ئەلشىپا يوللىغان ۋاقتى 2012-12-3 05:11 PM
بۆرەك ئۇرۇقلاش كىسەللىگى ۋاقتىدا بايقاپ داۋالاش قىلىن ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەلشىپا قېرىندىشىم ! ياخشى تۇرۋاتامسىز ؟
ئۆزلىرىدىن كىچىككىنە بىر ئىشنى سوراپ باقسام : مەندە يېقىنقى بىر ئىككى ئايدىن بېرى ، كىچىك تەرەت قىستاپ كەتكەندە ،سول تەرەپ چات ئارلىقى ئاغرىش ئالامىتى كۈرلىۋاتىدۇ . كىچىك تەرەت قىستاش ۋاختى ئۇزارغانسېرى ئاغرىش كۈچىيىدۇ . كىچىك تەرەت قىستاشتىن بۇرۇن چىقىپ كەتسە ئاغرىش بولمايدۇ .
كىچىك تەرەت جەيرانىدا ۋە كىچىك تەرەت ئالدى - كەينىدە ، سۈيدۈك يولىدا ئاغرىش ، ئېچىشىش ، تامچىلاش ، باشقا سۇيۇقلۇق ئېقىش ئالامىتى يوق .
يۇقارقى ئەھۋاللارنى بىر تەكشۈرتىپ بېقىش ئارزۇيۇم بىلەن ، 11 - ئاينىڭ 23 - كۈنى ( جۈمە ) خوتەن ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىغا بېرىپ ، سۈيدۈك يولى ، ۋە بۆرەكنى بىچاۋدا تەكشۈرتەي دەپ بارغانتىم . ئۇزۇن ئۆچۈرەت ۋە ساقلاشلاردىن كېيىن نۆۋىتىم كەلگەندە ، دوختۇر ئەھۋالىمنى بىر قۇر سوراپ بولۇپ ، ‹‹ بۇنداق ئەھۋالنى بىچاۋدا تەكشۈرسە چىقمايدۇ ، پۇل تۆلىگىنىڭ قالىدۇ شۇ ، سېنىڭ ئەھۋالىڭنىڭ ئەڭ ياخشى دورىسى ۋاقتى - ۋاقتىدا تەرەت قىلىش ›› دەيدۇ .
شۇنداق قىلىپ دوختۇرخانىدىن قايتىپ چىقتىم .
مەن بۇ يىل 39 ياش ، مۇشۇ ئۆمرۈمدە بىرە قېتىم بىچاۋغا چۈشۈپ باقمىدىم . سالامەتلىكىم ئاللاھنىڭ شاپائىتى بىلەن ئىزچىل ياخشى .
ئۆزلىرىنىڭ تېمىدىكى ئىنكاسىنى كۆرۈپ ، سالامەتلىكىمدىكى ئۆزگىرىشنى ئۆزلىرىدىن سوراپ بېقىشنى لايىق كۆردۈم .