ئاتاقلىق رەسسام ، ئىدىقۇت ئوغلانى ئىمىن ھاسىل ئەپەندى
ئىدىقۇت ۋادىسىدىكى تونۇلغان رەسسام ، گۈزەل-سەنئەت مۇتەخخەسسىسى ئىمىن ھاسىل 1941-يىلى تۇرپان شەھىرىنىڭ يار يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن . 1952-يىلى شىنجاڭ ئۆلكىلىك 2-دارىلمۇئەللىمىنگە ئوقۇشقا كىرگەن ، ئۇ بۇ جەرياندا كۈندىلىك دەرسلەرنى ياخشى ئىگىلەش بىلەن بىرگە ، دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا رەسىم سىزىش كۇرسلىرىغا قاتنىشىپ ، پېشقەدەم رەسساملارنى ئۇستاز تۇتۇپ ، رەسىم سىزىش قائىدىلىرىنى ، سىزىق ئارقىلىق ھەرىكەتنى ئىپادىلەشنى ، رەڭگە ھېسسىياتنى قانداق سىڭدۈرۈشنى ئىجتىھاد بىلەن ئۆگەنگەن . 1958-يىلى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ، تۇرپان 1-ئوتتۇرا مەكتەپكە تەقسىم قىلىنغان . 1964-يىلى تۇرپان ناھىيىلىك مەدەنىيەت يۇرتىغا يۆتكىلىپ ، بىر تەرەپتىن تۇرپاننىڭ مەدەنىيەت-سەنئەت ئىشلىرى ئۈچۈن قان-تەر ئاققۇزسا ، يەنە بىر تەرەپتىن ئىجادىيەتنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغان . 1965-يىلى تۇرپاندىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن 60 ئوقۇتقۇچىنى يىغىپ ، تۇرپاننىڭ تۇنجى ئەۋلاد رەسىم ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيلەپ چىققان . 1980-،1981-يىللىرى شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى ۋە جېجياڭ گۈزەل-سەنئەت ئىنىستىتۇتىدا مەخسۇس رەسىم ئىلمى بويىچە بىلىم ئاشۇرۇپ ، ماي بوياق رەسىم ھەققىدە ئەتراپلىق بىلىمگە ئىگە بولغان . ئىمىن ھاسىلنىڭ شۇنىڭدىن كېيىنكى رەسىم ئەسەرلىرى چوڭقۇر مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەپ ، تېخىمۇ تەسىرچانلىققا ، جانلىقلىققا ئىگە بولغان . ئىمىن ھاسىل ئەمدىلا 15 ياشقا كىرگەن چاغدىكى تۇنجى ئىجادىيەتلىرىنىڭ بىرى بولغان <<نەنسەن قارىغايزارلىقى>> ناملىق رەسىمى بېيجىڭدا ئېچىلغان مەملىكەتلىك ياش رەسساملار ئىجادىيەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىدە مۇنەۋۋەر ئەسەر بولۇپ باھالانغان ۋە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن . <<چېگرادىن خەت>> ناملىق رەسىم ئەسىرى 1982-يىلى مەملىكەتلىك رەسساملار جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان كۆرگەزمىدە ئالاھىدە ئەسەر مۇكاپاتىغا ، <<ئاۋغۇستتىكى تۇرپان>> ناملىق ئەسىرى 1985-يىلى مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ، <<يالقۇنتاغدىكى قۇم ساناتورىيىسى>> ناملىق ئەسىرى 1986-يىلى مەملىكەت بويىچە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ، <<تارىخنىڭ بىر بېتى>> ناملىق ئەسىرى غەربىي شىمال بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ماي بوياق رەسىم ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىدە مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن . كۆپ يىل ئىزدىنىش ئارقىلىق 1985-يىلى سىزىپ چىققان ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ پورتېرىتى ئۇنى زور شۆھرەتكە ئىگە قىلغان . ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ بۇ رەسىمى ئاپتونۇم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى تەرىپىدىن ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ خەلقئارادىكى بىردىنبىر ئۆلچەملىك رەسىمى قىلىپ بېكىتىلگەن .
ئۇ يەنە باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ <<ئېلىپبە>> كىتابىنىڭ ئىچى-تېشى مۇقاۋىسى ۋە كىتابنىڭ 380 پارچە رەسىمىنى سىزىپ بەرگەن . ئىمىن ھاسىل يەنە تۇرپاندا ئاممىۋىي مەدەنىيەت سورۇنى بولماسلىق ھالىتىگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن 1998-يىلىدىن باشلاپ ، ئاپتونۇم رايون ۋە مەركەز رەھبەرلىرىگە خەت يېزىپ ، بېيجىڭغا بېرىپ كۆرۈشۈپ ، بەش يىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق ئاخىرى زور سوممىلىق مەبلەغ ھەل قىلغان ۋە ھازىرقى يېڭى ئاممىۋىي مەدەنىيەت سارىيىنىڭ قۇرۇلىشىغا ئاساس سالغان . تالانتلىق رەسسام ئىمىن ھاسىل كىچىكىدىن باشلاپ گۈزەل-سەنئەت كەسپىگە ئالاھىدە ئىشتىياق باغلاپ ، رەسساملىق جەھەتتە ئىجادىيەت ، ئىزدىنىش ، تەتقىقاتنى بىر كۈنمۇ توختىتىپ قويماي ، نۇرغۇن نادىر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ ، رايونىمىز ئىچى-سىرتىغا تونۇلغان ئاتاقلىق رەسسام بولۇپ يېتىشىپ چىققان . ئۇنىڭ تەپەككۇرى ئۆتكۈر ، كۆزىتىش ئىقتىدارى ئۆزگىچە ، رەڭ ۋە ئوبراز يارىتىش جەھەتتە خاسلىققا ئىگە بولۇپ ، ماي بوياق رەسىم ئىجادىيىتىدە ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ . ھاياتقا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى ، گۈزەل تەبىئەتكە بولغان قايناق ھېسسىياتى ، رەسساملىق كەسپىگە بولغان ئوتتەك ئىشتىياقى تومۇرىدا ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان بۇ ھارماس ئۇستازنىڭ ئىدىقۇت باغرىدەك ئاتەش يۈرىكى 2010-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى كېسەل سەۋەبى بىلەن 69 يېشىدا سوقۇشتىن توختىدى . گەرچە ئۇ بىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىلغان بولسىمۇ ئۇنىڭ يالقۇنلۇق قەلبى ھەربىر ھارارەتلىك ۋۇجۇدقا مەڭگۈلۈك ئورنىغۇسى! مۆھتىرەم ئۇستازىمىزنىڭ ئۆچمەس تۆھپىلىرى ، ئۆز كەسپى ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتىغان سەنئەت سۆيەر روھى ، بوشاشماي ئىزدىنىدىغان ئېسىل پەزىلىتى ئەۋلادلارغا يىقىلماس ئابىدە بولۇپ قالغۇسى!! مەرھۇم ھايات ۋاقتىدا تۇرپان ۋىلايەتلىك رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ پەخرىي رەئىسى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ، مەملىكەتلىك رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن . ئاللاھ مەرھۇمنىڭ ياتقان جايىنى جەننەتتە قىلغاي!! مەنبە : تور دۇنياسى ۋە ئۆزۈمنىڭ رەتلەپ-توپلىغانلىرىم
|