توۋا،دىلىم تىترىگىنى نىمىسى ئەمدى...؟
ھەقىقەتەن،بىزدە ۋاقىتلارنىڭ بەرىكىتى قالمىدى.
بىز ئۈلگىرىشىمىز كېرەك ھاياتنىڭ دەقىقلىرىگە.
مانا مۇشۇنداق تاقا-تۇققا سۇئاللارنى ئۆزىمىزگە داۋاملىق قويۇپ تۇرىشىمىز كېرەك .
جانسىز ئەخلاق تىراگىدىيىسىنى كۆرگەندە، ياقا تۇتۇپ تۇرۇش بىلەنلا چەكلەنمەي،بۇرچ ئىدىيىسىنى دەرھال يانچۇقتىن ئالالىشىمىز كېرەك .
جانلىق،ئېسىل ئەخلاققا دۇچ كەلگەندىمۇ بەختىيارلىق ھەم چىن قېرىنداشلىق بىلەن كۈلەلىشىمىز،ئۇلارنى تېخىمۇ رىغبەتلەندۈرەلىشىمىز كېرەك .
كۆرەلمەسلىك پاتقىقى بىزدە بەكمۇ ئېغىر.
ھاياتنىڭ غورۇر بورانلىرى بىلەن بىز بۇ پاتقاقنى قۇرۇتىۋېتىشىمىز كېرەك .
تېما ئىگىسىنىڭ تەپەككۈرلىرىگە بەرىكەتلەر بولسۇن .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zulayha تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-9 12:56 PM