molla-zaidin يوللىغان ۋاقتى 2012-12-16 03:26 AM
مېنىڭچە تاشقى پلانت ئادىمى مەۋجۇت،
ھازىرغىچە تېخى بىر ...
قېرىندىشىم؛ رىۋايەتلەرگە ئۇنداق ئىشىنىپ كەتمەي، «قۇرئان كەرىم»،«ھەدىس»نى جىقراق كۆرۈپ بېقىڭ! كىينكى قاراشلىرىڭىزنىڭ بىرئاز ئاساسى بار بولسىمۇ، لېكىن « قىيامەت» توغرىسىدىكى قارىشىڭىزنى قەتئى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ! چۈنكى قىيامەت بىرلا قېتىم بۇلىدۇ. قىيامەت بولغاندا ئادەم ئاتا زامانىسىدىن تارتىپ،قىيامەت كۈنىگىچە بولغان باھارلىق ئىنسانلار تىرىلدۈرىلىپ، بىر يەرگە توپلىنىدۇ.(بۇ ھەقتە قۇرئاندا ئېنىق دەلىل بار)
سىزنىڭ دېگىنىڭىز بويىچە، ناۋادا بىر قانچە قېتىم «قىيامەت» بولىدىغان بولسا، ھەربىر قېتىمقى قىيامەتتە ، يەر يۈزىدە بىرمۇ تىرىك ئىنسان قالمىسا، كىيىنكى ئەۋلاتلار قانداق بارلىققا كېلىپ، كىيىنكى نۆۋەتلىك «قىيامەت» نى قانداق كۈتىۋالىدۇ؟
ناۋادا سىزنۇھ ئەلەيھسىلام دەۋىرىدىكى «توپان بالاسى»غا ئوخشاش «بالالار»نى دېمەكچى بولغان بولسىڭىز، بۇ خىل پۈتۈن يەر شارىنى گۇمران قىلىش خارەكتىردىكى ئاپەت، نۇھ ئەلەيھىسالام زامانىدا، پەقەت بىرلا قېتىم يۈز بەرگەن.بىزلەر- يەنى؛ يەر شارىدىكى پۈتكۈل ئىنسانلار ھىساپتا، نۇھ ئەلەيھىسالام كېمىسىگە چىقىرىۋالغان، نۇھنىڭ پەرزەنتلىرى ۋە جانابى اللاھ قا ئىمان ئېيتقان، نۇھنىڭ ساھابىلىرىنىڭ ئەۋلادلىرى ھىسابلىنىمىز.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 3D-MOVIE تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-16 04:43 AM