baywetqe يوللىغان ۋاقتى 2012-12-6 03:16 PM
ياۋرۇئاسىيانىڭ ئۈچ دەن تۆت قىسىمىنى؟
شۇنداق ئەمەسمۇ ئەجىبا....
شەرىقتە تېنىچ ئوكيان بويلىرىدىن،جەنۇپتا ۋىېت،ھىندىستانغىچە، شىمالدا ياقۇت-يىنسەي-بايقال كۆلىگىچە، غەرىبتە پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا، يەتتە سۇ،پەرغانە،ئامۇ-سىر دەريا، كابۇل،قەندىھاردىن تاكى خارەزىم ئىران ئىگىزلىگىكىچە، كاۋكاز،كاسپىيان دېڭىزى،قارا دېڭىز ئەتراپىدىكى كېيۋ رۇسلىرىمۇ كۈكۈم تالقان بوپ كەرمىگەنمىتى... ھەتتا پولشا غىچە قىستاپ بېرىپ ياۋرۇپا چىركاۋلىرىدا خىرىستىئانلار تىزلىنىپ گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگەيسىز، بىزگە شۇ موڭغۇللارنى كەلتۇرمەڭ دەپ قاخشاپ يىغلاپ كەتكەن ياۋرۇپالىقلار تېخى تۈنۈگۈنكىدەك كۆز ئالدىمدا تۇرۇپتۇ...
ھىندونوزىيىگىچە بارغان موڭغۇل ئىستىلاھ ئارمىيىسىنىڭ ئاڭلىغان بولۇشىڭىز... ياپونغا يىگىرمە نەچچە پاراخوتلۇق ھەربىي يۈرۈشكە ئاتلىنىپ ئوكيانغا غەرق بولۇپ كەتكەن كېلىشمەسلىكلىرىنى ئۇيەر-بۇيەردىن ئاڭلىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن...