جاھان تەختىدە جۇلالىنىۋاتقان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەقىل-پاراسەت ئىلىم-ئىرپان تىل مەدەنىيەت جۇغلانمىسى بولغان شاھانە ئەسەر قۇتادغۇبىلىك بىز ئۇيغۇر مىللىتىنىڭلا ئەمەس پۈتكۈل ئىقلىمنىڭ مەدەنىيەت بايلىقىدۇر . ئارىمىزدىن يىتىشىپ چىقىۋاتقان يازغۇچىلىرىمىزنىڭمۇ ئىزدىنىپ ئىككىنجى ئۈچۈنجى ..... قۇتادغۇبىلىك شاھانە ئەسەرلىرىنىڭ روياپقا چىقىشى ئۈچۈن كۈچ قوشىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن . مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ پائالىيەتنى قوللاپ يېقىندىن ياردەمدە بولغان كارخانا شەخىس ھەرقايسى ئورگانلار ، ئاۋازغا ئېلىش خىزمىتى ئۈچۈن تەر تۆككەن ئابدۇقەيۇم ئىمىن قاتارلىق ئاۋاز ئارتىسلىرىمىز ، تەشۋىقات خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىشلەپ بۇ خوش خەۋەرنى شىنجاڭنىڭ ھەربىر بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە يەتكۈزۈش ئۈچۈن تىنماي ئىزدىنىۋاتقان ئۇلىنىش ، مىسرانىم ، نۇر ، ئانا تۇپراق قاتارلىق تور بېكەتلىرىنىڭ خادىملىرىغا ۋە ھەرقايسى ئۇقۇرمەن قەلەمكەشلىرىمىزگە چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن .