kaLGundi يوللىغان ۋاقتى 2012-12-5 06:03 PM
رەسۇلۇللاھ نىمىشقا شۇنداق دەيدۇ؟
ئەجىبا رەسۇلۇللاھن ...
چۈنكى ، سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز، ئىنسانلار ئىچىدىن چىققان ئەڭ شەرەپلىك،
جاھاندىكى ھەر قانداق ئىنسان زاتىدىن ئۈستۈن كۆرۈشىمىزگە ئەرزىيدىغان زات!
شۇڭا ئۇنى ھەقىقى سۆيمەي تۇرۇپ، ئۇنى ھەر قانداق ئىنسان زاتىدىن ئۈستۈن
ئورۇنغا قويماي تۇرۇپ، ئۇنىڭ يولىغا ھەقىقى ئەگەشمەي تۇرۇپ، سىز ھەرگىزمۇ
ھەقىقى تەقۋادارلاردىن، مۆمىنلەردىن بولالمايسىز.
بۇ مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ھەقىقەت!!!
شۇڭا سىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نىمە ئۈچۈن مۇشۇنداق شەرەپلەرگە ۋە
ئېھىتراملارغا ھەقلىق ئىكەنلىكىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ئىزدىنىپ، ماتېريال
كۆرۈپ بېقىڭ. ئاللاھ خالىسا، قەلبىڭىز يېڭىچە ئىلھام ۋە سىز رازى بولغىدەك
جاۋاپلارغا ئېرىشىشى مۈمكىن...
ئېسىمىزدە بولسۇنكى،
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىز ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى،
ئەڭ شەرەپلىكى ۋە ئەڭ توغرا يېتەكلىگۈچى ئۇستازىدۇر!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا NurlanKelbim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-5 06:29 PM