aptap104 يوللىغان ۋاقتى 2012-12-1 05:58 PM
بۇنىمۇ ئوقۇپ كۆرگۈلۈك ...
ھەقىقىي تارىخ ئىكەنلىكىگە ئانچە ئىشەنگەىم كەلمەيدۇ . چۈنكى ئەينى زاماندىكى كۆپنى كۆرگەن تارىخچى مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆراگان ئۆزىنىڭ تارىخىي رەشىدى ناملىق دۆلەت ئىچى سىرتىغا داڭلىق بولغان بۈيۈك ئەسىرىدە ئەينى دەۋېردىكى تارىخنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ يازغانلىرى يۇقرىقى پارچە بىلەن ئاسمان زېمىن پەرقلىندۇ . ئەڭ ئاددىيسى سۇلتان يۇنۇسخاننىڭ ئانىسى تۈركىستان ئەمرى شەيخ نۇرىدىننىڭ چوڭ قىزى . ئېسان بۇغاخاننىڭ ئانىسى كۈنتۇرا خانىش ئۇلۇسبېگى مىرمۇھەممەتشاھنىڭ قىزى ، جۈملىدىن ئېسان بۇغاخان ھەم ئۇلۇسبېگىنىڭ نەۋرىسى ھەم لەشكىرى دىۋان ئەمرى كەبىرى سەيدى ئەلى ئالىپنىڭ جىيەنى . ئۇلار مۇشۇ قانداشلىقتىن پايدىلىنىپ ھەم ئۆزلىرنىڭ ئوردىدىكى ئەڭ چوڭ ئىككى ھوقۇقى ئارقىلىق چوڭ خانزادە يۇنۇسخاننى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ئىككىنچى خانزادە ئېسان بۇغاخاننى تەخىتكە چىقارغان . كىيىن ئېسان بۇغاخان ئۆلگەندىن كىيىن ئوغلى دوسمۇھەممەت تەختكە چىققان ئۇ ناھايتى زالىم ،مەملىكەت بىلەن كارى يوق لاياقەتسىز بولغاچقا ئەمىرلەرنىڭ ھەم خەلىقنىڭ كۆپ رايى قايتقان . ئاخىرى ئۇ تەخىتتە 6 يىل ئولتۇرۇپ 24 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەندىن كىيىن ماڭلايسۆيە باش ئەمىرى كەبىرى ، سەيد ئەلى ئالىپنىڭ ئوغلى مىرزا ئابابەكرىنىڭ دادىسى سانىز مىرزىنىڭ ئىنىسى مۇھەممەد ھەيدەر 1 باغداتتا سەرگەندان بولۇۋاتقان يۇنۇسخاننى تەخىتكە چىقارغان ھەمدە دوسمۇھەممەدخاننىڭ 8 ياشلىق ئوغلى كېپەك سۇلتاننى تۇرپانغا ئېلىپ قېچىپ دوسمۇھەممەد ئۇرۇقىنى ساقلاپ قالماقچى بولغان ئابدۇلئەزىز مىرزىغا قارشى لەشكەر تارتىپ ئۇنى يوق قىلغان ، كېپەك سۇلتان خاتا ئۆلتۈرۈلگەن . شۇنىڭ بىلەن يۇنۇسخان ھاكىميىتى مۇستەھكەملەنگەن . كىيىن مىرزا ئابابەكرى يۇنۇسخانغا قارشى چىقىپ قەشقەر ، خوتەن ، يەكەن ۋە ھەتتا خانلىق ئاستانە ئاقسۇنىمۇ بېسىۋالغان . .........
ئىشقىلىپ قىزىققانلار شۇ كىتابنى بىر ئۇقۇپ باقارسىلەر . يۇقىرقى تارىخنىڭ بەزى يەرلىرىگە ئۇنچىلىك ئىشنىپمۇ كەتمەڭلار . چۈنكى ..............