1. تويغا يالغۇز بارماسلىق كېرەك، بولمىسا باشلايدىغان ساھىپخان چىقماي قېلىپ تويغا بارغانغا تويسىز.
2. ئاندا-مۇندا تۇنۇشلار چاقىرىپ قالسا، ئايالىڭىزدىن پۇل ئەۋەتىۋتىپ بارمايلا قۇيۇڭ، بۇنداق تويلاردىمۇ ھۆرمەتسىز قالىسىز.
3. كاتتا باشلىقلار بىلەن بىللە(ھەتتا ئادەتتىكىمۇ) باشلىقلار بىلەن بىللە رېستۇران ئىشكىدە تۇرماڭ، باشلىقنى كۆتۈرۈپ ئەكىرىپ كەتكەن بىلەن سىز يەنە ئېتىۋارسىز قالسىز.
4. باغاققا ئايالىڭىزنىڭلا ئىسمنى يازغان بارسا بۇنداق تويغا بارمىسڭىزمۇ بولىدۇ.
5. خەتنە تويغا كىچىك بالىڭىزنى ئېلىپ بارماڭ، بولمىسا ئاياللار سوۋغاتلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىۋاتقان سورۇنغا كىچىك بالىڭىز كېرەلمەي سوۋغات غەلۋىسى قىلىپ يىغلاپ خاپا سالىدۇ.
6. شۆھرەتپەرەس ئاياللار قىلغان تويغا ئايالىڭىزنى ئاپارماڭ، ئايالىڭىزنىڭ قان بسېمى ئۆرلەپ شۇك بوپ قېلىش خەۋىپى چوڭ.
7. تويغا ئاپارماقچى بولغان سوممىڭىزنىڭ ئۈچ ھەسسچىلىك پۇلنى چوقۇم بىللە ئالغاچ بېرىڭ، رەت بېشدىكى مىڭلاپ يېزىلغان سوممىلاردىن تەسىرلىنىپ كېتىش ئېھتىمالىڭىز بەكمۇ چوڭ.
8. ماشىنىڭىز بولمىسمۇ بىرەر تال ماشىنا ئاچقۇچىنى بىللە ئېلىۋېلىڭ، ھاراق زورلايدىغانلارغا:-قولۇمدا رول بار!دېيشكە ئەسقاتىدۇ.
9. پۇلنى تىزلا چىقىرالايدىغان يەرگە سېلىڭ، ئىشىك تۈۋىدىلا پۇل يىغىپ سالسا شارتتىدىلا چىقىرىشقا ئەپلىك بولسۇن.
10. مېىھماندارچلىققا بارغاندا كىمنىڭ مېھمان قىلىدىغانلىقنى بىلۋېلىڭ.
11. مىھماندارچلىققا بارغاندا ئاۋال يالغۇز بېرىڭ، كىيىنكىسى ئەھۋالغا قارىتا بولسۇن.
12.ئايالىڭىز بىلمەيدىغان ئارامگاھلارنى بىلۋېلىڭ. ئاپەتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەكتە.
13.يۈزىڭىز قېلىن بولسا باشقىلارنىڭ سورۇنىدا باشقىلارنى مىھمان قىلىۋېلىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ
14. مېھماندارچلىق ۋە توي-تۆكۈنلەرگە بارغاندا ئاۋال تاماق يەۋېلىپ ئاندىن بېرىڭ. بولمىسا ئاچ قالسىڭىز ئۆزىڭىزدىن كۆرۈڭ.
15. كۆتۈرمىچىلىك قىلىدىغان سورۇنلارغا بارغاندا بېلىڭىزنى ئەۋرشىم، تىلىڭىزنى تاتلىق، قولىڭزىنى چاققان قىلىڭ
16. يۇقارقىلارنى پەقەت بىر چاقچاق دەپلا چۈشىنىش كېرەك. كۈلگىدەك يەرلىرىدە بىر كۈلۈپ قويسىڭىز بولدى.
ئەڭ مۇھىمى چاقىرمىغان يەرگە بارماڭ، چاقىرغان يەردىن قالماڭ.
مەنبە مەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zapar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-5 01:44 PM