möljarli يوللىغان ۋاقتى 2012-12-6 05:02 AM
مەزكۇر تېمىنى ئۇقۇپ مۇنداق بىر رىۋايەت ئېسىمگە كەلدى !
...
سىزنىڭچەمەن ئۇيغۇرلارنى ئىلىم ئېلىڭلار،ھۈنەرئۆگۈنىڭلار،بىر-بىرىڭلاربىلەن ئۇرۇشماي ئىتپاق ئۆتۈڭلاردەپ يامان قىلىپتىمەندە!سىزنىڭچەبولسائۇيغۇرلارغائىلىم-ئېرپان ئۆگۈنۈش كاپىرنىڭ ئىشى،ھۈنەرئۆگۈنۈش شەيتاننىڭ دەپ ئىسلام دىنىنى بورمىلايدىغان ئايەت،ھەدىسلەرنى يازسام ياخشى بولىدىكەندە!ئۆزىڭىزچەمېنى توقۇغان رىۋايىتىڭزدىكى دىندارغائوخشۇتىپسسىز،بۇرىۋايەتنى مەن مۇشۇكەمگىچەھەجەپ بىرەرقېتىم ئاڭلىماپتىمەن،سىزبۇرىۋايەتنى قايسى كىتاپتىن ئوقۇغان بولغۇيتىڭىز،ماڭادەپ بەرگەن بولسىڭز؟ئۇنىڭ ئۈستىگەماقالەمنىڭ ھىچ بىريېرىدەئۇيغۇرلارنى قۇل بولۇشقائۈندەيدىغان سۆزئىبارىلەريوق،بۇنى ئوقۇغان ھەرقانداق كىشى بىرقېتىم ئوقۇسىلابىلەلەيدۇ .ئەمدى بۇماقالىنىڭ كېلىش مەنبەسىگەكەلسەك،بۇماقالىنى مەن سىزدەك توقۇپ يازمىدىم بەلكى سىلەردەكلەرنىڭ ئاغزىغاكەلگەننى بىلجىرلاپ ئۇيغۇرلانى قايمۇقتۇرمىسۇن دەپ،قۇرئان ،ھەدىسلەرنىڭ بىرتال پەش چېكىتلىرىنى ئۆزگەرىتمىگەن ئاساستا ئەسلى ۋارىيانتى بويىچە،قايسى ئايەت قايسى ھەدىستىن ئالغىنىمنى ئېنىق شەرھىيلەپ يازدىم،شۇڭاسىزنىڭ مېنى رىۋايىتىڭىزدىكى مۇناپىق موللىغائوخشاتقانلىغىڭىزپەيغەمبېرىمىزنى مۇناپىق خائىن دىگەنلىگىڭىزدۇر،چۈنكى يازغانلىرىمنىڭ ھەمىسىنى پەيغەمبېرىمىزمۇھەممەد ئەلەيھسالام ئۆزى دىگەن ھەم ئۆزى قىلىپ كۆرسەتكەن ئايەت،ھەدىسلەردۇر. ئەگەردەسىزھەق دىننى تەشۋىق قىلغۇچى تەقۋادار مۇسۇلمان بولسىڭىزمېنىڭ يازغانلىرىمنىڭ نۇرغۇنلىغان ئايەت،ھەدىسلەردەبايان قىلغانلىغىنى بىلىشىڭىزكېرەك ئىدى ،ناۋاداسىزمىللەت پەرۋەربولسىڭىزيۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ«بىلىگ كىمدەبولسابۈيۈكلۈك تاپۇر»دىگىنىنى،ئۇيغۇرلارنىڭ«بىلىگى چوڭ بىرنى يېڭەر،بىلىمى چوڭ مىڭنى»دىگەن تەمسىلنى بىلىشىڭىزكېرەك ئىدى.شۇنداققۇ؟ئەمدى،سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزغا شۇنداق قارايدىغان بولساق،سىزدەيۇقارقى سۈپەتلەرنىڭ بىرسىمۇ تېپىلماستىن ئەكسىچەئۇيغۇرلارنى نامىراتلىققا،خۇراپاتلىققا، جاھالەتكە باشلايدىغان خۇسوسىيەتلەرنىڭ ئۆزئىپادىسىنى تاپقانلىغىنى كۆرەلەيمىز.
ئاخىرىداسىزدىن سوراپ باقاي: ھازىرباشقىلاردەۋەت قىلۋاتقاندەك ساققالنى قۇيسلا ،ياغلىقنى چەگسىلامىللەتنى قۇتۇلدۇرۇپ قالغىلى بولامدۇ؟ ئەلبەتتە بولمايدۇ،ناۋادابولسىدى بۇئىشلارباشقىلاردىن بىزگەئاشماس ئىدى،شۇنداققۇ؟ پىچاق تۇتقان ئادەم قۇرال تۇتقان ئادەمنى يېڭەلەمدۇ؟ئەل جاۋاپ يېڭەلمەدۇ. يېڭىۋېلىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟قۇرالدىنمۇ ئىلغارنەرسىنى ئىجادقىلىش كېرەك،شۇنداققۇ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەل جاۋاپ، چوقۇم تىرىشىپ بىلىم ئېلىش كېرەك،بىلىم ئېلىش ئۈچۈن تىنىچ بىرمۇھىد بولىشى كېرەك ،تىنىچ بىرمۇھىد بولىشى ئۈچۈن پىتنىڭ ئاچىغىداچاپاننى ئوتقاسالمايدىغان ئەرزىيەتلەرگەسەۋرى قىلىدىغان بولۇش كېرەك.ئۇنداق بولمايدىكەن گۈھەرنى تاشقائۇرغاندەك بىرئىش بولىدۇ.