جېنىم ھەدە ( ھېكايىڭىزنى ئۇقۇپ سىزنى شۇنداق چاقۇرغۇم كەلدى ، ئېغىر ئالمىغايسىز .) بۇ قىسمەتلەرگە سىزلا ئەمەس يەنە قانچىلىغان قىز-ئاياللىرىمىز دۇچار بولغاندۇ؟-ھە ، سىزگە نېمە دەپ تەسەللىي بىرىشىمنى ھېچ بىلەلمىدىم . يەنىلا ئېرىڭىزنىڭ بىر ئېغىز كەچۈرۈڭ دېگەن يۈرەك سۆزى سىزنىڭ ئازار يېگەن قەلبىڭىزگە ھەقىقىي تەسەللىي بېرەلىشى مۇمكىن . شۇڭا مەن ئەشۇ نادان ئېرىڭىزنىڭ كۆڭلۈگە ئىنساپ ، سىزگە بەخىت تىلەيمەن . نېمىلا بولمىسۇن خۇشال ياشاڭ !
يۈرۈگۈم شۇ تاپتا ئاچچىق ئۆرتەنمەكتە . ھەي سىرلىق ھايات يەنە قانداق ھىيلە-مىكىرلىرىڭنىڭ قۇلى بوپ كېتىۋاتقان نائىنساپ ئادەمسىمان ھايۋانلىرىمىز تېخىچە ئۆزىنى بىلەلمەي كۆڭۈل كەينىگە كىرىپ نېمە ئىشلارنى قىلىۋاتىدىغاندۇ؟!.... ياراتقان ئۇلۇغ ئاللا ئېگەم ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىمان ، ئىنساپ ئاتا قىلسۇن . مېنىڭ قۇلۇمدىن كېلىدىغىنى مۇشۇنچىلىككەن بولمىسا شۇ ھايۋانلارنى ئۆزۈم بىر ئەدەپلەپ قويار ئىدىم .
ئەي قېرىنداشلىرىم! مەيلى قايسىمىز بولايلى ھالال جۈپتىمىزگە سادىق بولايلى! بۇ ھاياتىمىزدا شۇ ئىللىق ئائىلىمىز ھەممىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ بەختى . ھەقىقى بەخىت ھەممىمىزگە مەڭگۈ ياربولسۇن!