(تەھرىرلەش ئىمكانيىتى بولمىغاچقا ئىملادا خاتالىق بولغانلىقى ئۈچۈن تۈزۈتۈپ ئىنكاس شەكىلدە قايتا يوللاپ قويدۇم .ۋاقىپ بولغايسىزلەر )
دېڭىز بويىدا ئولتۇرۋېتىپتىمەن
*
(نەسىر)
*
ئوبۇل ئوغلى قەلەمىي
دېڭىز بويىدا ئولتۇرۋېتىپتىمەن .شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە تىنىمسىز شاۋقۇنلاۋاتقان دېڭىز سۈيىنىڭ مەۋىج ئۇرۇشلىرىغا قاراپ قەھرىتان قىشنىڭ نەشتەردەك سانجىلۋاتقان جاندىن ئۆتكىدەك سوغۇقلىرىدىمۇ ئىچ-ئىچىدىن پىژ -پىژ كۆيۈۋاتقان تەكتىماكاننى كۆز ئالدىمغا كەلتۈردۈم . ئەگەر شۇنداق بىر كۈچ قۇدرەت بولغان بولسا ، دېڭىز سۈيىنى تەكتىماكانغا باشلاپ قانچىلىغان يىللارغا شاھىد بولغان ئاشۇ توغراقلارنىڭ چىھرىدە كۈلكە پەيدا قىلسام ، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلىك تەكتىماكان قۇملۇقنى تەكتىماكان بوستانلىقىغا ئايلاندۇرسام ......
باج ئېلىنمايدىغان ئەنە شۇ ئۇلۇغۋار دەبدەبلىك خىياللىرىمدىن ئويغىنىپ قارىسام يەنە دېڭىز بويىدا ئولتۇرۋېتىپتىمەن .
يەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ساپ سۇ تۇرسا ئەجەپ نەملىك تەكتىماكانغا ئۆتمەپتا؟ يەر تارتىپ تۇرمىغان بولسا ئۇچۇپ-ئۇچۇپ نەلەرگە بارار بولغىيتۇق ؟ يەرنىڭ مىھرى شۈنچىلىك ئىسسىقمىدۇ ؟ياكى يەر بارچە مەخلۇقاتقا شۈنچىلىك ئامراقمىدۇ ؟ ئىچىمىزگە كىرۋالغىنى يەرنىڭ مىھرىمدۇ ؟ياكى توپسىمىدۇ ؟ ئاڭلاشلارغا قارغاندا يەردىكى 10 كېلو شەيئى ئايدا بىر كېلو كېلەرمىش ،ئەجابا ئاينىڭ مىھرى شۈنچىلىك سوغۇقمىدۇ ؟ ...
كىچىك بالىلارنىڭ خىيالىدەك خىياللار كاللامنى مالماتاڭ قىلىپ ئۆزۈمچە بىر ھازا تاتلىق كۈلۈپ كېتىپتىمەن . كۈلكىدىن تەستە ئۆزۈمنى تۇتۋېلىپ قارىسام يەنە دېڭىز بويىدا ئولتۇرۋېتىپتىمەن . <<دېڭىز -ئوكيان ،دەريا -ئۆستەڭ سۇلىرىنى باشقۇردىغان شاھلار بارمىدۇ ؟ >> يەنە بالىلارچە خىيالىم باشلاندى . بىر چاغلاردا مومامدىن مۇنداق بىر چۆچەكنى ئاڭلىغىنىم ئېسىمدە .
<<... سۇ خەلقى دەپ بىر خەلق بولۇپ ئۇلار سۇ دا ياشايدىكەن . ئەمما ئۇلار ئىنسانلارغا كۆرۈنمەيدىكەن . ئۇلار سۇدا قەرەللىك پائاليەت ئېلىپ بارىدىكەن .ئۇلار پائاليەت ئېلىپ بېرۋاتقان چاغلاردا ئادەم سۇغا چۈشۈپ كەتسە ساق قۇتۇلۇپ چىقىدىكەن .ئۇلار پائاليەت ئېلىپ بارمىغان چاغلاردا ئادەم سۇغا چۈشۈپ كەتسە تۇنجۇقۇپ ئۆلدىكەن ..>>
ئەگەر مومامنىڭ ئېيتقان چۆچىكىدىكىدەك راستىنلا سۇ خەلقى بولسا دېڭىز سۈيىنى تەكتىماكانغا ئاقتۇرسىكەن . تەكتىماكان دەرياسى ،تەكتى ماكان ئۆستىڭى ،تەكتىماكان شەھرى ،تەكتى ماكان باغچىسى ،تەكتى ماكان ساياھەت رايونى بەرپا قىلسىكەن .پۈتۈن دۇنيا خەلقى تەكتىماكاننى تونۇسىكەن ...
قىلۋاتقان ئۈمىدلىرىمنىڭ ھېچ ئايغى چىقىدىغاندەك ئەمەس . كۆزۈمنى ئۇۋلىۋېتىپ قارىسام يەنە شۇ دېڭىز بويىدا ئولتۇرۋېتىپتىمەن .
ئۇ،قاراڭلار ؛ دېڭىزدا قۇم ئېقىۋاتىدۇ .ھۆلمۇ ئەمەس دانە-دانە ،ئۇششاق -ئۇششاق 90گىرادۇس قىززىغان قۇم ئىقىۋاتىدۇ .توۋا ،بۇ نىمە ئىش ؟ئەجىبا تەكتىماكان ئۇچۇپ كېلىپ دېڭىزنى يۈتۋەتتىمۇ نىمە ؟؛
ئويغاق داۋاملىشۋاتقان چۈشتىكى ھەيرانلىقىمنى باسالماي تۇرۇشۇمغا ،تۇيۇقسىز چىققان شامالنىڭ زەربىسدىندۇرمۇ ،ئېھتىمال ، دەھشەتلىك ئۇرۇلۇپ چېچىلغان دولقۇن تامچىلىرىدىن چۆچۈپ قارىسام يەنە دېڭىز بويىدا ئولتۇرۋېتىپتىمەن .
ئېقۋاتقىنى قۇم ئەمەس سۇ ئىكەن ... ... ...
تاتلىق خىياللىرىم دوستۇمنىڭ <<ھوي ،ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار ،كەچ بولدى قايتايلى >> دەپ توۋلىشى بىلەن ئۈزۈلۈپ قالدى . قارىسام سۈپسۈزۈك ئاسماندا يۇلتۇزلار بىر-بىرلەپ كۈلۈپ ئون بەش كۈنلۈك تولۇنئاي تولمۇ يىراقتىن ماڭا قاراپ يېقىملىق جىلمىيۋېتىپتۇ ...
(ئەسكەرتىش:تەكلىماكاننى تەكتى ماكان دەپ ئاتاشنى مۇۋاپىق كۆردۈم)
2012-يىلى 25-نويابىر يەكشەنبەشەھرى شاڭخەي