esyankar75 يوللىغان ۋاقتى 2012-12-11 01:02 PM
خاپا بولماي ئىلى ئاتلىرىنىڭ مۇڭغۇلكۈرە ئىتى دەپمۇ ئات ...
مەن بۇ كىچىكىنە ماترىيالنى توپلاش ئۈچۈن مۈڭغۇل كۈرە ، شۆتا يىزىسى، قاينۇق ، چاپچال ناھيە يىزا-قىشلاقلاردىكى مىراخۇرلار (ئات باقىدىغانلار )بىلەن يۈزمۇ -يۈز كۆرۇشتۇم . ئادەتتە ئىشكىرى ئولكىلەردە شىنجاڭ ئاتلىرى دىسە ئاساسەن مۇڭغۇل كۈرە ئاتلىرىنى كۆزدە تۇتىدىكەن .ئوتتۇرا ئاسيالاردىمۇ شۇنداقكەن ، مەن بۇ يەردە تىكەس ،كۇنەس ئاتلىرىنى مىسالغا ئىلىپ ئولتۇرمۇدۇم . مۈڭغۈل كۈرەدىكى ئايرىم بېقىلىدىغان ھەربى ئات فېرمىلىرىگە بارسىڭىز بۇ مەسىلىنى تېخىمۇ يارقىن چۈشىنىۋالالايسز.
ئەمدى ئاتنىڭ يېتىلىشىگە كەلسەك بىز ھەقىقەتەنمۇ كىچىكلىرىنى تاي دەپ چۆڭاراقلىرىنى ئات دەپ يۇرىيمىز . بىز ئەمەس خېلى چۆڭلارمۇ ،كاتتا زىيالى، كادىرلارمۇ بۇ ئاتالغۇلارنى بىلمەيدۇ . بۇندىن كېىينكى ئەۋلاتلارنىڭ بۇ ئاتالغۇلارنى بىراقلام ئۇنتۇپ كەتمەسلىگى ئۈچۈن يىراق قىشلاقلاردا كوپ ئىزدەندىم .قۇنان ،دۆنەن دىگەن بۇ ئاتالغۇلار ئادەتتە كالىلارغىمۇ ئىشلىتلىدۇ .بۇ ناملار توغرا ئاتىلىشى ھەرگىزمۇ چىشى ياكى ئەركىكىنى پەرىقلاندۇردىغان نام ئەمەس ...
ئاتنىڭ يېتىلىشى :قۇلۇن ،تاي ،دۆنەن ،قۇنان ،بەشلىك ، مۇشۇ جەريانلارنى بىسىپ ئوتۇپ ئاندىن ئات بولىدۇ .ئىنكاس يازغان قولىڭىزغا ئاللا ئىگەم دەرىت بەرمىسۇن !...