|
|
|
|
غەيۋەتخورلۇق بابىدا، كامالەتكە يەتتىڭىز. ھەتتا ئۆلۈپ كەتكەننى، چىشلەپ،تالاپ بولدىڭىز.
كىم قازانسا مۇۋاپىقيەت، ئېرنمەستىن قۇتلايسىز. ئۇزۇن ئۆتمەي ئارقىدىن، سۆز چۆچەك قىپ پۇتلايسىز.
چىن ۋاپادار دوستتىنمۇ، نۇقسان ئىزدەپ ھەر سائەت. گۆھەر ئالتۇن كىنىدىن، كولاپ ئالىسىز نىجاسەت.
تۆگە قىلىپ تۈگمىنى، جىدەلگە يول ئاچىسىز. قان قىرىنداش ئارىغا، نىزا ئۇرىقى چاچىسىز.
ۋىسال تاپقان جۈپلەرگە، چىدىيالماي قىزىشىپ. ئۆيدىن چىقماس قىلىسىز، يۇرت ئىچىدە سىسىتىپ.
ئېغۋا يىپى ئەشسىڭىز، بولۇپ شەيتان كوزۇرى. شۇنچە ئېغىر گۇناھنىڭ، بولۇر قانچە ھوزۇرى.
قاچان توۋا قىلۇرسىز، قىلغان گۇناھ كىبىرگە. غەيۋەتىخورلۇق باراۋەر، ئىت گۆشىنى يىگەنگە.
|
|
|
|
|
|