغۇ ئۇ
      ئۇلا بىردەم ئۇيان - بۇياننىڭ پارىڭىنى قىلىشقاندىن كىيىن مەنسۇر قايتىپ كەتتى ، مۇشۇ ئىش سەۋەپلىك بۇ ئىككەيلەننىڭ  بادى _ كەلدىسى خىلى قويۇقلىشىپ قالدى ، مەنسۇرمۇ بەختىنسانىڭ ئۆيىگە ھەر كەلگەندە ئۆينىڭ  سۇ ، توك يوللىرىنى ، چىراغلىرىنى تەكشۈرۈپ كۆرەتتى ، بەختىنسامۇ بىرەر يەر بۇزۇلسا ياساتمايلا مەنسۇرنىڭ كىلىشىنى ساقلاپ تۇراتتى ، ئۇلار ئۆز كەچمىشلىرى توغۇرسىدا ئۇزۇندىن _ ئۇزۇن پاراڭلىشاتتى ،
      بىركۈنى مەنسۇر بەختىنسانى تاماققا تەكلىپ قىلغاچ  ئۇنىڭغا توي تەكلىۋى قويدى ، بەختىنسا ئېرىدىن ئاجراشقاندىن بىرى قايتا توي قىلىشنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى ، ئۇ  بىر ئۆمۈر مۇشۇندق ئۆتىمەن دەپ ئويلىغان ئىدى ، شۇڭا مەنسۇرنىڭ بۇ توي تەكلىۋى ئۇنى سەل گاڭگىرتىپ قويدى ،
      بەختىنسانىڭ جىم بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرگەن مەنسۇر دەرھاللا  :
      _ ئەگەر ھازىر جاۋاپ بىرىشنى خالىمىسىڭىز ئويلۇنۇپ كىيىن جاۋاپ بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ
     بەختىنسا ھىچنىمە دىمىدى ، ئۇ مەنسۇر بىلەن خوشلۇشۇپ ئۇدۇل ئۆيگە قايتىپ كەلدى ،  ئۇ ھىچنىمە دمىگەن بىلەن ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى ئۇزۇندىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر خىل خوشلۇق چىرمىۋالغان ئىدى ، يىقىندىن بىرى بەختىنسا ئۆزىدە بولغان ئۆزگۈرۈشنى يەنى مەنسۇرنى خىيال قىلسىلا قانداقتۇ بىر كۈچنىڭ قەلبىدىكى ئۇخلاپ ياتقان تۇيغۇلىرىنى ئاستا - ئاستا ئويغىتىۋاتقانلىقىنى ، تۈگەي دەپ قالغان ياشلىق ھىسلىرىنىڭ يالقۇنجاۋاتقانلىقىنى ھىس قىلغان ئىدى

داۋامى با   

  داۋامى ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ   
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-29 02:28 AM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
zulayha + 100 ئۇھ..ئالدامچى...

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

ئەقىلسىز دوستۇڭ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 3501
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 32344
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3733 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 12:33:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
orkixi يوللىغان ۋاقتى  2012-11-20 09:33 PM
قېنىىىىىىىىىىىىىىىى ئاخىرى ؟؟؟ موشۇنداق تىمىنى كۆرسە ...

  كەچۈرۈڭ ، ئەسلى ئۇنداق قىلغۇم يوق ئىدى ، كۈندىزى خىزمەت ئالدىراشچىلىغىدا  ۋاقىت چىقىرالمىدىم ، كەچ تەرەپلەدە تىرشىپ ئەڭ تىز سۈرئەتتە يىزىپ يوللايمەن ،  

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84762
يازما سانى: 993
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2173
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 694 سائەت
تىزىم: 2012-9-6
ئاخىرقى: 2015-1-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 12:51:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىلى باغلىنىشلىق ياخشى چىقىۋاتىدۇ ،ئاخىرىغا  تەشنامەن ...

ئىنساپ يوق ئادەمدە ئىمان -ۋىجدان بولمايدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 10165
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 63922
تۆھپە نۇمۇرى: 2683
توردا: 8007 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 01:12:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تولىمۇ راۋان ھەم يېقىشلىق چىققان ھىكايىڭىزنىڭ داۋامىغا تەشنامىز.
ھىكايىدىكى بەختىننىسانىڭ  ئەھۋالىدىن تولىمۇ ئەلەم ھىس قىلغىلى تۇردۇم،ھەر _خىل پەرەزلەرنى قىلىپ.

ﺳﯘ، ﺋﯘﺯ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﭼﺎﯕﻘﺎﻕ ﺗﻮﭘﯩﺴﯩﻐﺎ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ...!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81393
يازما سانى: 429
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4118
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 427 سائەت
تىزىم: 2012-6-11
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 01:50:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى تۈگىگەندە ئاندىن يانفون كىتابى قىلىۋالاي....
ئىجازەت قىلارسىز ھە.....

تۈمەن ئۆركىشى

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5555
يازما سانى: 3169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19987
تۆھپە نۇمۇرى: 1173
توردا: 10619 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 08:31:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىغا تەشنامىز .ھى ھى ھى ھى

ھايات ـ كۆرەش دىمەكتۇر ! غەلبە ئۇيۇشقانلارغا مەنسۇپ ،ئۈمىد بىلەن ياشاڭ .

ئەقىلسىز دوستۇڭ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 3501
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 32344
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3733 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 11:09:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

           داۋامى



      شۇنىڭدىن ئىككى ئايغا يىقىن ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن مەنسۇر بىلەن بەختىنسانىڭ تويى بولدى ، توي خىتى ئالدىغان كۈنى مەنسۇر  بەختىنساغا « سىز بارماي ئىشىڭىزنى قىلىۋىلىڭ ، ئۇ يەردە مىنىڭ بىر تونۇشۇم بار ، خىلى يىقىن ئۆتىمىز ، مەن بېرىپ ئىلىپ كىلەي » دەپ كىتىپ بىر تاللا توي خىتى ئىلىپ كەلدى ، بەختىنسا « يەنە بىرسىچۇ ؟ » دەپ سورىغانتى ، « توي خىتى بەك قىسكەن ، ھازىرچە بىرنى بەردى ، يەنە بىرسىنى كىيىن تولۇقلاپ بېردىغان بولدى » دەپ چۈشەنچە بەردى ، بەختىنسا ئارتۇق ئويلۇنۇپمۇ كەتمىدى ،
       ئۇلارنىڭ تويدىن كىيىنكى كۈنلىرى تولىمۇ كۆڭۈللۈك ئۆتەۋاتاتتى ، مەنسۇرنىڭ ئايدا بىرە _ ئىككى كۈن « سىرتقا مال يەتكۈزگىلى بارمەن » دەپ قويۇپ بىرە كىچە ئۆيگە قايتمىغىنىنى ھىسابقا ئالمىغاندا باشقا ئىشلار جايىدا ئىدى ، ھەر ئىككىلەيلەن كۈندىزى ئۆز ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش ، كەچتە بەختىنسا بالدۇر دۇكاندىن قايتىپ تاماق ئىتىپ مەنسۇرنى ساقلاپ ئولتۇدۇ ، مەنسۇرمۇ شۇنداق خۇشال ئۇ ئۆيگە كەلسە بەختىنساغا بۈگۈن ئۆزىنىڭ نەگە بارغانلىغىنى كىملە بىلەن ئۇچراشقانلىقىنى توختىماي سۆزلەپ بەرگەچ :
            _ رەخمەت خوتۇن ، ئۆيدە مۇشۇنداق تاماق ئىتىپ ساقلايدىغان ئادىمى بولسا نىمە دىگەن ياخشى ، مۇشۇنداق بولسا ئادەم ئۆيگە قايتىشقا ئالدىرايدىكەن ، رەخمەت ساڭا خوتۇن _ دەپ بەختىنسانى توختىماي ماىتايتتى ،
            لىكىن بۇ چىرايلىق كۈنلەر ئۇزۇنغا بارمىدى ، توي قىلىپ بىرە يىل بولغاندىن كىيىن مەنسۇرنىڭ پىسخىكىسىدا مەسىلە كۆرۈلدىمۇ ياكى ئەسكى خۇيلىرىنى چىقىرىشقا باشلىدىمۇ ، مىجەزى بەكلا غەلىتە بوپ قالدى ، مەنسۇر ئۆيگە ئانچە كۆپ پۇل ئەكىرمەيتتى ، بىر قىتىم بەختىنسا ئۇنىڭ زادى نەچچە پۇل ئىش ھەققى ئالىدىغانلىغىنى سۆرۋىدى ، ھەممە جىدەل شۇنىڭدىن چىقتى :
         _ سەن تىخى مىنىڭ ئىش ھەققىمنى سۈرۈشتە قىلغۇدەك بولدۇڭمۇ ؟ _ مەنسۇر بەختىساغا بىرمۇنچە ۋاقىراپ _ جاقىراپ چالۋاقاپ كەتتى
          _ نىمە خاپا بولىسىز ، مۇنداقلا سوراپ قويدۇم شۇ ، شۇنىڭغىمۇ چىچىلغان بامۇ ؟ _ دىدى بەختىنسامۇ  تەڭلا _ بىز بىر ئۆيدە بولغاندىكىن بىلىپ باقاي دىگەن ،
         _ مىنىڭ ئىش ھەققىمنى سۈرۈشتە قىلغۇدەك سەن نىمىتتىڭ ؟ ئۆز كۆڭلۈڭدە « مەن بەك كۆپ پۇل تىپىپ كەتتىم » دەپ قالدىڭمۇ _ مەنسۇر سۆزلىگەنچە ئاچچىقتىن كۆزلىرى چەكچىيىپ چىشلىرى كىرشىپ كەتتى -دە بېرىپ بەختىنسانى ئۆي ئىچىدە سۈر توقاي قىلىپ بەكلا ئۇرۇپ كەتتى ، بەختىنسانىڭ ئىچىنىشلىق نالىسى ئۆينى بىر ئالدى ،
         شۇنىڭدىن باشلاپ بۇنداق ئىشلار خىلى تەكرارلىنىپ تۇردى ، كىيىن بەختىنسا ئېرىنىڭ بەزىدە نورمال ئادەملەرگە ئوخشىماي قالىدىغانلىغىنى  ھىس قىلىپ قالدى ، مىجەزى تىز ئۆزگۈرۈپ تۇراتتى ، ئادەتتىكى گەپلەرمۇ ئۇنىڭغا بەك تىزلا تەسىر قىلاتتى ، ھەتتا ئاخشاملىرى بىر چىرايلىق تىلىۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرۇپمۇ يوق ئىشلار بىلەن بەختىنسانى ئۇرۇپ - تىللاپ كىتەتتى ، ھارغىچە ئۇرۇپ ئاچچىغى بىسىلغاندا بەختىنسانىڭ يىنىغا كىلىپ مەڭزىلىرىنى سىلايتتى ، ئاندىن ناھايىتى كۈچلۈك ھاياجان بىلەن باغرىغا باساتتى ،
        بەختىنسا يىغلىدى ، قاخشىدى ئاخىر ئاجىرشىش قارارىغا كەلدى ، مەنسۇر قوشۇلمىدى ،
         _ سەن مەندىن ئاجىرشىپلا قۇتۇلماقچىمۇ ؟ ئۇنداق ئاسان ئىش يوق ، بۇ ئۆيدىن  ئۆلۈكۈڭ  چىقسا چىقىدۇكى تېرىكىڭ چىقمايدۇ  ، مەندىن ئاجىرشىپ قايسى ئاشناڭنى تاپاي دىگەن ؟ ھۇ رەسۋا بۇزۇق .................. _ مەنسۇر بەختىنسانى ئىغىزغا ئالغۇسىز سۆزلەر بىلەن بەك ھاقارەتلەپ تىللاپ كەتتى ، بەختىنسا توختىماي يىغلىدى ، ئۇنىڭ يىغىسى ئادەمنىڭ يۈرۈگىنى ئىزەتتى ، مەنسۇر  بىر دەم ئولتۇرغاندىن كىيىن يەنە بەختىنساغا يالۋۇرۇشقا باشلىدى ،
         _ جىنىم بەختىنسا يىغلىماڭ ، _ دىدى مەنسۇر ئۆزىمۇ يىغلامسىراپ تۇرۇپ _ بايام ساڭا  چىدىماي قاتتىق تىگىپ قويدۇم مىنىڭ ھەرگىز ئاجراشقۇم يوق ، مەن ئايىغىڭغا باش ئۇرۇپ كەچۈرۈم سوراشقا رازى ، ئەمدى ھەرگىز ئۇنداق قىلمايمەن ،
          بەختىنسا بۇ خورلۇقلارغا ھەقىقەتەن بەرداشلىق بېرىپ بولالمىدى ، ئۇ ئاخىر سوت ئارقىلىق ئاجىرشىش قارارىغا كەلدى ، ئۇ بۇ بەخىتسىز نىكاھقا خاتىمە بېرىش نىيىتىگە كەلگەن ئىدى ، ئۇ ئەرىز يىزىپ سوتقا باردى ، سوتچى ئايال بەختىنسانىڭ ئەرزىنى بىر قۇر كۆرۈپ چىقىپ ، سوراشقا تىگىشلىك بىر قىسىم ئەھۋاللارنى سوراپ بولغاندىن كىيىن :
          _ ئاجىرشىش توغۇرلۇق تولۇق بىر قاراغا كىلىپ بولدىڭىزمۇ ؟
          _ شۇنداق _ دىدى بەختىنسا مەيۈس ھالدا
          _ بويىڭىزدا بارمۇ ؟
          _  بويۇمدا يوق
         _  ئۇنداق بولسا سىز مۇشۇ ئەرىزگە قوشۇپ توي خىتىڭىزنى ، ئاندىن دوختۇرغا كۆرۈنۈپ بويىڭىزدا يوقلىقىغا ئىسپات ئىلىپ كىلىڭ ، ئاندىن ئەرزىڭىزنى قوبۇل قىلىمىز  _ دىدى سوتچى بەختىنساغا چۈشەندۈرۈپ ،
      بەختىنسا سوت مەھكىمىسىدىن چىققاندا تىخى سائەت ئونمۇ بولمىغان ئىدى ، شۇڭا ئۇ ئۇدۇل دوختۇرخانىغا بېرىپ دوختۇردىن ئىسپات ئىلىۋىلىپ ئاندىن ئۆيگە قايتىشنى ئويلاپ دوختۇرخانىغا باردى ، ئاياللار بولۈمگە نومۇر ئىلىپ دوختۇر يىنىغا كىردى ۋە مەخسىدىنى ئېيتتى ، دوختۇر ئۇنىڭغا ئاۋال سۈيدۈك تەكشۈرتۈپ بىقىشنى ئېيتتى ، بەختىنسا سۈيدۈك تەكشۈرتتى ، دوختۇر تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا :
         _ مۇبارەك بولسۇن سىڭلىم ، بويىڭىزدا باركەن _ دىدى
        _ نىمە ؟ خاتالىشىپ قالمىغانسىز دوختۇر _ سورىدى بەختىنسا تولىمۇ ھەيران قالغان ھالدا ،
        _ راس دىدىم ، تەكشۈرۈش نەتىجىسى شۇنداق چىقىپتۇ
     بەختىنسا بۇ ئىشتىن يا خۇشال بولۇشنى ، يا خاپا بولۇشنى بىلمەي بىر خىل گاڭگىراش ئىچىدە ئۆيگە قايتىپ كەلدى ، بەختىنسا بەك كۆپ ئويلاندى ، « توۋا ماۋۇ ئىشنى ، مۇشۇ بالامغا بۇرۇنقى ئېرىمنىڭ نىكاھىدا ۋاختىمدا ھامىلدار بولسامچۇ ؟ نىمە دىگەن ياخشى بولاتتى ، ئۇ چاغدا شۇنداقمۇ نادانلىق قىلارمەنمۇ نىمىشقا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ باقمىغان بولغۇيتتىم ، ؟ ئەمدى شۇنداق ياخشى ئەردىن ئاجىرشىپ مۇشۇنداق بىر تەلۋىنىڭ نىكاھىدا ۋاختىمدا ھامىلدار بوپ قالغىنىمنى دىسە ؟ بۇ تەلۋىنى دەپ بالىنى چۈشۈرۋىتەي دىسەم ئۇمۇ بىر جان تۇرسا ............................. » ئۇ مۇشۇنداق ئايىغى چىقماس خىياللار بىلەن كۈننى كەچ قىلدى ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئانا بولىدىغانلىغىدىن سۆيۈنسە ، بۇ كۆڭۈلسىز ، بەخىتسىز تۇرمۇشىنى ئويلاپ ھەسرەت چەكتى ، بەختىنسا  ئاخىر تۇغۇش قارارىغا كەلدى ، نىمىلا بولمىسۇن ئۇمۇ بىر جان ، شۇ جاننىڭمۇ مۇشۇ يورۇق دۇنياغا كۆز ئىچىش ھوقۇقى بار ، تەلۋە بولسىمۇ دادىسى بار ، ئەمدى بەختىنسا ئاجىرشىشتىن ۋاز كىچىپ بالىنى مەنسۇر بىلەن بىللە بىقىش قارارىغا كەلدى ، كەچتە مەنسۇر قايتىپ كەلگەندە ئولتۇرۇپ دىدى :
      _  مەنسۇر ، بۈگۈن مىجەزىم يوق دوختۇرغا كۆرۈنگىلى بارغان ئىدىم ، بويۇمدا باركەن ،
      _ راست دەۋاتامسەن خوتۇن  ؟ _ مەنسۇر خۇشاللىق چىقىپ تۇرغان كۆزلىرى بىلەن بەختىنساغا قاراپ سورىدى
       _ ئىشەنمەيۋاتامسىز ؟ راس دىدىم _ دىدى بەختىنسا جاۋابەن ،
       _ مىنىڭ ئوماق خوتۇنۇم  ، ماڭا تۇغۇپ بېردىغان بولدى ، مەن يەنە دادا بولدىغان بولدۇم ، _ مەنسۇر خۇشال بولۇپ بەختىنسانى چىڭ قۇچاقلىدى ، ھەم پىشاينىسىگە سۆيۈپ تۇرۇپ _ مەن بۇندىن كىيىن سىنى ھەرگىز خورلىمايمەن ، ياخشى كۈتىمەن ، _ دەپ بىرمۇنچە ۋەدىلەرنى بەردى ،
      كىيىنمۇ ۋەدىسىگە تولۇق ئەمەل قىلىپ بولالمىغان بولسىمۇ بۇرۇنقى تەلۋىلىكى سەل قالغان ئىدى


                        داۋامى بار
      
          بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-29 02:31 AM  


كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 10165
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 63922
تۆھپە نۇمۇرى: 2683
توردا: 8007 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 11:24:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nazila998 يوللىغان ۋاقتى  2012-11-21 11:09 PM
داۋامى

تېمىنى ئوقۇپ تازا خاپا بولىۋاتىمەن. باشتىلا ئويلىنىشقا تىگىشلىك بىرنەچچە مەسىلە كاللامنى قوچۇۋەتتى. رەببىم ئاسانلىق بەرگەيلا.

ﺳﯘ، ﺋﯘﺯ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﭼﺎﯕﻘﺎﻕ ﺗﻮﭘﯩﺴﯩﻐﺎ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ...!

.ئانا دەپ100قىتىم

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18234
يازما سانى: 361
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7025
تۆھپە نۇمۇرى: 313
توردا: 3946 سائەت
تىزىم: 2010-11-20
ئاخىرقى: 2015-2-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-22 12:40:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى ئوقۇغۇم كىپكەتتى.........

يامان كۆزدىن خالى دەپتىمەن ، غەپلەت ئۇيقۇ ئەجەپ يامانكەن. تۇمار پۈتۈپ قۇيسامچۇ ساڭا، كۆز تەككەنگە نىمە داۋاكەن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش