abdulahad7 يوللىغان ۋاقتى 2012-12-6 12:22 PM
خۇيزۇلا ئەركىن دىننى پائالىيەت ئوتكۈزەلەيدۇ، مانابۇ ...
راست دەيسىز. مەنمۇ لەنجۇدا، غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇيمەن. لەنجۇدىمۇ بۇ جەھەتلەردە ئەركىن... جۈمەگىمۇ ئەركىن بېرىۋېرىمىز. مەكتەپمۇ شىنجاڭدىكىگە ئوخشاش ئۇنداق چەكلەپ قاتتىق تەلەپ قويمايدۇ. ئىشقىلىپ قارا ياغلىق ئارتمىسىلا، ياغلىق چىگسە كارى يوق. بىز ئوغۇللارمۇ چىرايلىق دوپپىلارنى كىيىۋالىمىز.
ئەمما شىنجاڭدا نېمە ئۈچۈنكىن زادى بىلمىدىم، ئوقۇغۇچىلار ياغلىق ئارتىپ دوپپا كىيىۋالسىلا چاتاق. جۈمەگە كىرگىنى ئېنىقلىنىپ قالسىغۇ جازا يېگىنى يېگەن. راستلا «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم» ئىكەن.