مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: سۇپۈرگى

يوقلاپ تۇرايلى،،! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 3304
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15362
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1169 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2012-12-10
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
        نەسىھەت


جامائەتلەر مەن سۆزلەيىن ئاتا-ئانا بايانىدىن،
ھەقتىئالا ئۆتمەيدىكەن ئاسىيلارنىڭ گۇناھىدىن، ¬  
مەن بۇ سۆزنى كۆرۈپ ئۆتتۈم قۇرئان ھەددىس كىتابىدىن،   
بۇرادەرلەر رەنجىپ قالماي قۇلاق سېلىپ تۇرغايسىزلەر.

بۈگۈنكى كۈندە ياش ئەۋلادلار يولدىن چىقىپ قالاقلاشتى،   
ئاتا-ئانىسنى كۆزگە ئىلماي شەرىئەتتىن يىراقلاشتى،   
ئاتا-ئانىغا خىزمەت قىلماي قارغىش ئېلىپ خاراپلاشتى،
شۇ ۋەجىدىن نەسھەتكە ئېغىز ئاچتىم بىلگەيسىزلەر.
  
بۇرادەرلەر دىنىمىزدا كۆپتۇر ئاتا –ئانا ھەققىي،   
يەتتە نۆۋەت يۈدۈپ ھەرەم ئاپارساقمۇ ئۇلار ھەققى،   
ئادا تاپماس بىر كېچىلىك تارتقان جەبرى-جاپا ھەققى،  
ئاتا-ئانىنىڭ سىز –بىزلەردە ھەققى شۇنداق بىلگەيسىزلەر.

ئاتا-ئانىنى ھۆرمەت قىلىپ خىزمەت قىلساق ئوبدان بۇلۇر،   
كۆزگە ئىلماي بۇيۇن تولغان ئازار بەرسەك قارغاپ سالۇر،   
قارغىش ئالغان ئۇنداق بالا ئۆمۈرۋايەت نامرات بۇلۇر،   
ئاتا-ئانا نەپسى گۇيا مىلتىق ئوقى بىلگەيسىزلەر.  
  
ئاتا-ئانا رەھمەت دېسە ئىككى ئالەم سىزنىڭ بولۇر،   
ئۆمرىڭىزنىڭ ئاخىرغىچە بەخىت-دۆلەت ھەمدەم بولۇر،   
ئەگەر ئۇلار ئاھ! دەپ قويسا يۇرۇق ئالەم زۇلمەت بۇلۇر،   
شۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ دۇئا رەھمەت ئالغايسىزلەر.  

ئاتا-ئانا ئۇلۇغ دۆلەت قەدرىنى بىلگەنلىگە،   
ئاتا-ئانىنىڭ سۆزىنى كۆزىگە ئىلگەنلىگە،   
پىشقان قوغۇن بېغىدا تۇرماس يوق ئۇ تەڭلا ئەتىگە،
ھەسرەت چېكىپ قالماس ئۈچۈن ياخشى خىزمەت قىلغايسىزلەر.   
  
بۈگۈنكى كۈندە ئاتا-ئانىغا ھۆرمەت قىلماي ئازار قىلساق،
ئۆزۈمىزنى دانا چاغلاپ ئىشقا بۇيرىسا كۆز ئالايتساق،
تەنقىد-تەربىيە بەرسە بىزگە ھەدەپ تىللاپ-ئۇرۇپ قويساق،   
كېيىنكى كۈندە بالىڭىزدىن سىز ھەم شۇنى كۆرگەيسىزلەر.
  
ئۇشبۇ ئالەم ئۆتنە ئالەم كىشى قىساسى كىشدە قالماس،   
ئاتا-ئاناڭغا نېمە قىلساڭ بالاڭمۇ ھەم نىسى قويماس،
ھىچبىر دېھقان قۇناق تېرىپ كۈزدە يەردىن بۇغداي ئورماس،  
يەرگە قانداق ئۇرۇق چاچساڭ كۈزدە شۇنى ئالغايسىزلەر.
  
كۆرگەنسىزلەر بەزى كىشلەر ئاتا-ئانىسنى ئۇرغان ئىدى،   
ھەقسىز كۆرۈپ،ھاقارەتلەپ كۆپ ئەسكىلىك قىلغان ئىدى،   
بۈگۈنكى كۈندە باللىرىدىن بىر مۇش ئۈچۈن ئوننى يىدى،   
مۇنداقلاردىن ئىبرەت ئېلىپ پەرمانىنى تۇتقايسىزلەر.  
  
سەككىز جەننەت ئانىڭىزنىڭ تاپىنىنىڭ ئاستىنىدا،   
بۇ مېنىڭكى سۆزۈم ئەمەس ئېيتتى ئۇنى ھەق مۇستاپا،
ئانىڭىزنى رازى قىلماي مەدىنىگە بارغان بىكار،
ئاتا-ئانا رازى بولماي جەننەت يۈزى كۆرمەيسىزلەر.   
  
ئون ئاي،ئون كۈن قۇرساق كۆتۈرۈپ تۇغۇپ باققان،  
يىمەي يىدۈرۈپ،كىيمەي كىيدۈرۈپ جاپا تارتقان،   
سىزلەرنى دەپ كىشلەر بىلەن يۈز قىزارتقان،   
ئاناڭلارنىڭ خىزمىتىدە كېچە-كۈندۈز تۇرغايسىزلەر.  
  
سىلەرنى دەپ ياخشى كەيمەي،تاتلىق يىمەي پۇل توپلىغان،   
تاپقان پۇلغا سەرەم ئېلىپ،بالامنىڭ دەپ ئۆي جابدۇغان،   
كىشلەرنىڭ قىزنى تىلەپ ھەش-پەشلەر قىلىپ توي-تويلىغان،   
ئاتاڭلەرنى تاشلىۋەتمەي ھالىدىن خەۋەر ئالغايسىزلەر.  

ئۆزىمىزنى سېلىشتۇرۇپ بۆشۈكتىكى بالىلارغا،
قاراپ بېقىپ قۇرساق كۆتۈرۈپ بالا تۇققان ئانىلارغا،
بالىلارنى باقىمەن دەپ جاپا تارتقان ئاتىلارغا،
ئاتا-ئانىڭىزنىڭ قەدرىگە يېتىپ دۇئاسىنى ئالغايسىزلەر.  

دۇئا-رەخمەت ئالغان كىشلەر بۇ ئالەمدە دۆلەت كۆرگەي،   
ھەقتىئالا خەزىنىسدىن يۈزمىڭ بەركەت ئاڭا بەرگەي،
ئۇ ئالەمدە جەننەتلەرنىڭ خالىغىنىغا چاغلاپ كىرگەي،  
خىزمەت قىلىپ ئاتا-ئانىغا دۇئاسىنى ئالغايسىزلەر.   
  
تىرىكلىكتە خىزمەت قىلىپ،قازا تاپسا ئىززەت قىلىپ،
ئازنا-پەيشەنبە تەرىك قىلماي قەبرىسىگە ئىزدەپ بېرىپ،   
دۇئا-تەكبىر،خەتمە-قۇرئان ساۋابىنى بەخىش قىلىپ،   
ئاتا-ئانا روھىغا دۇئا قىلىپ تۇرغايسىزلەر.  
  
نەچچە ئونلاپ ئوغۇل- قىزلار ئاتا-ئانىسنى خارلاپ قويدى،  
تىرىكلىكتە قەدرىنى بىلمەي كۆز ئالايتىپ تىللاپ قويدى،   
قازا تاپسا ساۋاپ ئىش قىلىپ،ئاتىماستىن تاشلاپ قويدى،
بۈگۈنكى كۈندە خار-زارلىقتا كۈن ئۆتكۈزدى كۆرگەنسىزلەر.
  
ئاتا-ئانىمىزنى نامرات كۆرۈپ،ساراڭ كۆرۈپ قېچىپ كەتمەي،   
نامرات،ساراڭ تۇرۇپ سىزنى باققىنىنى ئۇنتۇپ كەتمەي،   
كېسەل بولسا،قېرى بولسا تاشلىۋېتىپ نېرى كەتمەي،   
پوق-سۈيدۈك يەپ باققىنىغا لايىق خىزنەت قىلغايسىزلەر.  
  
ئوتتا كۆيدۈرمەي، سۇدا ئاقتۇرماي بېقىپ چوڭ قىلغان،
ياخشى ئات قۇيۇپ مەكتەپكە بىرىپ بىلىم ئالدۇرغان،   
بالىغ بولغاندا ھەش-پەشلەر قىلىپ تويىڭىزنى قىلغان،   
ئاتا-ئاناڭلەرنى تاشلىۋەتمەي ھالىدىن خەۋەر ئالغايسىزلەر.   
  
ئاتا-ئانا:-بالا ئۈچۈن تۈگىمەس بەركەت ئۆزى،
ئاتا-ئانا رازى بولسا بالىسى كۆرمەس خارلىق يۈزى،   
نەگە بارسا ئەزىز بولۇپ يەردە قالماس قىلغان سۆزى،   
شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىغا ئىززەت-ئىكرام قىلغايسىزلەر.!!!



مەنبە   :  ساقلاپ قويغانلىرىم  .

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19186
يازما سانى: 204
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6699
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 411 سائەت
تىزىم: 2010-11-26
ئاخىرقى: 2012-12-10
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yahxi yezipsiz! kixini soyundurdikan xieringiz! kolingizga barikat kalgay! yana esil temilarni yolligaysiz!

غايە  يول  كۆرسەتكۇچ  نۇرلۇق چىراق!    نائىل

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19186
يازما سانى: 204
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6699
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 411 سائەت
تىزىم: 2010-11-26
ئاخىرقى: 2012-12-10
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yahxi yezipsiz! kixini soyundurdikan xieringiz! kolingizga barikat kalgay! yana esil temilarni yolligaysiz!

غايە  يول  كۆرسەتكۇچ  نۇرلۇق چىراق!    نائىل

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13872
يازما سانى: 338
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10129
تۆھپە نۇمۇرى: 660
توردا: 1313 سائەت
تىزىم: 2010-10-14
ئاخىرقى: 2012-12-3
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز  ھارمىغايسىز!...
ئاتا _ئانىنىڭ پەرزەنتكە سىڭدۈرگەن ئەجىرى پەرزەنت ئۈچۈن قايتۇرۇپ تۈگەتكۈسىز بىر قەرىز،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87258
يازما سانى: 120
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 310
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 68 سائەت
تىزىم: 2012-11-15
ئاخىرقى: 2012-12-10
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


موشۇنداق شىئېرلارنى ئوقۇسام كوڭلۇم بەك يىرىم بولىدۇ،

ئەقىلسىز دوستۇڭ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 2472
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 28015
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3190 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2012-12-10
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                      ئاتىلار تەۋەرۇك  ، ئانىلارمۇ ھەم ،
                      تۇتۇپ قويغىن پۇت ھەم قوللىرىنى
                     كۈن ساناپ بارماقتا قەددى ئىگىلىپ
                    پات - پات كىلىپ يوقلاپ تۇرغىن ئۇلارنى

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33990
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4626
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 47 سائەت
تىزىم: 2011-3-15
ئاخىرقى: 2012-12-9
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى بىزنىڭ بەختىمىز، ئۇلار ئۆلگەندە يىغلاپ ئاتا-ئانا دېگۈچە، ھاياتلىقىتا مانا-مانا دەپ تۇرايلى، ناخشىمىزدىمۇ بارغۇ، ھاياتلىقتا بىر باش پىياز ياد ئەتمەي، ئەمدى نىمىشكە يىغلايسەن، ئۇلار ئۆلگەندە، پەرىشتىلىرىمىز ئامان بولسۇن....

تېمىڭىزغا رەھمەت، نادىر يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن....

ھەرۋاقىت مىللەتنىڭ  كەلگۈسىگۈسىگە كۆڭۈل بۆلەيلى !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87795
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 53
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 11 سائەت
تىزىم: 2012-11-27
ئاخىرقى: 2012-12-10
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت قېرىندىشىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87376
يازما سانى: 547
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 643
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 35 سائەت
تىزىم: 2012-11-18
ئاخىرقى: 2012-12-5
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتارازى ئانارازى اللە رازى

ھەقىقەت ياخشى يىزىپىسز قېرىندىشىم

مۇنبەردە قالايمىقان پۈچەك ئىنكاس يازماڭ !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش