monix يوللىغان ۋاقتى 2012-12-16 10:43 AM
مىنىڭچە پولاتنىڭ ئورنىغا ۋاقتىنچە ئادەم قويمايدۇ،ۋا ...
ئىختىيارلار باشلىغىمۇ باشقۇرۇپ بولالمايدىغاندەك قىلىدۇ،چۈنكى ئەشرەت بەگىنىڭ ئىختىيارلار باشلىقىغا بەرگەن ئاخىرقى مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا ئىچكى قىسىمدىمۇ بۆلىنىش يۈز بىرىدىغان چىراي.يەنە كىلىپ مۇشۇنداق جىددى پەيىتتە پولاتنىڭ قازا قىلىشى، بەلكىم بۇ فىلىمنىڭ يەنە باشقىچىرەك بىر شەكىلدە داۋام قىلىشىدىن بىشارەت بولسا كىرەك .
ئەركان ئەشرەت بەگ بىلەن كۆرۈشەلەمدۇ ياكى كۆرۈشۈشكە ئىمكان بولماي قەسىتكە ئۇچرامدۇ؟ئەگەر كۈرۈشسە كۆرۈشكەندىن كىيىنكى ۋەقەلىك قانداق داۋام قىلىدۇ ؟
مىنىڭچە ھاكىفنىڭ پولاتنىڭ ئورنىغا چىقىشى ناتايىن،چۈنكى پولاتنىڭ بۇ فىلىمدىكى ئورنى ۋە رولى ھەممەيلەنگە ئايان،ھاكىف گەرچە تەربىيەلەنگەن بولسىمۇ بۇ ئورونغا چىققۇدەك سالاھىيەت ۋە ئىقتىدار مىنىڭچە تىخى ئۇنىڭدا ھازىرلانغىنى يوق ...
مىنىڭچە بۇ فىلىمنىڭ ئەمدىكى تەرەققىياتى بەلكىم قاراخانلى ۋەقەلىكتىن ئىسكەندەر ۋەقەلىكىگە،ئىسكەردەر ۋەقەلىكىدىن ئەرسۇي ۋەقەلىكىگە يۆتكەلگەنگە ئوخشاش يەنە يىڭى بىر ۋەقەلىككە ئۆتۈپ داۋام قىلىشى مومكىن.
مەمەت ئۆلدى،ئىختىيارلار باشلىغى ئۆلدى،بۇ سۈيقەسىت ئاشكارلانمىدى،بۇ سۈيقەستنىڭ پىيىدە بولىۋاتقان پولاتمۇ ئۆلدى،دىمەك بۇ ئىچكى قىسمىدا بىر ئۆزگىرىش يۈز بىرىش ئىھتىياجىنى پەيدا قىلىۋاتىدۇ ،بۇ ئىشلاردىن كىيىن كىنونىڭ ۋەقەلىك تەرەققىياتى باشقىچە بىر ئۆزگىرىشكە ئالمىشىپ داۋام قىلىشى مومكىن دەپ ئويلاۋاتىمەن...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا jessurane تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-17 06:15 PM