ھازىر مۇشۇ «ھۈكۈمىتىكام » بىلەن «يولداشكام» لا بەك زورويۇپ كەتتى . ئايغىنىڭ ئىزى چۇشكەن ئەمەس ، شولىسى چۇشكەن يەرنىمۇ مىنىڭ دىيىشتىن يانمايدۇ . قانداق قىلىدۇ ، نۇپۇس جېق . ئاز ئۆيگە سىغمايدىغان گەپ ، ھەم يېرى كۆپرەك بولسا ئالدىغان پايدىسىمۇ كۆپ بۇلىدۇ ئەمەسمۇ ... بۇرۇن مۇشۇ «بەنچەن» كام بىلەن «جىڭ خې » كامنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ ، ياخشى كۇتۇپ ،ئۇلارنىڭ ھۆرمىتىنى ئاشۇرۇپ قويغان ئەللەر بۇگۇنكى كۇندە ئاشۇلارنىڭ تۇمەنلىگەن «كام» لىرى تەرپىدىن ‹ بۇرۇن ئەجدادلىرىمىز بولغان پالانى ، پۇكۇنى سىنىڭ ئۇيۇڭدە لەغمەن يەپ نەچچە كۇن قۇنۇپتىكەن ، پولو يەپ ھەپتە يۇرۇپتىكەن ، بىر نېمە مەھكىمىسى قۇرۇپ سىىلەنى سوراپتىكەن › دىگەنگە ئوخشاش باھانە بىلەن يېرىدىن ئايرىلىپ قېلۋاتىدۇ .
ئەمما ماۋۇ بىزنىڭ «دۆلەت» كام كارامەت ياخشىدە ، ھېچكىمگە بۇ ئۆمىرىدە يامانلىق قىلىپ باقمىغان