cctv520 يوللىغان ۋاقتى 2012-12-16 09:35 PM
تورداشلارنىڭ بۇ يازمامغا قالايمىقان گەپلەرنى يازماسل ...
بۇ تېمىدىكى ۋەقەلىك،بايانلاردىن كەلگۈسىدىكى نۇرغۇن ھېكايىلەرنى،قىسمەتلەرنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدىكەن.
مېنىڭچە، مەسىلىنىڭ يىلتىزى نەدە؟دېگەننى ئويلىنىش كېرەك.
مەكتەپ مۇھىتى،جەمئىيەت ساپلاشسا،ئائىلە تەربىيسى(ئېتىقاد،ياخشى-يامان،ھالال-ھارام تەربىيسى) كىچىكىدىن ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىلسا ۋە ھەربىر ئائىلە، ھەربىر شەخىس جەمئىيەت ئالدىدا ئۆزئوبرازىنى ساقلىسا،جەمئىيەتكە مەسئۇل بولسا بۇ مەسىلە ھەل بولىدۇ. جەمئىيەتتىن ئىبارەت چوڭ ئائىلە ساپلاشمىسا كىچىك ئائىلىدىن ئايرىلغاندىن كېيىنلا ئۇزاق داۋام قىلغان تەسىرلەرنى توسۇپ قېلىش قېيىن. لېكىن، قانداق قىلىش،نېمىنى قىلىپ-نېمىنى قىلماسلىقنى تاللاشتا پەرزەنتلەرگە نىسبەتەن كىچىك چاغدا ئائىلىدە كۆرگەن تەربىيە ئىنتايىن مۇھىم. بەزىلەرنىڭ 12ياشتىن بۇرۇنقى تەربىيە بىرئادەمنىڭ قانداق ئادەم بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ،دېگىنىنىڭمۇ مەلۇم ئاساسى بار.
ھەقىقەتەن ئابدۇكېرىم ئابلىز ئۆزتەسىرىگە تاينىپ شۇنداق بىر ئىتوتنى ئويناپ جەمئىيەتتە ياخشى كەيپىيات بارلىققا كەلتۈرەلىشى مۇمكىن. لېكىن،ئۇ ۋاقىتلىقلا تەدبىر. ئەڭ مۇھىمى بۇ خەتنى ھەربىرىمىزگە،ھەربىر ئائىلىگە، ئائىلە باشلىقلىرىغا يېزىلغان خەت دەپ بىلسەك،مەسىلە جاۋاپقا يۈزلىنىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا baywetqe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-17 12:59 AM