tewelgha يوللىغان ۋاقتى 2012-12-2 10:03 PM
سىز ئۇيغۇرنىڭ ئورخۇندىن ئىلى -تارىم ۋادىسىغا كۆچۈشىنى ...
ھەي ! ئۇيغۇرلارنىڭ ئورخوندىن كۆچۈشى توغرۇلۇق مەنمۇ يامان ئەمەس بىلەتتىم . بەلكىم يازغانلىرىمىدىن خاتا چۈشەنچە ھاسىل قىلىپ قالغان ئوخشايسىز ،مەن پەقەت سىزنىڭ ئۇلار ئايرىلغىلى ئۇزاق بولغان جاينى ئۇلارنىڭ ئانا ۋەتىنى دېگىنىڭىزنى تۇتۇپ ئورخوننىڭ مىسالىنى چىقارغان .سىز قانداق بولۇپ مېنى ئۇ كۆچۈشىنى چۈشەنمەيدۇ دەپ ئويلاپ قالدىڭىزكىن تاڭ .مەن تەكىتلەپ «بىر قىسىم ئۇيغۇرلار»دەپ ئېيتقان ،ئاخىرىدىمۇ يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار دەۋەتسەم بوپتىكەن .سىز ھازىر دېگىنىڭز كۆچۈش مەنزىلى مەسىلىسى ،مەن چۈشەندۈرمەكچى بولغىنىم كۆچۈش مەنبەسى مەسىلىسى .
مەيلى تارىختىكى كۆچۈشى قانداق يەرگە كۆچۈش بولسۇن ،ئۇلار يۈك -تاقلىرىنى تېڭىپ تۇرۇۋاتقان جاينى تاشلاپ ماڭسا ئۇ كۆچۈش بولىدۇ ،مەيلى قېرىندىشىنىڭ يېنىغا بارامدۇ ياكى يۇرتىدىن يىراق يەرگە بارامدۇ . مەن كۆچكەن كىشىلەر يۇرتىدىن ئايرىلىپ ئۇزۇن ۋاقتتىن كېيىن شۇيەر يەنە ئۇلارنىڭ سۆيۈش ،قايتىپ كېتىش مەجبۇرىيىتى يۈكلەنگەن ئانا يۇرتى بولامدۇ مەسىلىسىنى چۈشەندۈرمەكچى ئىدىم .
بەلكىم سىز ئورخوندىن كۆچۈش مەسىلىسىگە بەك كۆڭۈل بۆلگەچكە ، بۇ مەسىلە تىلغا ئېلىنىسا ئادەتتە كۆپ يۈز بېرىدىغان پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ مەنبەسىنى شۇ جايغىلا چېتىش خاتالىقى چوقۇم يۈز بېرىدۇ دەپ سەزگۈر بولۇپ كەتكەن ئوخشايسىز .