يولتۇز يوللىغان ۋاقتى 2012-12-3 10:49 AM
گەرچە ئۇلارنىڭ چىن ئخلاسى بىلەن مۇسۇلمان بۇلۇشىنى ئار ...
پەيغەمبىرمىزنىڭ تاغسى ئابۇ تالىپ تۇغرىسىدا نىملەرنى بىلسىز ؟ ئۇ توغرىسىدىكى ھەدىسنى بىلەمسىز ؟
بىلسىڭىز ياكى بىلمىسىڭىز ئۇ كىشى تۇغرىسىدا بىلگەنلىرىمنى قىستۇرۇپ قۇياي.
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: ھەقىقەتەن قىيامەت كۈنى دوۋزاخ ئەھلىنىڭ ئازابى ئەڭ يەڭگىلرەكى ئەبۇتالىپتۇر، ئۇنىڭغا ئوتتىن ئىككى ئاياق كەيدۇرلىدۇ، شۇ ئىككى ئاياغنىڭ قىززىقلىقىدىن، خۇددى قازان قاينىغاندەك، ئۇنىڭ دىمىغى، مېڭىسى قاينايدۇ،-بۇخارى توپلىغان.
ماۋۇ ھەدسىتە تىلغا ئىلىنغان ئابۇ تالىپ دىگەن كىشى پەيغەمبىرمىزنىڭ تاغىسى ، بۇ كىشى ئەينى ۋاقىتتا پەيغەمبىرمىز مەككىدە كىشلەرنى ئىسلام دىنغا دەۋەت قىلۋاتقاندا بىر ئۇچۇم ئەرەپ مۇشرىكلىرى ئارمىزدىن -مىللتىمىزدىن پەيغەمبەر چىقىپتۇ ئۇنى مەرھابا دەپ قارشى ئالايلى دىمەسىتىن ئەكسىچە پەيغەمبىرمىزنى ساراڭ ، سىھرىگەر ، شائىر مەجنۇن ، پالچى دەپ ھاقارەتلىگەن ، ئۈينىڭ ئالدىغا نىجاسەتلەرنى تۇكۈپ، ناماز ئۇقۇۋاتسا ياقسىغا ئىسىلىپ ، پەيغەمبرمىزگە ئازىيەت يەتكۈزۋاتقان شۇ ۋاقىتلاردا شۇ چاغدىكى مەككىنىڭ پىشقەدەمى- ئاق ساقىلى بۇلۇش سۈپتى بىلەن جىىيەنى يەنى پەيغەمبىرمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنى ئىمكانىيەتنىڭ بىرىچە ھىمايە قىلغان ، قۇغدىغان، باشقىلارنىڭ ئازار بىرىشدىن توسقان . گەرچە ئاشۇنداق پەيغەمبىرمىزنى ھىمايە قىلغان قوغدىغان بولسىمۇ ئۈمرىنىڭ ئاغرىغىچە - لائىلاھە ئىللەللا مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللا (بىر اللەدىن باشقا ھىچ ئىلاھ يوق ، مۇھەممەد اللەنىڭ ئەلچىسىدۇر) دىگەن ئىمان كەلمىسنى ئىيتىماي ئىمانسىز ھالەتتە ئۈلۈپ كەتكەن . بۇ كىشى توغرىسىدا پەيغەمبىرمىز <<ھەقىقەتەن قىيامەت كۈنى دوۋزاخ ئەھلىنىڭ ئازابى ئەڭ يەڭگىلرەكى ئەبۇتالىپتۇر، ئۇنىڭغا ئوتتىن ئىككى ئاياق كەيدۇرلىدۇ، شۇ ئىككى ئاياغنىڭ قىززىقلىقىدىن، خۇددى قازان قاينىغاندەك، ئۇنىڭ دىمىغى، مېڭىسى قاينايدۇ،->> دىگەن .
يۇقۇردىكى يولداشقا نىسبەتەن كىيىنچە ئىسلام دىندا مۇستەھكەم بۇلۇپ كىتىشىمۇ مۇمكىن . خەقىنىڭ خەنزۇ بوپقالغانلىقى ئۇ كىىشنىڭ خاتالىقى ئەمەس. بىزنىڭ قىلدىغىنمىز ئۇ كىشنىڭ ئىماننى مۇستەھكەملەپ بىرىشنى اللەدىن تىلەپ دۇئا قىلىپ قۇيۇش .
اللە ئاۋۇ يولداشنىڭ ئىماننى مۇستەھكەم قىلغاي.