marfina يوللىغان ۋاقتى 2012-12-6 04:57 PM
ئەسسالام تېما ئىگىسىگە؛بۇ تېمىنى ئوقۇپ مەنمۇ شۇنى ھىس ...
سىز، بىز تەربىيە قىلغان بىلەن، ئاتا ئانىسى تەربىيە قىلمىسا ئۈنىمى قانچىلىك بولا؟ تېخى ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئاشخانىغا كىرىپ تاماق ساقلا ۋاتسام، بىر ئايال 7،8 ياشلىق قىزىنى ئەگەشتۈرۈپ كىرىپ ئۇدۇلۇمدا ئولتۇردى. قارىسام ھېلىقى قىزنىڭ قولىدا بىرمۇنچە ئاشۇنداق ئەخلەت يىمەكلىك.
«بالىلىرىغا نەسىھەت قىلماملا؟ مۇشۇنداق مەينەت نەرسە يىسە؟ » دەپ سورىدىم، ئۇ ئايال «نەسىھەت قىلسام ئاڭلىمىسا يا» دەپ جاۋاب بەردى، ئەمما ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسىدىن بىپەرۋالىق چىقىپ تۇراتتى. مەن ھېلىقى ئەخلەتنى ئېلىپ كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «ماۋۇ ئىچكىردە ياسالغان ئىكەن، ئىچكىردىكى قوۋمنىڭ پاكىز، ھالال يىمەكلىك ئىشلەمدۇ؟ ئى ئارمان مەھسۇلاتلىرى ئەرەب مۇسۇلمانلار بازىرىغا كىرىشتە نۇرغۇن تەكشۈرۈشلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈپ ئاندىن كىرەلىدى» دەپ سورىسام ئۇ ئايال يەنىلا بىپەرۋا ھالەتتە ئولتۇرىدۇ. مەن يەنە تېرىكمەي چۈشەندۈردۈم:« بىز مۇسۇلمان بولغاندىكىن ھالال، پاكىز نەرسىلەرنى يەيلى، قىزلىرىغا ئىخلاس، ئارمان ئۈلكەر قاتارلىق مۇسۇلمانچە يىمەكلىك ساتمامدۇ؟» دېسەم، خۇددى قىزىنىڭ ئاشۇ مەينەتلەرنى يەۋاتقانلىقىدىن پەخىرلەنگەندەك قىياپەتتە قىزىغا قاراپ قويدى، قىزى بولسا خىيالىي ھالدا :« ئۇلار قىممەت تۇرسا» دەيدۇ، مەن يەنە: «ئاشۇ بىر خالتا ئەخلەتنى كەم دىگەندە 5 يۈەنگە ئالغانسىز، ئىخلاس، ئارمان، ئۈلكەر مەھسۇلاتلىرى ئىچىدە 5 يۈەنگە بەرمەيدىغان قانداق مەھسۇلاتكەن؟»......
ئۇ ئانا ۋە ھېلىقى قىز گېپىمدىن زېرىكتى بولغاي، باشقا ئورۇنغا يۆتكىلىپ ئولتۇردى.......
ئاتا ئانىسىنىڭ ھالى شۇ، باللىرى نېمە يىمەكچى؟
يەنە بىر كۈنى قاراپ تۇرسام 3،4 ئوقۇغۇچى كېلىپ نەق ئەخلەتنى ئالدى دە يالماپ يىگىلى تۇردى. مەن ئۇلارنى چاقىردىم، ۋە يېشى چوڭراقىدىن سورىدىم: «ئىسمىڭ نېمە؟»
«ئابدۇ سالام مەمەت».
«ھە؟ سەن ئۇيغۇر ئىكەنسەنغۇ؟ داداڭمۇ ئۇيغۇر ئىكەن، چوقۇم مۇسۇلمان» دېسەم ھەممىسى گاڭگىراپ قالدى.
مەن گېپىمنى داۋاملاشتۇردۇم:« سەن ئۇيغۇر مۇسۇلماننىڭ بالىسى، ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان پاكىز، ھالال نەرسىلەرنى يىيىشكە ئادەتلەنگەن. بۇنداق پاسكىنا يىمەكلىكنى ئۇيغۇر بولمىغان، مۇسۇلمان ئەمەس بىر مىللەت ياسايدۇ، شۇنى قانداقمۇ يىگۈڭ كېلىدۇ؟ شۇنىڭ ئورنىغا تۇخۇم ئېلىپ يە، ئالبىنى دىگەندەك تاتلىق، پاكىز نەرسىلەرنى يە، ماۋۇ ئەخلەتلەرنى يىسەڭلار كېسەل بولىسىلەر، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇنۇتقاقلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولوپ، ئۆزۈڭلارنىڭ كىمنىڭ بالىسى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قېلىشىڭلار مۇمكىن» دەپ نەسىھەت قىلدىم(بەزى گەپلەرنى ئېچىپ دەۋەتمەكچى ئىدىم، لېكىن ئاغزىمدىن چىقىرالمىدىم)، ئۇلار يەۋەتقان نەرسىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋىتىشتى.
ئىش قىلىپ، پۇرسەت بولسىلا نەسىھەت قىلايلى.