riallik يوللىغان ۋاقتى 2012-12-7 12:26 AM
GLADIATOR گە ئىنكاس :
سىز ufc自由 مۇسابىقىسىگە قانداق قارايسىز ...
Ufc مۇسابىقىسى تۇلۇق ئاتىلىشى { Ultimate.Fighting.Championship } ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى { دەرىجىدىن تاشقىرى ئۈنۋېرسال ئېلىشىش } مۇسابىقىسى دەپ ئاتىلىدۇ ، مەزكۇر مۇسابىقىنىڭ پەيدا بۇلۇش جەريانى ئازراق قىزىقارلىق بۇلۇپ 1991 - يىلى بىر قىسىم مۇشلۇشۇش مۇسابىقىسىگە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ خىيالىدىكى قانداق قىلغاندا مۇشلىشىش مۇسابىقىسىنى تېخىمۇ يۇقرى پەللىگە چىقارغىلى بۇلىدۇ، يەنە بىر ياپۇنىيە قۇرۇق قول ئېلىشىش ماھىرى . يەنە بىر گۇمپا ماھىرىنى ئۇرۇپ يىقىتالامدۇ ؟ بىر چېلىشىش ماھىرى بىر بوكىس ماھىرىنى يىڭەلەمدۇ ؟ دىگەندەك قاراشلارنىڭ جاپاۋابىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن بىر قېتىملىق مۇسابىقە ئۇرۇنلاشتۇرغان . شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئويلىمىغان دەرىجىدىكى ياخىشى ئۈنۈمگە ئىرىشكەن .شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەنەبىر قېتىم ئۈتكۈزۈپ بېقىشنى قارار قىلغان ۋە ئارقا- ئارقىدىن ئۆتكۈزۈشكە باشلىغان ، شۇنداق قىلىپ 1993 - يىلىغا كەلگەندە ئويلىمىغان يەردىن بۇلار بىر تۈرلۈك يىڭىچە ئېلىشىش تەنھەركىتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن ، مۇسابىقىنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ يەنە بەزى مەسىلىلەر كۈرۈلگەن . يەنى دەسلەپكى ئېلىپ بېرىلغان ئەركىن ئېلىشىش مۇسابىقىللىرىدە پەقەتلا قائىدە يوق بۇلۇپ مۇسابىقە سەككىز بۇلۇڭلۇق تۈمۈر قەپەس ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان يەنى قەپەس ئىچىگە پەقەتلا ئىككى ماھىر كىرىپ بىرسى ساق يېنىپ چىقىدىغان بۇ جەرياندا بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپنى قانداق ئۇرسا بۇلىۋىرىدىغان ھالەتتە مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلغان ، شۇ سەۋەپلىك بۇ مۇسابىقە شۇ ۋاقىتتىكى دۇنيادىكى ئەڭ دەھشەتلىك ئېلىشىش مۇسابىقىسى بۇلۇپ قالغان . مۇسابىقە جەريانىدا ماھىرلارنىڭ ئۈلۈپ كىتىش مۇمكىنچىلىكىمۇ بولغان ، شۇسەۋەپلىك مەزكۇر مۇسابىقە كۆپ قىسىم ئاممىنىڭ ۋە بەزى يۇقرى دەرىجىلىك مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان . شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر مۇسابىقە قىسقا ۋاقىت ئۆتكۈزۈش چەكلەنگەن . بىراق 2000 - يىلى 11 - ئايدا مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلارنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن مۇسابىقە ئكـۆۈزۈش كومتىتىگە يىڭىدىن تۈزۈلگەن قائىدىگە بويسۇنۇش شەرتى ئاستىدا ۋاقىتلىق مۇسابىقە ئېلىپ بېرىشقا رۇخسەت قىلىش گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بىرىلگەن شۇنىڭ بىلەن 2001 - يىلى تۇنجى قېتىملىق قائىدە كىرگۈزۈلگەن Ufc دەرىجىدىن تاشقىرى ئۈنۋېرسال ئېلىشىش مۇسابىقىسىنى يىڭى تېكساس شىتاتىدا ئۈتكۈزگەن ۋە مەزكۇرمۇسابىقىنى ئامېرىكىنىڭ 44 شىتاتىدا ئۆتكۈزۈشكە يول قويغان ،
مۇسابىقە ئۈتكۈزۈلۈپ تا ھازىرغا كەلگۈچە مەزكۇر مۇسابىقىنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تىز بۇلۇپ كۈرۈلۈش نىسپىتى ھازېرقى بوكىس مۇسابىقىسى شۇنداقلا NBA مۇسابىقىسىدىن ئېشىپ كەتكەن . UFC مەستانىلىرنىڭ قارىشىچە بوكىس مۇسابىقىسى پەقەتلا بىر خىل ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلىدىغان مۇسابىقە بىراق UFC مۇسابىقىسى بولسا ئەركىن مۇسابىقە بۇلۇپ مۇسابىقە جەريانىدا ئويلىمىغان مۆجىزىلەر يۈز بىرىپ كىشىنى تۇلىمۇ ھاياجانغا سالىدۇ دەپ مەزكۇر مۇسابىقىنى تەرىپلەشكەن . ...
مەزكۇر مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ماھىرلار ئەڭ ئېغىر جاپالىق مەشىقنى قۇبۇل قىلىدىغان بۇلۇپ. ئۇلار بوكىس . چېلىش . تايلانىت گۇمپىسى . ياپۇن قۇرۇق قول ئېلىشىشى گۇمپىسى . قاتارلىق ھەرخىل گۇمپىلاردا ئايرىم - ئايرىم ھالدا مۇنتىزىم مەشىق قىلنىدۇ ، ئاخىرىدا يوقارقى گۇمپىلارنىڭ ھەممىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بىز كۈرۈىۋاتقاندەك ئەڭ ئىسىل ئۈنۋېرسال ماھارەت گۇمپىسى ئارقىلىق مۇسابىقە مەيدانىدا جەڭ قىلىدۇ ... شۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ئېغىر دەرىجىىك UFC ماھېرلىرىنى باشقا ئېلىشىش تۈرىدىكى ھەرقانداق بىر ماھىردىن ئۈستۈن ئۇرۇنغا قۇيۇشقا بۇلىدۇ . چۈنكى ئۇلار ھەرقايسى جەھەتتە قاتتىق مەشىقنى قۇبۇل قىلغانلاردۇر . ئەلۋەتتە مۇسابىقە بىر ئاز خەتەرلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ماھىرلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىلىدىغان بۇلۇپ . مۇسابىقىگە قاتنىشىشتىن ئىلگىرى ماھىرلار پۈتۈن بەدەن تەكشۈرتۈشنى قۇبۇل قىلىدۇ . مۇسابىقە جەريانىدا مۇسابىقە نازارەتچىسىنىڭ رۇلى ئىنتايىن مۇھىم ئۇرۇندا تۇرىدۇ . .... ماھېرلار مۇسابىقىدىن چۈشكەندىن كىيىنمۇ بىر قېتىملىق پۈتۈن پەدەن تەكشۈرۈشىنى قۇبۇل قىلىدۇ ... ئەگەر مۇسابىقە جەريانىدا قايسى ماھىر تاياق زەربىسىدىن يىقىلىپ كەتسە مەيلى ئېغىر بولسۇن ياكى يىنىك بولسۇن ئۇ ماھىر چۇقۇم 3 ئاي دەم ئېلىشنى قۇبۇل قىلىدۇ .....
يىغىپ كەلسەم: UFC ۋەMMA ئىبارەت بۇ ئالاھىدە بوكىس تۈرىدىكى مۇسابىقىنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىياتى ئىنتايىن تىز ، مۇسابىقىنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچىنىڭ كۈچلىكلىكى . جىددىلىكى . مۇكاپات سوممىسىنىڭ يۇقرىلىقى بىلەن بۇ مۇسابىقە تۈرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ياۋايىلارنى . شۇنداقلا سادىق كۈرۈرمەنلەرنى ئۈزىگە جەلىپ قىلىپ كىلىۋاتىدۇ . ئۇنىڭدىن سېرىت نۆۋەتتە بۇ مۇسابىقە ۋوللىۋود كىنو ساھەسىدىمۇ ئۆز ئورنىنى تاپتى .شۇ ئارقىلىق مۇسابىقە باش تىما قىلىنغان نۇرغۇن ۋوللىۋود نادېر كىنولىرى مەيدانغا كەلدى ....
بۇلارنى كۈرۈپ ئەمدى مۇنداقلا سۇراپ قويسام بۇ بالا نىمانچە ئەزۋەيلەپ شۇنچە كۆپ خەت يېزىپ چۈشەندۈرۈپ كىتىدىغاندۇ دەپ ئويلاپ قالماڭ يەنە ...
يۇقارقىلار مىنىڭ ئىلگىرى مۇنبەرگە يوللىغان تىمام ئىدى . شۇ تىمىدىن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىغانلىرىمنى ئايرىپ ئېلىپ يوللاپ قويدۇم ، شۇڭا توغرا چۈشۈنۈڭ .....
نىمە ، ئىشخانىڭىزدىكىلەرنىڭ مۇسابىقە توغرىسىدىكى قىلىشقان گەپلىرىنى ئاڭلاپ سىزمۇ قىزىقىپ قېلىۋاتامسىز ...... ؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا GLADIATOR تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-7 01:10 AM