قەشقەر ئېسىل يۇرت ئىدى.... لېكىن ھازىر مۇشۇ زامانىۋى لىباسلارنىڭ ئىچىدە
تەلەتى بۇرۇنقىدىن سەل سۆرۈن تەلەت بولۇپ قالغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ....لېكىن
ئەڭ يامان يېرى، ئادەملىرىنىڭمۇ بۇرۇنقىدىن سۆرۈن تەلەت بولۇپ قېلىۋاتقىنى....
قەشقەرنى زامانىۋى شەھەر قىلىمىز دەيدىكەنمىز، قۇرۇق ماختاشقا ئەمەس،
ئەمىلى ھەركەتكە تايىنىشىمىز كېرەك.
1. يۇقۇرىدا دىيىلگەن ھاجەتخانا مەسىلىسى چوقۇم ياخشى ھەل بولىشى كېرەك.
ئاممىۋى ھاجەتخانىلار كۆپرەك سېلىنىشى، تازىلىقىغا تېخىمۇ كاپالەتلىك قىلىنىشى
كېرەك. ھاجەتخانا تېپىشنىڭ قىيىنلىقى، تاپقاندىمۇ تازلىقىنىڭ ناچار بولۇشى،
بۇ رېئاللىق. (ئەلۋەتتە بۇ مەسىلە شىنجاڭدا ھەل بولمايۋاتقان بىر ئىجتىمائى
مەسىلىنىڭ بىرى) بۇنىڭغا ھۆكۈمەت ۋە خەلق ئاممىسى تەڭ ئېتىبار بەرگەندە
ۋە كۈچىگەندە، ئاندىن ياىشى ھەل قىلغىلى بولۇشى مۈمكىن.
2. قەشقەرنىڭ قاتنىشى تەرتىپكە سېلىنىشى، مۇشۇ زامانىۋى قاتناش ۋاستىلىرىنى
ھەيدەۋاتقانلاردا شۇنى ھەيدىگەنگە چۇشلۇق مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە ساپا
بولىشى كېرەك. كىچىككىنە يوچۇققىمۇ قىسىلىپ كىرىۋالىدىغان، قاتناش قائىدىسىگە
رىئايە قىلمايدىغان، ئېشەك ھارۋىسى ھەيدەۋاتامدىم ياكى زامانىۋى قاتناش
ۋاستىسىنىمۇ، مەسئۇلىيەت بىلەن ھەيدىمىسەم، بۇنىڭ ئۆزۈمگە ۋە باشقىلارغا
كەلتۈرىدىغان خەۋپى قانچىلىك؟ دىگەنلەرنى قەتئى ئويلاشمايدىغانلار يەنىلا
كۆپ سانلىق. مۇشۇ موتوغا قونىۋالغان خوتۇنلارنىڭ دىڭگىيىپ ئولتۇرۇپ كېتىشلىرى...
ئەرلەردىن قېلىشمىغۇدەك " باتۇرلىق" بىلەن قىسىلچىقلارغا قىسىلىشلىرى...
يا ئەييۇھەنناس... نەدىن كەلگەن يۈرەككىن تاڭ، بۇلاردىكى!
3. تىجارەتچىلەرنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، مەدىنىيەتلىك تىجارەتچىلەردىن
قىلىپ چىقىش كېرەك. چۈنكى بۇندىن 20 يىل بۇرۇنقى قەشقەردە سودىگەرلەرنىڭ
خۇش پىچىملىقىدىن ، <<ئاچمىغىن دۇكان ساراي، بولمىساڭ ئۇچۇق چىراي>>
دىگەن كەلىمىنىڭ بۇ يەردە قانچىلىك ئومۇملاشقىنى كۆرگىلى بولاتتى. (ئەلۋەتتە
ھازىر مۇشۇ بەزى تىجارەتچىلەرنىڭ قوپاللىقى، مۇز چىرايلىقى،شىنجاڭنىڭ ھەممە
يېرىدە ئۇچرايدىغان ئەھۋال) . باشقا يۇرتلۇقلار قەشقەرگە كېلىپ قالسا، شۇنداق
سۆيۈنۈپ، قەشقەرنى ياخشى نامىنى ئېلىپ كېتەتتى. لېكىن ھازىر بەزى
تىجارەتچىلەرنىڭ ھېلىلا مۇش ئاتىدىغاندەك، ئۇرۇشىدىغاندەك قوپال گەپلىرى،
قەشقەرنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇرنىڭ يۈزىنى تۆكۈپ بولغىلى تۇردى...
ئەمما مەن قەشقەر خەلقىنىڭ ئەقىل پاراسەتلىك، تىرىشچان خەلق ئىكەنلىكىگە ،
قەشقەرنى چوقۇم گۈزەل، زامانىۋى ، مەدىنىيەتلىك شەھەر قىلىپ قۇرۇپ
چىقالايدىغانلىقىغا، قەشقەر خەلقىنىڭمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تارىختىكى شۆھرىتىنى
قايتا نامايەن قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن!
يۇقۇرقى بەزى مەسىلىلەر گەرچە شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ مەۋجۇت مەسىلىلەر
بولسىمۇ، لېكىن قەشقەر تارىختىن بېرى، يۇرتلىرىمىزنىڭ سەركىسى بولۇپ كېلىۋاتقاچقا،
شۇ نام - شۆھرىتىگە دەخلى يەتمەسلىكى، تارىخىنىڭ ئۆچمەسلىكى ئۈچۈن، يۇقۇرىقىدەك
تەلەپلەر قەشقەرگە بەكراق قاتتىق ھەم كەسكىن قويۇلدى ھەم قويۇلىشى كېرەك
دەپ قارايمەن. بۇنىڭلىق بىلەن، بەزى قەشقەر سۆيەرمەنلىرىمىز، قەشقەرنى سۆكتۈڭ،
دەپ جېدەل ماجرا قىلىشىپ كەتمىسەك....