sargarda يوللىغان ۋاقتى 2012-12-1 12:18 AM
مۇنداق بىر ئىش باركەن . ئەر تەرەپ ئايالىنى تالاق ...
«ئەر تەرەپ ئايالىنى تالاق قىلغاندىن كىيىن يەنە ياراشقۇسى كىلىپ قالسا ، ئايال كىشىنىڭ ئىددىتى توشقاندىن كىيىن يات بىر ئەر بىلەن ھېلقىدەك ئىش قىلىشقاندىن كىيىن ئاندىن پاكلىنىدۇ نىكاھ ئوقۇسا يۈرۈشىدۇ دەيدىكەن » . بۇ زادى قانداق گەپ ؟
------------
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
پەقەت 3 تالاق قىلغاندىلا ئاندىن ئەھۋال سىز دىگەندەك بولىدۇ. يەنى 3 تالاق قىلغاندىن كىيىن ئايال كىشى چوقۇم باشقا ئەرگە
مەڭگۈلۈك ئۆي تۇتۇش نىيىتى بىلەن تىگىپ، ئۇ ئەر بىلەن بىر يەردە بولۇپ، ئاندىن 2-ئەر ئۇ ئايالنى تالاق قىلسا ياكى ئۆلۈپ كەتسە، ئاندىن ئۇ ئايال باشتىكى ئەر بىلەن قايتا نىكاھ قىلالايدۇ. لىكىن بۇنىڭ شەرتى: ئايالمۇ، 2-ئەرمۇ چوقۇم مەڭگۈ ئۆي تۇتۇشنى نىيەت قىلىشى كىرەك. بولمىسا ۋاقىتلىق نىكاھ بولىدۇ، ۋاقىتلىق نىكاھ دىنىمىزدا ھارام قىلىنغان. شۇڭا بىرسى 3 تالاق قىلغان خوتۇننى شۇ تالاق قىلغۇچى ئەرگە ھالال قىپ بىرىش ئۈچۈن نىكاھىغا ئالغان ياكى بۇرۇنقى 3 تالاق قىلغان ئىرى بىلەن يارىشىش نىيىتىدە، ۋاقىتلىق خوتۇن بولۇشنى نىيەت قىلىپ باشقا ئەرلەر بىلەن نىكاھ قىلغان ئاياللار ئاللاھنىڭ غەزىپىدىن قورقسا بولىدۇ.
لىكىن 3 تالاق قىلمىغانلا بولسا، ئەھۋال بۇنداق بولمايدۇ. بەزى تالاقلار بار، ئەر ئىددەت ئىچىدە تالاق قىلغان ئايالى بىلەن نىكاھ ئوقۇتماي تۇرۇپمۇ يىنىشىۋالالايدۇ، بەزى ئەھۋالدا ئىددەت توشقاندىن كىيىن قايتا نىكاھ بىلەن يارىشالايدۇ. شەرتى: 1 قېتىم ياكى 2 قىتىم تالاق قىلغان بولسا. (بۇنى تەپسىلىي يازمىدىم)
شۇڭا پۇشايمانغا قالماسلىق ئۈچۈن ھەرقانچە «ئەمدى ساڭا ھۆ» دەپ كەتكەن ئايالنىمۇ 3 تالاق قىلىشقا ئالدىرماسلىق كىرەك. بولمىسا شۇنداق خاپىلىققا قالىدىغان گەپ. ھەم 3 تالاق قىلىش سۈننەتكە خىلاپ (ئەمما رۇخسەت قىلىنغان)