نەۋائىي يوللىغان ۋاقتى 2012-12-9 06:10 PM
ئۆرىككەك گۈزىلىم ئۆلۈك ھىسياتتا،
قۇچاقلاپ سۆيمەككە ...
ياق ياق دوستۇم يەنىلام ئۈمىتۋار بولايلى.........
يىگىتلەرگە ياراشماس يىغا،
ياش ئورنىغا تۆكۈپ كەلگەن قان.
ھاققانىيەت ئۇنىڭ سۆيگىنى،
ۋەسلى ئۈچۈن بېرىپ كەلگەن جان.
زىندانلاردا قاينام ئۆركىشى*،
جادۇ ئالدىدا كۈلگەندەك ئۇيغۇر*
خائىنلارغا ياغدۇرۇپ نەپرەت،
نۇرلاندۇرغان ئىمان ۋە غۇرۇر.
يىگىتلەرگە ياراشماس يىغا،
يەلكىسىدىن باسقاندىمۇ غەم.
ئىزلىنىشتىن ئېچىلىپ ئەقىل،
ئۈمۈتلەردىن كۈلمەمدۇ ۋەتەن.
ئۇ تۇغۇلسا تىترىگەن تاغلار،
چاڭقىغان چۆل چۈشىگەن سۇنى.
ئىپپىتىنى ساقلىغان نۇزۇك،
جەننەتلەردە ساقلىغان ئۇنى.
لاۋا0998(ئىجادىيەتلىرى)دىن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا lawa0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-9 06:32 PM