YuRakTin يوللىغان ۋاقتى 2012-12-14 09:23 PM
پەيغەمبىرلىرىمىزگە چۈشكەن 4 كىتاپنىڭ بىرى دەپ ئاڭلىغا ...
قېرىندىشىم، قۇرئان كەرىم 1400 يىلدىن ئارتۇق جەرياندا بىرتال ھەرپىمۇ ئۆزگەرگىنى يوق!
لېكىن ئاللاھ تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەن ھەقىقىي ئىنجىلنى ئەيسا ئەلەيھىسسالامدىن كىيىن خرىستىيانلار تەرىپىدىن ھەربىر ئوخشىمىغان دەۋرلەردە مەزمۇنى ئۆزگەرتىلىپ كەلدى، شۇڭا سىز دېگەندەك ئىنجىلنىڭ كۆپ خىل نۇسخىسى بار، بۇ خرىستىيانلار ئۆزىمۇ ئېتىراپ قىلىدىغان ئوچۇق ئاشكارە ھەقىقەت!
شۇڭا خرىستىيانلار ئۆزى بىلىپ تۇرۇپ، ئىنسان تەرىپىدىن ئۆزگەرتىلىپ يېزىلغان خرسىتىيان دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ كېلىۋاتىدۇ!
ئۆز ۋاقتىدا ياراتقۇچىمىز تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئىنجىل ھازىر مەۋجۇت ئەمەس، 1400 يىل بۇرۇنلا شۇنداق مەۋجۇت بولمىغانلىقى، ئىنسانلار ئېزىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ياراتقۇچىمىز ئۇلۇغ ئاللاھ پەيغەمبىرى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئارقىلىق مۇقەددەس سۆزى قۇرئان كەرىمنى ئەۋەتىپ بىز ئىنسانلارنى توغرا يولدا مېڭىشقا بۇيرۇغان.
بۇ تېمىنىڭ ئەسلى مەنبەسى ماڭا سەل غەيرىي بىلىنىۋاتىدۇ، ھەرھالدا دىققەت قىلىپ قويارسىلەر...