ئۆل يوللىغان ۋاقتى 2012-12-13 08:10 PM
بۇنى بۇنداق ماھىيەتتىن چۈشەندۈرمسڭىز بولتى ئەسلى ..{:12 ...
قانداق نوقتىدىن چۈشەندۈرسەم بولا ئەمدى ..
بەلكىم سىز ئوغرى نۇسخىسى بىلەن ھەقىقى نۇسخىسنىڭ سىستېما ئىقتىدارى جەھەتتە قانداق پەرقى بار دىمەكچى بولىشىڭىز مومكىن ...لىكىن سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزدا سىتىۋېلىپ نىمە قىلىدۇ دەپ گەپ باركەن شۇڭا مەن مۇشۇنداق چۈشەندۈرۈش بەرگەن ..سىتېۋىلىش ياكى ھارام نۇسخىسىنى ئىشلىتىش مەن چۈشەندۈرگەن نوقتىغا تامامەن چۈشىدۇ ، چۈنكى بىز ھالالنى ئىشلىتىشكە دەۋەت قىلىدىغان دىنغا ئىشىنىدىغان مىللەت .
ئەمدى سىستېما ئىقتىدارىغا كەلسەك ، بەلكىم يېشىۋىتىپ ساختىسىنى ئىشلەتكەرنىڭ سىستېمىسى رەسمى نۇسخىسى تارقىتىلىشتىن بۇرۇنقى تارقاتقان سىناق نۇسخىسى بولۇشى مومكىن ، چۈنكى رەسمى نۇسخىسىنى 90 كۈن سىناق ئىشلىتىش دەيدىغان يېرى يوق .. ئىككى نەشىرىنىڭ پەرقى خىلى بار ، مۇقىم ئىشلەش جەھەتتە .
ئەگەر ئوغرى نەشىرى رەسمى نۇسخىسى ئاساسىدا يىشىۋىتىلگەن بولسىمۇ سىستېما ئوخشاش ئىشلىدى دىگەن بىلەن كېيىنرەك بىلىنىدۇ ..چۈنكى سىستېما ئاپتوماتېك يېڭىلاش ئېلىپ بارغاندا چاتاق چىقىشى مومكىن ..بۇ جەھەتتە مېنىڭ بىلىمىم بەك يۇقىرى ئەمەس ..ئالىم مۇئەللمنىڭ بلوگىدا مۇشۇ توغرىسىدا مەزمۇن بار .
شۇڭا تورداشلار 98يۇەنگە ئالغىلى بولىدىغان ئىتىبار نومۇرىغا ئىرىشەلمىگەنلەر ھازىر 248 يۈەنگە ئالغىلى بولىدۇ . 248 يۈەن ئۆيىدە كومپيۇتېرى بار ، مۇشۇنداق تورنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ مەشغۇلات قىلىۋاتقانلار ئۈچۈن ھازىرقى سەۋىيەدە بەك قىممەت ئەمەس ..
مىنىڭ مۇشۇ توغرىسىدا يازغان ئىنكاسلىرىمغا مىنى ئىچىڭلاردا تىللاپ كەتسەڭلەرمۇ مەيلى ..ئەگەر يەنە چۈشەنمىگەن نوقتىلار بولسا مەن سەۋىيەمنىڭ يىتىشىچە چۈشەندۈرىمەن ..