kaLGundi يوللىغان ۋاقتى 2012-11-21 11:21 PM
بۇ بالىنى قانداق قىلىش كېرەك ئەمدى؟
سىز كونكىرىت ئام ...
مەنمۇ تېخى بىر مەكتەپ يېشىدىكى ئوقۇغۇچى، بالا تەربىيەسى توغرىسىدىكى بىلىملىرىمنىڭ ئاجىز بولۇشى ئېنىق~مىنىڭچە بۇ قىزدا شارائىتلار تولۇق بولغان بولسا بۇخىل ئەھېۋالغا چۈشۈپ قالمايتى ،مىنىڭچە بۇ قىز ئائىلە تەربىيەسىنى كۆرۈپ كۆرمەي چوڭ بولۇپ قاپتۇ، نىمىنىڭ ئاتامىھرى نىمىنىڭ ئانا مىھرى ئىكەنلىكىگە قانماي ،تولۇق چۈشەنمەي چوڭ بولۇپ قاپتۇ.بۇ تۇنجى تەربىيەدىن مەھرۇم قالدى دىگەن گەپ،شۇنداق بولغاندىكىن چوڭ بولغۇچە نىمىنىڭ ياخشى نىمىنىڭ يامان ئىكەنلىكىنى بىلىپ بولىشىغا ناھايىتى ئۇزۇن جەريان كىتىدۇ.ئەگەر دە بۇ قىزغا كىچىكىدىن ئىللىق ئائىلە مۇھىيتى ھازىرلانغان بولسا ھەرگىز بۇنداق بولۇپ قالمايتى .مىنىڭچە تۇنجى بولۇپ مۇشۇ تەرەپتىن ئويلىشىش كىرەك .
بۇقىزنى تۈزەشكە كەلگەندە ھازىر بۇ قىزچە بولسا ھەممىدە ئۆزىنىڭ قىلۋاتقانلىرى توغرا ،ھەرقانداق تەربىيە تەربىيە بىرمىنۇتلۇقلام بولىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ھەرگىز قاتتىق ۋاستىلەرنى قوللانماي ئاستا ئاستا ئانا مىھرىنى ،ئائىلە مىھرىنى ،ئەخلاق -تەربىيەنى،ھايانى ھىس قىلدۇرۇش كىرەك ،ئاندىن ئاستا-ئاستا ئوڭشىلىپ كىتىشىدە ئۈمىد بار.