چاچ سوپۇنى بىلەن سۇ تامچىسىنىڭ دىئالوگى
تازلىق ئۆيىدە بىر چاچ سوپۇن قۇتىسىدىن ئازغىنە سىرغىپ چىقىپ قالغان چاچ سوپۇن يۇقۇندىسى زىرىككەن ئاھاڭدا ؛ ھەي قاچانمۇ مىنى ئىشلىتە ، ئىشلەتكەندىن كىيىن سۇغا قۇشۇلۇپ دىڭىزغا قۇيۇلسام دىڭىز سۇيى بولۇپ ھەممە يەرنى ئايلانسام دەپ ئۆز ئۆزىگە سۆزلەيتتى .
تۇيۇقسىز سۇ تۇربىسى جۇمىكىدىن تامچىلاپ چۇشىۋاتقان سۇ ئۇنىڭغا قاراپ ئەپسۇسلانغان ھالدا ؛ ھەي بايقۇش ئارزۇلىرىڭنىڭ ئەمەلگە ئىشىش تەس جۇمۇ دەپتۇ .
چاچ سوپۇن يۇقۇندىسى ئۇنىڭغا ؛ نىمىشقا ؟ مىنى زاڭلىق قىلىۋاتامسىز ؟ دەپ ئاچچىقلانغان ھالدا .
سۇ تامچىسى ساڭا دىسەم مىنىڭ تومۇرۇمدا چاچ سوپۇننىڭ قىنى بار . بوۋام مۇ ئىشقىپ چاچ سوپۇنىكەنتۇق .
چاچ سوپۇنى ؛ خاتا ئاڭلاپ قالدىممۇ قانداق ، سۇ دىگەن دىڭىزدىن ئاسماندىن رەڭسىز سۇزۇك بولىدۇ . ئۇلانىڭ نەسلى ئەڭ پاك بولغاچقا ئاندىن سۇ دەپ نام ئالغان . قانداقمۇ چوڭ داداڭ چاچ سوپۇنى بولسۇن .
سۇ تامچىسى ئۇھسىنىپ تۇرۇپ ؛ بولىدۇ ساڭا دەپ بىرەي ئاڭلا . مەن بۇرۇن داڭلىق ماركىلىق بىر چاچ سوپۇنى ئىدىم . مىنى ئىشلەتكەن ئۆيدە ئادەم كۆپ بولغاچقا تىزلا ئىشلىتىلىنىپ تۇگۇدۇم . بىشىدا شۇنداق خۇش بولغان مەنمۇ كىيىن سۇدىن باشقا نەرسىنىڭ سۇغا قۇشۇلۇپ بىر تەن بولىشى مۇمكىن ئەمەسكەن . بولغان بىلەنمۇ يامان نام ئاتاقتا ياشايدىكەنسەن . مەن ھازىر سۇ بولغان بولساممۇ باشقىلارنىڭ يامان ئاھانىتىدىن يىراقراق مۇشۇ قىستاڭچىلىق زامانلاردا ياشاپ كىلىۋاتىمەن .
چاچ سوپۇنى ئەجەپلەنگەن ھالدا ؛ ئىنىقراق دەڭە مەن ھىچنىمىنى بىلەلمىدىم .
سۇ تامچىسى ئۇنىڭغا ؛ مەن بۇرۇن چاچ سوپۇنى ئىىم . ئىشلىتىلىنىپ بولغاندىن كىيىن مەنمۇ دىڭىزغا بارارمەن دەپ تۇربىلاردىن ئۆتۇپ بىر قاراڭغۇ ئۆيدە ناھايىتى ئۇزاق تۇردۇق . ئۇ يەردە ھەرخىل سۇيۇقلۇق ھەتتا سۇيۇقلۇقتىن ھەممە نەرسە باركەن . مەن ئۇ يەردە باشقىلار پاراڭلىشىپ مۇنۇلارنى بىلدىم . ئەگەر دىڭىزغا قۇيۇلغان بىلەن سەن ئۇ يەردە ئەركىن ياشايسەن . لىكىن كىشىلەر سىنى پاكىز دىڭىز سۇنى بۇلغىغان يۇندە سۇ . ئاندىغەي ماندىغەي دەپ سىنى قارغامىش . شۇنداق بولۇپ ھەم كەلگەنلەر باركەن . مەن تۇرغان يەر بىر سۇنى قايتا ساپلاشتۇرۇپ قايتىدىن ئىشلەتكىلى بولدىغان قىلىدىغان يەر ئىكەن .
شۇ چاقىتتا چاچ سوپۇنى ؛ سۇنى ساپلاشتۇسا سەن يەنە ئارلىشىپ قاپسەنغۇ ؟
سۇ تامچىسى ؛ مەنمۇ شۇنى دىمەكچى . ئۇلار ساپلاشتۇردۇم دەپ ئەسلىدە رەڭگىنى ساپلاشتۇرىدىكەن . بۇ خىمىيىلىك ماددىلارنى قۇشۇش بىلەن بولىدىكەن . بۇ سۇنى ئىشلىتىشكە بولغان بىلەن بىۋاستە ئىچىشكە بولمايدىكەن . ئاڭلىشىمچە بىر نەچچە سۇ تامچىسىدىن ئاڭلىشىمچە بىرسى بىر بالىنىڭ بىۋاستە ئىچىشى بىلەن ئۇ بالىنىڭ ئاشقازىنىنى ئاغرىتىپ ئۇ سۇنى قۇسۇپ يەنە تۇربا يولى بىلەن مۇشۇ يەرگە كىلىپ يانا پىششىقلىنىدىكەن . ئاڭلىسام بىشىدىن بەق چوڭ ئىشلا ئوتۇپتىكەنمىش . بىز ئەمدى ئۇلاغا بىۋاستە ئىچمەڭلار دىيەلمەيمىز . ھەممە يەردە ئاڭلاپ تۇرساقمۇ لىكىن ئىنسان قىلمە دىگەننى قىلىدىكەن ئەمەسمۇ .
شۇ چاغدا چا سوپۇنى ؛ ھەممە نەرسە ئۆز تۇرقى خىلى ئارىسىد قەدىرلىككەن . باشقىغا ئۆزگىرىش شۇنداق ئاجايىپ كۆرۈنسىمۇ ئۆزگەرگەندە بىلگەن بىلەن ئەسلىگە قايتىش مۇمكىن ئەمەسكەن
مەنبە بىلوگىم تەڭ يوللاندى ؛
http://www.salihbeg.com/