مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: tatlik920

سۇنغان كۆڭۈل (ھىكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43073
يازما سانى: 157
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 6952
تۆھپە نۇمۇرى: 792
توردا: 350 سائەت
تىزىم: 2011-6-4
ئاخىرقى: 2013-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-15 12:25:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ياخشى يېزىپسىز يەنە دۋامى باردەك قىلامدۇ نېمە ؟؟؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82554
يازما سانى: 1465
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6321
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 587 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2013-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-15 01:13:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز ئەلكۈيىدىكى  ئەتىۋا326(atewa326)مۇ؟؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88234
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 280
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 18 سائەت
تىزىم: 2012-12-7
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-15 11:24:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەخمەد يوللىغان ۋاقتى  2012-12-15 01:13 AM
سىز ئەلكۈيىدىكى  ئەتىۋا326(atewa326)مۇ؟؟

شۇنداق شۇ مەن  بۇندىن كىيىن مۇشۇ مۇنبەرگە يوللايمەن ،تەڭرىتاغدىمۇ بار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88234
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 280
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 18 سائەت
تىزىم: 2012-12-7
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-15 11:25:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  جىنىم ئەمدى ئىككىمىز يېرىمى قالغان ھېكايە ،ئايرىم يوللاردا يۈرىمىز ،ھايات بۇ !!
سەن سەرسان بىر شامال كەبى يىراقلارغا كەتتىڭ ،مەن بولسام كۆكسۈمدە سۇلغان بىر گۈل بىلەن بىللە قالدىم ،ياشىماق دىگەنمۇ بۇ!!
ئەمدى ئايرىم ئاخشاملاردا يېتىپ ئايرىم سەھەرلەردە ئويغىنمىز ،بەلكىم بۇنىڭدىن كېيىن خاتالارنى موھەببەت دەپ ئويلاپ ،باشقا تەنلەرگە كۆڭۈل بېرىمىز بېكارغا،ھەمدە بىلىپ بىلمەي يۈركىمىزنى يارا قىلمىز ،
لىكىن شۇنى بىلگىنكى دائىما ،مەن تالان قىلىنغان كۆڭۈل باغچامدىن ئەڭ گۈزەل يەرلەرنى سەن ئۈچۈن ئاتىغان خاتېرەمگە يوشۇرمەن ،كۆزلىرىمدە ئازلىغان نۇرلار بىلەن سىنى بۇ يەردە كۈتىمەن ،ھامان بىر كۈنى قايتىپ كېلىدۇ دەپ !!!!!سىنى سۆيىمەن!!


                                               سۇنغان كۆڭۈل (ئاخىرقى بۆلەك)
يۈز بەرگەن ئىشلار مېنى ھەم ئىلشاتنى ئوبدانلا تۈگەشتۈردى ،گەرچە ئىككىلىمىز مۇھەببىتىمىزنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تىرىشۋاتقان بولساقمۇ تارىتقان جاپالىرمىز بىكارغا كېتىپ بارغاندەك ئىشىمىزدا ھىچ ئىلگىرلەش بولمايۋاتاتتى ،خۇددى بۇ ئازاپلارنى چېكىش بىز ئۈچۈن يوللۇقتەك ،لېكىن يەنىلا ئۆزىمىزنى بەخىتلىك ئويلايتۇق ،چۈنكى موھەببىتىمىز تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىپ بىزنىڭ شۇ دۈشمەنلىرىمىزنى نا ئۈمىتتە قويۋاتاتتۇق .
ئۇنىڭ دادىسىنىڭ جاھىللىقى ئاز كېلىپ قالغاندەك مېنىڭ دادمنىڭمۇ جاھىللىقى قوشۇلدى ،بىزنىڭ ئۆيدىكىلەرمۇ بۇ تويدىن پۈتۈنلەي يېنىشقا باشلىدى .
بەلكىم بىچارە ئاتا-ئانامنىڭ يۈركىنى مەندەك بىر تېخى كېلىن بولۇپ بوسۇغۇسىدىن كىرمەي تۇرۇپ ئاجايىپ خورلۇق ھەم ھاقارەتلەرگە ئۇچراۋتقان قىزىنىڭ قىسمەتلىرى يىگەن بولىشى مۈمكىن .شۇڭا ئۇلارمۇ بۇ بولۇنماي تۇرۇپ قۇرۇلمىغان تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق تەملىرنى تېتىتقۇزۋاتقان توينى توختىتىش قارارىغا كەلگەن بولسا كېرەك .بۇنى مەن چۈشنىپ يېتەلەيمەن ،لىكىن مىنى كىم چۈشنىدۇ ،مېنىڭ يۈركىمنىچۇ ؟ئىلشات ئىككىمىزنىڭ موھەببىتىنىچۇ ؟
كۈنلىرىم مانا مۇشۇنداق ‹يۈز مېڭلىغان نېمە ئۈچۈنلەر ؟›ئىچىدە ئۆتۋاتقاندا ھېلقى ئىككى تۆھمەتخۇرنىڭ تويى بولدى ،خالنۇرنىڭ قولىدىكى ئىلشات كۆچۈرگىلى كەلگەندە بەرگەن بىر دەستە ئەتتىرگۈل مەن ۋە ئىلشاتنىڭ يۈركىدىن ئاققان قانلار بىلەن بويۇلۇپ قىزىل رەڭگە كىرگەنىدى ،لىكىن ئۇلار مانا شۇنىڭدىن ھوزۇرلىناتتى.
بىز بېكىتكەن توي كۈنىگە ئاز قالغانسىرى مەن تاماقتىنمۇ قېلىشقا باشلىدىم ،بارا-بارا ئولتىرغان يېرىمدە ئولتۇردىغان ،ئۆلۈمنى كۆپرەك ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم ،ئەگەردە مەن ئۆلۈپ كەتسەم شۇ ئىنسانلارنىڭ ماڭا ئازراق بولسىمۇ ئىچى ئاغرارمىتى ،مېنى ئاپئاق كېپەنلىككە ئوراپ شۇ ياغاچ جىنازىغا سالغاندا مېنى شۇ سېسىق ئاغزىدىن چىققان تۆھمەتلەر بىلەن قارلىغان شۇ ئادەملەر ئازراق بولسىمۇ ۋىجدان ئازابى تارتىپ شۇ ئىككى مېتىر كېپەنلىككە يۆگىلىپ ياتقان مېنڭدىن زادى نېمىنى تالىشىپ مىنى شۇنچە ئازاپلىق يولغا باشلاپ ئاخىردا مانا مۇشۇنداق ئۆلۈم بىكىتىگە ئەكىلىپ قويغانلىقى توغرىسىدا ئويلىشىپ قالارمىتى دېگەنلەرنى ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم .
دادام بۇ ئىشلارنى ئېنىق سۈرۈشتۈرۈش مەقسىتىدە ئىلشات دېگەن ھايۋاننى ئىزلەپ باردى ،لېكىن ئۇ ئاللىقاچان ئىمان ھەم ۋىجدانىنى يوقۇتقان ئىشىپلاس ‹مەن قىلمىدىم ›دەپ پۈتۈن گەپ سۆزىدىن يېنۋالدى ،ھەم ئاخىردا پۈتۈن گەپلەرنى ئىلشات بىلەن دادىسى توقۇپ چىقارغان دەپ ئۇ پوقنى ئىلشات ھەم دادىسىغا سۈرتۈپ قويدى.
مانا شۇ چاغدا بىلدىمكى ئادەم يۈزسىز ،تاش يۈرەك بولسا ھېچقانداق ئامال يوقكەن،بۇنداق ئادەم ئۆز مەنپەئەت ھەم خوشاللىقى ئۈچۈن ۋاستە تاللاپ ئولتۇرمايدىكەن .، بەش بالىنى قاتارغا قوشۇپ ئاللاھنىڭ يولىدا ھەج-ھەرەم قىلىپ كەلگەن بىر ئۇلۇغ دادىغا ئۆزىگە  كېلىن بولۇپ كىرىش ئالدىدا تۇرغان ،ئۆز ئوغلى ھالاللاپ ،ئىككى دۇنيالىق نېكاھىغا ئالمەن دېگەن قىزنى شۇ سەت گەپلەر بىلەن ھاقارەتلىدى دېگەن قالپاقنى كەيگۈزۈپ قويالىغان بۇنداق ئادەمنىڭ يەنە نەرىدىن ئاغرىندۇ كىشى !!!!!!!
بىز توي كۈنى قىلىپ بېكىتكەن كۈنمۇ يېتىپ كەلدى ،بۈگۈن ئىلشات ئىككىمىز باشقىلارغا ئوخشاش ئەتىگەندە نېكاھغىمۇ چىقالمىدۇق ،مەن باشقا قىزلارغا ئوخشاش ئاپئاق توي كۆڭلىكى كىيىپ نازلىق يىغامنى يىغلاپ ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن كىشم سوغا قىلغان قىزىل ئەتتىرگۈلدەك قىزىرىپ تۇرۇپ بىر ئۆمۈر خىزمىتىنى قىلىشنى ئارزۇ قىلغان ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسنىڭ ئالدىغا كېلىن بولۇپ كىرەلمىدىم .بۈگۈن ئىلشات ئىككىمىز ئەتىگەندىلا غۇلجىنىڭ ئەڭ چىرايلىق يېرىگە بېرىپ ئاتالمىش ‹توي ›كۈنىمىزنى يالغان كۈلكە ،يالغان پاراڭلار بىلەن ئۆتكۈزدۇق ،قاراڭغۇ چۈشكەندىلا بىر كۈنلۈك رولىمىزنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ھەر ئىككىلىمىز دەرىت ئازابلىرمىزنى قۇچاقلىغىنىمىزچە ئۆز ئۆيلىرمىزنىڭ بىر بۇلىڭىدا ئۇخلاپ قېلىشتۇق .
مانا مۇشۇنداق  ئۆزۈم ئۆتكۈزمىگەن گۇناھلارنىڭ جازاسىنى تارتىتىم ،گەرچە بۇ قىسمەتلەر ئىلشات ئىككىمىزنى بىر بىرىمىزدىن ئايرىۋېتەلمىگەن بولسىمۇ بىراق ئاجايىب گۈزەل ،پاك سۆيگۈ ،ھېسلار بىلەن ياساپ چىققان موھەببەت لوڭقىمىزنى پارچە -پارچە قىلىپ سۇندۇرۇپ تاشلىدى ،شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كۆڭلىمىزنىمۇ سۇندۇردى ، ئىلشات ئىككىلىمىز بۇ لوڭقىنى يەنە قايتىدىن تېخىمۇ چىرايلىق ،تېخىمۇ مۇستەھكەم قىلىپ ياساپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشۋاتمىز ،لېكىن بۇ جەرياندا بىزنى يەنە قانداق قىسمەتلەر كۈتۈپ تۇرىدۇ ،بۇنىسى ھەر ئىككىلىمىزگە نامەلۇم !!!!!!
                                                                          تامام .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88234
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 280
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 18 سائەت
تىزىم: 2012-12-7
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-15 11:26:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
korul يوللىغان ۋاقتى  2012-12-14 07:00 PM
مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر سەھىپىسىگە ئەۋەتىپ باقماپسىز...

قانداق ئەۋەتىمەن ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82554
يازما سانى: 1465
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6321
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 587 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2013-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-15 01:00:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tatlik920 يوللىغان ۋاقتى  2012-12-15 11:26 AM
قانداق ئەۋەتىمەن ؟

تېما ماۋزۇسىنىڭ كەينىگە مۇكاپاتلىق ئەسەر سەھىپىسىگە دېگەن خەتنى قوشۇپ قويىسىز ئاندىن شۇ سەھىپىگە يوللىسىڭىزلا بولىدۇ،بىلمىسىڭىز  https://uyghur-archive.com/misranim/thread-92144-1-1.htmlدىن كۆرۈڭ،باشقىلاردىن مەسلىھەت سورىسىڭىزمۇ بولىدۇ.بۇ ئەسىرىڭىز بەك ياخشى چىققان ئەسەر،ئۇتۇق تىلەيمەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80054
يازما سانى: 609
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2837
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 328 سائەت
تىزىم: 2012-5-12
ئاخىرقى: 2013-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-15 06:09:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرى سەل تومتاق چۈشۈپ قالدىمۇ ، ماڭا بىر يىرى كەمدەكلا بىلىندى . بۇ ھىكايە بۇيەردە تۈگىسە بولمايدىغاندەك .  نىمىشقا ئاۋۇ «مەن » گە تۆھمەت قىلغان ئىككىسى جازاسىنى تاتمايدۇ . نىمىشقا «مەن » گە  ئۇنداق قارا تۆھمەتلەرنى قىلىدۇ ، ئۇلارنىڭ ئۇنچىلىك ئۆزگىرىپ كىتىشىگە زادى نىمە سەۋەپچى ...............

دوستىڭىزنى توغرا تاللاڭ،بىر ئۆمۈر خوشال ئۆتىسىز.جۆرىڭىزنى توغرا تاللاڭ،بىر ئۆمۈر بەخىتلىك ئۆتىسىز.كەسپىڭىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80054
يازما سانى: 609
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2837
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 328 سائەت
تىزىم: 2012-5-12
ئاخىرقى: 2013-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-15 06:19:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرى سەل تومتاق چۈشۈپ قالدىمۇ ، ماڭا بىر يىرى كەمدەكلا بىلىندى . بۇ ھىكايە بۇيەردە تۈگىسە بولمايدىغاندەك .  نىمىشقا ئاۋۇ «مەن » گە تۆھمەت قىلغان ئىككىسى جازاسىنى تاتمايدۇ . نىمىشقا «مەن » گە  ئۇنداق قارا تۆھمەتلەرنى قىلىدۇ ، ئۇلارنىڭ ئۇنچىلىك ئۆزگىرىپ كىتىشىگە زادى نىمە سەۋەپچى ...............

دوستىڭىزنى توغرا تاللاڭ،بىر ئۆمۈر خوشال ئۆتىسىز.جۆرىڭىزنى توغرا تاللاڭ،بىر ئۆمۈر بەخىتلىك ئۆتىسىز.كەسپىڭىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80054
يازما سانى: 609
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2837
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 328 سائەت
تىزىم: 2012-5-12
ئاخىرقى: 2013-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-15 06:19:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرى سەل تومتاق چۈشۈپ قالدىمۇ ، ماڭا بىر يىرى كەمدەكلا بىلىندى . بۇ ھىكايە بۇيەردە تۈگىسە بولمايدىغاندەك .  نىمىشقا ئاۋۇ «مەن » گە تۆھمەت قىلغان ئىككىسى جازاسىنى تاتمايدۇ . نىمىشقا «مەن » گە  ئۇنداق قارا تۆھمەتلەرنى قىلىدۇ ، ئۇلارنىڭ ئۇنچىلىك ئۆزگىرىپ كىتىشىگە زادى نىمە سەۋەپچى ...............

دوستىڭىزنى توغرا تاللاڭ،بىر ئۆمۈر خوشال ئۆتىسىز.جۆرىڭىزنى توغرا تاللاڭ،بىر ئۆمۈر بەخىتلىك ئۆتىسىز.كەسپىڭىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87999
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 87
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2012-12-2
ئاخىرقى: 2013-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-15 07:27:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش