ئاياللارنىڭ بەختكە ئېرىشىشتىكى 10 سىر
1-رۇخسار ۋاقىتلىق،ئەقىل مەڭگۈلۈك
دادام مېنىڭ چىراي -تۇرۇقۇم ئۈچۈن ھەسىرەت چېكىۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپ:<<قىزىم،رۇخسار ۋاقىتلىق،ئەقىل مەڭگۈلۈك>>دەپ نەسىھەت قىلغانىدى.ئۇ ماڭا ئادەم ئۈچۈن زېرەك كاللا،كۈچلۈك قىزىقىش ۋە بىلىمگە ئىنتىلىش روھىنىڭ ھەممىدىن زوربايلىق ئىكەنلىكىنى ئېسىمدە تۇتۇشنى دائىم ئەسكەرتەتتى.شۇڭلاشقىمىكىن،مەن باشقىلارنىڭ مېنى دۆت دېيىشىنى ئەڭ زور خورلۇق دەپ قارايتتىم.
دېمىسىمۇ شۇنداققۇ؟ ھەر قانچە ياخشى مودىلمۇ ھامان بىر كۈنى <<سابىق مودىل>>بولۇپ قالىدۇ.ھالبۇكى، سىزدىكى ئەقىل -پاراسەت،غەيرەت،ىاسلىق يوقالمىسىلا سىز مەڭگۈ <<سابىق پالانى>>ياكى <<ئىلگىرىكى پوكۇنى>>گە ئايلىنىپ قالمايسىز.تاشقى سۈپەتلەر مەڭگۈلۈك بولمايدۇ.شۇڭا سىز ئۆزىڭىزنى تولۇقلىشىڭىز،ئۆزىڭىزنى مۈكەممەللەشتۈرىشىڭىز،ئىچكى جەزىبىدارلىقىڭىزنى ئاشۇرۇپ تۇرۇشىڭىز كېرەك.
2-ئۆزىڭىزنى نىقاپلىماڭ
نامايەن قىلغۇدەك ئقتىدارىڭىز بولسىلا ھەرگىز يوشۇرماڭ، ئۇنى يۈرەكلىك جارى قىلدۇرۇڭ.پەرۋاز قىلىشقا قۇرۇبىڭىز يەتسە ھەرگىز ئۆمىلەپ ماڭماڭ.باشقىلارنىڭ سىزنى نېمە دېيىشى بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن.ئۇلار سىزنى مەنمەنچى دىسىمۇ ،ئەركەكزەدەك ەېسىمۇ مەيلى، ئۇنداق گەپلەرگە كۈلۈپلا قويۇڭ.بىز ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئالدىدا نىقاپلىنىۋېلىپ ھەمىشە ئۆزىمىزنى چۈشەپ قويىمىز.
ياسالمىلىق قىلماڭ،مايمۇن ئويۇنى ئوينىماڭ،ئۆزىڭىزنى ئالدىماڭ.ئەگەر بىرسى سىزگە ھەقىقى قىزىقمىسا، بۇ ئۇنىڭ سىز ئىزدىمەكچى بولغان ئادەم ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. سىز يۇمۇرۇستىك، مەسئۇليەتچان، باشقىلارنى چۈشىنىدىۈان، ھېسىياتقا باي، چوڭقۇر بىلىملىك ئەرلەرنى ئۆزىڭىزنىڭ تاللاش نىشانى قىلىڭ. ئاندىن ئاشۇ خىلدىكى ئەرلەرگە يېقىنلىشىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىڭ.
3-بەختنى جىنىسقا باغلىۋالماڭ
جىنىسى لاتاپەت ئاياللارغا ھەرگىزمۇ ئۈستۈنلۈك ئېلىپ كېلەلمەيدۇ.ھالبۇكى نۇرغۇن ئاياللار ئۆزىنى بۇ جەھەتتە ئەرلەردىن ئۈستۈن تۇرىمىز دەپ قارايدۇ.بۇ نېمە ئۈچۈن؟چۈنكى بىز ئەرلەرگە ئۆز ئۆيىمىزدە بېرىشكە تېگەشلىك نەرسىلەرنى بەرسەكلا باشقا ئىشلارنى ھەل قىلىپ كەتكىلى بولىدۇ دەپ قارايمىز.ئاچا-سىڭىللار، شۇنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار سىلەرنىڭ بەدىنىڭلار سىلەرنىڭ مۇقەددەس قەسىرىڭلار،ئۇ پەقەت ئۆزۈڭلارگىلا مەنسۈپ. بۇ مۇقەددەس جايغا بىرسىنى باشلاپ كىرىش ئۈچۈن يېتەرلىك سەۋەپ بولۇشى كېرەك.ھەرگىزمۇ شېكەر شەنبىدىكى ئاددى ئۇچۇرشىش ئۈچۈنلا ياكى بىر قېتىملىق جەڭگى-جىدەلدىن ساقلىنىش ئۈچۈنلا يېنىكلىك قىلماسلىقىمىز كېرەك.
جىنىسى لاتاپەت ئارقىلىقلا بىر ئەرگە ئېرىشىش سىزگە ھېچنىمە بېرەلمەيدۇ، شۇنداقلا سىزنى ھەقىقى تۈردە قانائەتلەندۈرەلمەيدۇ خالاس.
4-ئۆزىنى ئالداش بەختنى رەت قىلغان بىلەن باراۋەر
ئاياللار ئۆزىنى ئالداش ماھىرى.ئالداش دەپ نېمىنى دەيمىز؟يۈرگۈنىڭىز سىزدىن پۇل قەرز ئېلىپ سىزگە تويلۇق ئۈزۈك ئېلىپ بەرمەكچى بولسا ، ئۇنىڭغا پۇل بېرىسىز؛سىزنىڭ خوتۇن باللىرى بار دوستىڭىز سىزگە:<<مەن ئايالىم بىلەن بىللە بولمىغىلى سەككىز يىل بولدى>>دېسە ، گەرچە ئۇنىڭ ئىككى ياشتىن ئاشقان بالىسى تۇرسىمۇ ،سىز شۇ گەپكە ئىشىنىسىز؛سىز ياخشى كۆرىدىغان ئەر سىزگە بالىلىق بولغۇم يوق دېسىمۇ ، سىز ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىسىز، چۈنكى سىز ئۇنى قارارىنى ھامىنى ئۆزگەرتىدۇ، دەپ ئويلايسىز .ئۆزىنى ئالداش بىر خىل خەتەرلىك كېسەل.ئەمەلىيەتتە ككپ ساندىكى ئاياللار ئەرلەرنىڭ دىگەن گەپلىرى ،قىلغان ئىشلىرىنى كۆڭلىدە ئېنىق بىلىپ تۇرىدۇ-يۇ، بىراق ئىتىراپ قىلىشنى خالىمايدۇ خالاس.ھالبۇكى ، ھامان بىر كۈنى ئۇ پەردە يىرتىلىپ، ھەممە ئىش ئايدىڭ ئايدىڭ بولىدۇ. ئۇ ۋاقىتتا سىز قىيامەت قايىم بولغاندەك ھېس قىلىسىز، رىئالىقنى قوبۇل قىلالماي قالىسىز. ئەگەر سىز بىر كۈنى سەھەردە ئويغۇنۇپ ئۆزىڭىزدىن:<<قارغۇ بولۇپ قالدىممۇ قانداق؟>>دەپ سوراپ باقسىڭىز ، مېنىڭ دىگەنلىرىمنى تەبىئىيلا چۈشۈنەلەيسىز. ئاياللار دائىم مۇشۇنداق قارىماققا چىدىغىلى بولمايدىغان شارائىتتا ياشاۋېرىدۇ.بۇنىڭدىكى ئاساسىي سەۋەپ ئۇلار يالغۇزلۇقتىن قورقىدۇ. نۇرغۇن ئاياللار مەيلى ئەسكى ۋە ياكى ياخشى بولسۇن ، يېنىدا بىر ئەرنىڭ بولۇشى بولمىغاندىن ياخشى دەپ قارايدۇ.<<تۈتۈننىڭ ئاچىقىنى مۇرا بىلىدۇ>>دىگەن گەپ بار . بېشىغا ئىش كەلمىگەن ئادەمگە بۇلارنى سۆز بىلەن چۈشەندۈرۈش ئىنتايىن قىيىن.ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئېھتىياجى ۋە ئارزۇسىدىن ئالدىراپ-تىنەپ ۋاز كەچسىڭىز، ئۇنى ھېس قىلغان ۋاقىتتا ئاللىقاچان كېچىككەن بولىسىز.
5- ھەر ئىشنىڭ يولى، پىچاقنىڭ سېپى بولىدۇ.
ئەگەر خىزمەتتە مۇۋاپىقيەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، شۇ ئىشنىڭ ئېپىنى بىلۋالسىڭىز خىز،ەتنى ھەتتا ئەرلەردىنمۇ ئۆتە ياخشى قىلالايسىز.
زېرەك بولۇڭ، ئىدىراكىڭىزنى، ئاياللارغا خاس تۇغما سەزگۈرلىقىڭىزنى ۋە ئىقتىدارىڭىزنى ياخشى ئىشلىتىڭ. خۇددى بۇلۇت سۇ سۈمۈرگەندەك، بارىلىق ئۇچۇرلارنى سۈمۈرۈۋېلىڭ، قىلىۋاتقان خىزمىتىڭىزنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىنى ياخشى چۈشۈنىڭ. بۇ باسقۇچتىكى پىلاننى غەلبىلىك ئورۇنداپ بولسىڭىز، كېيىنكى قەدەمگە تۇتۇش قىلىڭ، باشلىقىڭىزغا ئۆزىڭىزنىڭ تېخىمۇ مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۈستىڭىزگە ئالالايدىغانلىقىڭىزنى ھەتتا كەسىپى ئىشلاردا ئۆزىڭىزنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ئادەملىكىڭىزنى بىلدۈرۈپ قويۇڭ. چوقۇم ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ، تەشەببۇسكار بولۇڭ، بىراق ئىش بىجىرگەندە زېرەك بولۇڭ، ئەركىن-ئازادە بولسىڭىز بولىدۇ، بىراق خىزمەتكە كەلگەندە دىققىتىڭىزنى يىغىشىڭىز، ھەرگىز بىخۇتلۇق قىلماسلىقىڭىز كېرەك.
6-ئۆزگىدىن ساخاۋەت كۈتمەڭ.
ئېسىڭىزدە بولسۇن، بىز ئاياللار چوڭقۇر يىلتىز تارتقان باراقسان دەرەخكە ئوىشايمىز.دەرەخ پەرۋىشكە مۇھتاج، پەرۋىش بولغاندىلا ھەر قانداق كۆچەتمۇ چوڭ دەرەخ بولالايدۇ.
ئۇنداقتا ئاياللارنى زادى كىم پەرۋىش قىلىپ ئاسىراۋاتىدۇ؟كىم قوغداۋاتىدۇ؟سىز ئۆزىڭىزگە:<<مەن چوقۇم ئۆزۈمنى ئۆزۈم كۈتۈشۈم كېرەك>>دېيىشىڭىز كېرەك. ئەگەر باشقىلار سىزگە كۆڭۈل بۆلسە، ئۇنى تەلىيىم ياكى باشقىلار ماڭا ياردەم بېرىۋېتىپتۇ، دەڭ. بىراق بۇنداق ياخشى ئىشنىڭ دائىم بولۇشىدىن ئۈمىد كۈتمەڭ.
يىلتىزىڭىزنى ئاسىراشقا ئۆزىڭىز مەسئۇل بولسىڭىز، سىز مەزمۇت چوڭىيالايسىز. پەقەت شۇندىلا، سىزنىڭ تەقدىرىڭىز باشقىلارنىڭ(ئەرلەرنىڭ)چاڭگىلىغا چۈشۈپ قالمايدۇ.
7-بۇقىغا ئۇسۇل ئويناشنى ئۈگىتىمەن دىيىش سېپى ئۆزىدىن خام خىيال.
يىگىتىڭىزنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنىشىڭىز ئۆمرۈڭىزنى زايە قىلغانلىق، چۈنكى ئۇ ئۆزگەرمەيدۇ،ئۆزگىرىشنىمۇ خالىمايدۇ.تۇرمۇشتا ئورتاقلىقنى قەدىرلەپ، خاسلىققىمۇ ھۆرمەت قىلىش كېرەك. قارشى تەرەپنى ئۆزگەرتىشنى ئەڭ ياخشىسى ئويلىمىغان تۈزۈك. ئەر كىشىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇش بۇقىغا ئۇسۇل ئويناشنى ئۈەۈتۈشتىنمۇ قىيىن.
مەسئۇليەت ۋە مەجبۇرىيەت جەھەتتە ئەر-ئايالنىڭ 100% باراۋەر بولۇشى مۈمكىن .ئەمەس. ھەر ئىككى تەرەپ مۇناسىۋېتىدىكى گۈزەل نەرسىلەرنى كۆپرەك كۆرۈشى كېرەك. تەلىيىڭىز بولسا ھەمراھىڭىز دائىم سىزگە كۈلۈپ تۇرىدۇ. ئۇ سوغۇق كېچىلەردە بەدىنىڭىزنى ئىسسىتىپ قويسا، سىزگە كۆڭۈل بۆلسە، سىزمۇ ئۇنىڭغا كۆڭۈل بكلسىڭىز؛ئۇ سىزەە ئىشەنسە، سىزمۇ ئۇنىڭغا ئىشەنسىڭىز، ئۆزىڭىزنى ئىنتايىن تەلەيلىك ھېس قىلسىڭىز بولڭدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇن، مۇھاببەت ۋە نىكاھدا ئەر بىلەن ئايال مەسئۇليەتنى چوقۇم 50% !50% بويىچە ئۈستىگە ئېلىش كېرەك،دەپ قاراش ئۇچچىغا چىققان ئەخمەقلىق. ئەگەر شۇنداق قەلىمەن دەپ تۇرۇۋالسىڭىز، زىياننى چوقۇم ئۆزىڭىز تارتىسىز.
8-تىللىسام تۈزىلەر دەپ خام خىيال قىلماڭ.
ئاتا-ئانىنىڭ مۇھىم مەسئۇلىيىتىنىڭ بىرى بالىلىرىغا ھەر خىل پائاليەتلەردە ئۆزىنى كۆرسىتىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشكە كاپالاتلىك قەلەش. مەسىلەن، باشقا بالىلار بىلەن قانداق ئويناشنى ئۆگىنېۋېلىش؛كىتاپ ئوقۇشنى، ساناق ساناشنى، رەڭ بېرىشنى، خەت يېزىشنى ھەمدە خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرەمەن بولۇش ۋە مەسئۇليەتنى تەڭ ئۈستىگە ئېلىشنى ئۆگىنېۋېلىش قاتارلىقلار. ئۆزىڭىزنىڭ بالا چېغىڭىزدا نېمىگە ماھىر، نېمىگە ماھىر ئەمەسلىكىڭىزنى ئېسىڭىزگە ئالالامسىز؟سىز سىناپ بېقىڭ، بالىڭىز قايسى تۈرلەرگە ماھىر ھەم قايسى تەرەپلەردىكى قابىليىتىنى يېتىلدۈردى؟بالىڭىزنىڭ كەمچىلىكىگە نىسبەتەن يېتەرلىك دەرىجىدە كۆيۈمچان، سەۋرچان ۋە ئەپۇچان پوزىتسىيىدە بولىشىڭىز كېرەك. ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ خاپا بولۇش، ئاچچىقلىنىش ياكى زېرىكىش قاتارلىق كەيپىياتتا بولۇشى بالىلارغا ئىنتايىن قاتتىق زەربە بولىدۇ. كۆپ ۋاقتتا ئۇلار بەرداشلىق بېرەلمەي ھەر قانداق ئىشتىن تېخىمۇ رايى يېنىپ كېتىدۇ ياكى سىز بىلەن سوزلىشىشنى خالىمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر بالىڭىزنى دائىم ئەخمەق، دۆت دەپ تىللاۋەرسىڭىز، بالىڭىزنىڭ ئىپادىسىنىڭ ياخشى بولۇشىدىن ئۈمىد كۈتكۈلى بولامدۇ؟
9-باغلاقلىق ئىت ئوۋغا يارىمايدۇ.
بالا تەربىيىلەش، ئۇلارنىڭ كۈندىن -كۈنگە چوڭ بولۇۋاتقانلىقىنى ،ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈش ھەقىقەتەن ئادەمنى خۇشال قىلىدىغان ۋە قانائەتلەندۈرىدىغان ئىش. ئەمما بالا تەربىيىلەش شۇنچىمۇ ئاسان ئىش ئەمەس.ئەگەر قۇشنى پەرۋاز قىلسۇن دىسىڭىز، قەپەستىن بوشىتىۋېتىڭ؛ئاتنى ئەركىن چاپسۇن دېسىڭىز، ئۇنى باغلاقتىن يېشىۋېتىڭ؛ ئەگەر بالىڭىزنىڭ كەلگۈسىنىڭ پارلاق بولۇشىنى خالىسىڭىز، ئۇنى ئۆز ئەركىگە قويۇۋېتىڭ، ئەكىن تەرەققى قىلسۇن. شۇنداق قىلسىڭىز ئۆزىڭىزنىمۇ ئازاد قىلىپ، تۇرمۇشنىڭ پەيزىنى سۈرگۈدەك ۋاقىت ۋە زېھىن ئاجرىتالايسىز.
10-ھەر كىم ئۆز تەقدىرىنىڭ ياراتقۇچىسى
ھايات مۇساپىڭىزدە بىرلا ھېكايە سۆزلەنگەن بولىدۇ، بۇ ھېكايىنىڭ باش قەھىرمانى دەل ئۆزىڭىز. مەيلى سىز يالغۇز بولۇڭ ياكى ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولغان بولۇڭ، بالىڭىز بار ياكى يوق بولسۇن مەيلى چىرايلىق بولۇڭ ياكى سەت بولۇڭ، بۇ ھېكايە پەقەت سىزنى مەركەز قىلىدۇ، ھېكايىنىڭ خاتىمىسى قانداق بولىدۇ، بۇ پۈتۈنلەي ئۆزىڭىزگە باغلىق.
شۇنىڭ ئۈچۈن، بىرەر باتۇر ئەزىمەتنىڭ غايىپتىن كېلىپ سىزنى قۇتۇلدۇرۇشنى ساقلاپ تۇرماي، ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز قۇتۇلدۇرۇڭ. بەختنىڭ ئاسماندىن چۈشۈشىنى، ئالدىڭىزغا ئاق ئاتلىق شاھزادىنىڭ پەيدا بولۇشىنى كۈتۈپ تۇرماي، ئۆزىڭىز تىرىشىپ ياراتقان كارامەت نەتىجىلىرىڭىزدىن پەخىرلىنىڭ.
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-98989-1-1.html