ياخشىمۇ سىز رىزا، گەپنىڭ مېغىزلىق يېرىنى قىلاي:
بۈگۈن مۇنبەردە (رىزا شىركىتىگە ۋاكالىتەن) سىزنى ئۇچراتقىنىمدىن خۇشالمەن. ئالدىنقى قېتىم مۇسۇلمانچە يىمەكلىككە ئائىت بىر تىما يوللانغان ئىدى، شۇنىڭ ئاستىغا يازغان ئىنكاسىم جاۋابسىز قالغان، بۈگۈن سىزگە بايان ئەتسەم، بەلكىم سىزدىن قانائەتلەنگۈدەك جاۋاپقا ئېرىشىپ قالسام ئەجەپ ئەمەس.
سىلەرنىڭ ئىمپورت قىلغان مەھسۇلاتلىرىڭلار بىز ئۇيغۇرلارنىڭ بىرىنجى تاللىشى ،( ھەم شۇنداق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن،) بولۇپمۇ بىزگە ئوخشاش ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقانلار شۈبھىسىز سىلەرنىڭ مەھسۇلاتىڭلارنى تاللايمىز، ئۆزىمىز ئەكەلگەنلىرىمىز تۈگىسە ئۆيدىكىلەر پوچتا ئارقىلىق يەتكۈزۈپ بىرىپ تۇردى.بۈگۈبكى كۈندە تېخنىكىنىڭ تەرەقىياتىغا ئەگىشىپ، تاۋباۋ تورىدا مەھسۇلاتىڭلارنى تاللاپ سېتىۋالالايدىغان بولدۇق.
ئىلگىرىمۇ يىمەكلىك سېتىۋالسام ئارقىدىكى تەركىبى قاتارلىق چۈشەندۈرۈشلىرىگە بىر قۇر كۆزيۈگۈرتۈپ ئاندىن سېتىۋېلىش ياكى سېتىۋالماسلىقنى ئويلىشاتتىم، يىمەكلىكىنى كەسىپ قىلىپ ئۈگەنگەندىن بۇيان تېخىمۇ شۇنداق. ئۈلكەر مەھسۇلاتلىرىنى ئىستىمال قىلغىنىمدىمۇ ،باشقىلار ئىشلەپ چىقارغان، ھەرخىل باھادىكى مەھسۇلاتلارغا ئىشلىتىلگەن خۇرۇچلار ئوتتۇرىسىدا قانداق پەرق بار دىگەننى ئويلىغان ئاساستا قاراپ باقىمەن.
ئۈلكەر مەھسۇلاتىنىڭ ئىستىمالچىلىرىنىڭ كۆپچىلىگى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىكى ئۇيغۇرلاردىن تەركىب تاپىدۇ، ياشقا چوڭ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ سەۋىيەسى چەكلىك تۈپەيلى، مەھسۇلات ئۈستىگە چاپلانغان چۈشەندۈرۈش قەغىزىنى چۈشۈنۈشتە قىيلىنىپ قالىدۇ ...... مەھسۇلاتنى چۈشەندۈرۈشتە مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئىستىمالچىلار كۆزدە تۇتۇلغاندا، مەھسۇلاتنىڭ سېتىلىش مىقدارىنى ئاشۇرۇشقا مەلۇم نىسبەتتە پايدىسى بولىدۇ. ئەلۋەتتە سىلەر ئېلانلارغا ئالاھىدە ئېتىبار بەرگەچكە بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇپ كىتەلەيسىلەر،
لىكىن بىزگە بىر «مۇسۇلمانچە» دىگەن خەتلا كۇپايە قىلمايدۇ دەپ ئويلايمەن...... مەن ھەم يەنە شۇنچە چوڭ بىر خەلقئارالىق سودا شىركىتىدە، بۇنچىلىك خەنزۇچە خۇرۇچلار نامىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش سىلەر ئۈچۈن ھىچ گەپ ئەمەس دەپ ئويلايمەن.
http://ys.musilin.net.cn/index.php?homepage=riza
ئۈرۈمچى رىزا خەلقئارالىق سودا ئىمپورت-ئكسپورت شىركىتى توربىتىدىن، شىركەتنىڭ چۈشەندۈرىشىدىن باشقا مەھسۇلات توغرىسىدا ھىچقانداق ئۇچۇرغا ئىگە بولغىلى بولمايدۇ،(ياكى مەن تور بىتىدىن پايدىلىنالمىدىممۇ بىلمىدىم.)توربەت ھەم ئۇيغۇرچىنى قوللىمايدۇ، مۇشۇ توغرىسىدا چۈشەنچە بەرسىڭىز.
كەچۈرۈڭ، گەپلىرىم سەل قوپال كەتكەن بولسا كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئىلنازە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-2 11:52 PM