ZERO903 يوللىغان ۋاقتى 2012-12-2 11:49 AM
توزىچىياڭ-فارفۇر بۇيۇملار زاۋۇتى
ئۈرۈمچىلىكلەر چىنە زاۋۇتى دەيمىز.ئەمدى مۇشۇ توزىچاڭ دېگىنى سىرتتىن ئۈرۈمچىگە كەلگەن ئۇيغۇر يولداشلارنىڭ ئاتىشى،ئۆي مۈلۈك ئېلانى ۋە ھەرتۈرلۈك ئېلانلاردا دائىم توزىچاڭ،سەيماچاڭ،سەنشىخاڭزا،ئەردوچو دەپ ئاتىشىۋالىدۇ.مەن مۇشۇنداق ئېلان شىركەتلىرىدىن بەش-ئون شىركەتكە كىرىپ ئۇلارغا مۇنداق ئاتىماسلىق توغرىسىدا تەكلىپ بەرگەن ئىدىم.ئەمما قارشى تەرەپنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسىگە ئۇچرىدىم،ئۇلارنىڭ تەلەپپۇزىدىن يەرلىك ئەمەسلىگى چىقىپلا تۇراتتى.ئۇچۇر تورىغا كىرسىڭىزمۇ ئېلانلاردىكى خاتا ئاتىلىۋاتقان يەر-جاي ناملىرى،ئاتالغۇلارنىڭ كۆپلىگىدىن بەئەينى ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ ئېتوتىدا تەسۋىرلەنگەندەك ئەھۋال مەۋجۈت.ئەمەلىيەتتە مۇشۇنداق ئىشلار مەلۇم تەرەپتىن مىللىتىمىز كىشىلىرىنىڭ ساپاسىنىڭ قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ.