شاڭخەينىڭ ئاسمىنى تۆكەلمەس ئاق قار
ئوبۇل ئوغلى قەلەمىي
شاڭخەينىڭ ئاسمىنى تۆكەلمەس ئاق قار ،
دېڭىزنىڭ شامىلى سۆيىدۇ سوغۇق .
يۇيدۇ باغرىنى سىم - سىم يامغۇرى ،
نەملىك بار مىھرىدىن تۆكۈلەر تولۇق.
.
شاڭخەينىڭ ئاسمىنى تۆكەلمەس ئاق قار ،
قىش ئۆزىنى ئۇرۇپمۇ كىرەلمەس شەھەر .
يۇرتۇم ئاق لىباسنى كەيسە شاتلىنىپ ،
ھەۋەستە مۇڭلىنىپ تۆكۈلەر ھەر سەھەر.
.
شاڭخەينىڭ ئاسمىنى تۆكەلمەس ئاق قار ،
پاكلىقى نامايان دەريا يېشىدا .
قۇچاقلار پەخرلىك كۆزىدە چاڭجىياڭ ،
خۇش كۈلۈپ قاش ئاتار دۇڭخەي قېشىدا .
.
شاڭخەينىڭ ئاسمىنى تۆكەلمەس ئاق قار ،
يۇرتۇمنىڭ كۆكلىرى يامغۇردىن يىراق .
شاڭخەيدەك يىل بويى تۆكۈلسە يامغۇر ،
يۇرتۇمنىڭ سايلىرى چەكمەستى پىراق ؟
شاڭخەي ( مەملىكىتمىزگە بىۋاستە قاراشلىق تۆت چوڭ شەھەرنىڭ بىرى )
دۇڭخەي ( مەملىكىتمىزدىكى تۆت چوڭ دېڭىزنىڭ بىرى )
چاڭجىياڭ ( مەملىكىتمىزدىكى ئەڭ چوڭ دەريا )
,11ayning,28-kuni ,xanghay
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kalamiy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-28 09:49 PM