akbar0997 يوللىغان ۋاقتى 2012-12-12 12:59 PM
چۈشەنچە بەرگىنىڭىزگە رەھمەت .
ھۇنلارنىڭ ھەريىلى تومۇزدا "茏城" (لوڭ شەھىرى) دە تىلاۋەت سۇپىسى تەييارلارپ ئەجدادلىرى،ئاسمان-زېمىن ۋە ئىلاھلارغا نەزىر-چىراق بېرىدىغان ئادىتى بولغانىكەن.شۇڭلاشقا دۆلەت ئىچىدىكى(جوڭگودىكى) بىر قىسىم تارىخشۇناسلار بۇ يەردىكى "茏" نى خەنزۇچىدىكى "龙" دەپ چۈشەندۈرگەن، ھەم "龙"نى ھۇنلارنىڭ بىر ئاساسلىق ئىلاھى دەپ قارىغان.بىراق ياپونىيەلىك داڭلىق تارىخشۇناس تاكىگاۋا كىماتارو جوڭگولۇق تارىخشۇناسىلارنىڭ ئۇ خىل قارىشىنىڭ خاتالىقىنى كۆرسەتكەن، ئۇنىڭ قارىشىچە ھۇنلارنىڭ "茏"دېگىنى پەقەت قەدىمقى خەنزۇ تىلىدىكى مەنىسى تېخى بىلىنمىگەن ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خۇاشىيالارنىڭ "龙"بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەن.بىراق بۇ سۆزىنىڭ ھۇن تىلىدىكى ئوقۇلىشى ۋە قەدىمقى خەنزۇ تىلىدىكى خەنزۇ تىلىدىكى ئوقۇلىشى ئوخشاپ كەتكەچكە مۇشۇ سەۋەبتىن جوڭگونىڭ قەدىمقى زاماندىكى پۈتۈكچىلىرى خاتىرلىگەن ۋاقىتتا ھۇنلاردىكى ئۇ سۆزىنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسىنى "茏" ياكى "笼" دەپ يېزىپ ئالايىتەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خۇاشىيالارنىڭ "龙"بىلەن پەرقلەندۈرگەن.
ئەمدى بايامقى ھۇنلارنىڭ ئاتالمىش قەدىمقى بايرىقى ۋە توردىكى بەزى رەسىملەرگە كەلسەك ئۇلار پەقەت ھازىرقى زاماندىكى بەزى كىشلەرنىڭ تەسەۋۇردىكى بايراق ۋە رەسىملەر بولۇپ ئەينى ۋاقىتتا ھۇنلار زادى قانداق تۇغ ئىشلەتكەن بۇنىسى تېخى ئېنىق ئەمەس.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Bilge تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-12 01:29 PM