مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: باغإةن

«خالىس ساقچىنىڭ خىسلىتى» فىلىمى توغرىسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 1746
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7838
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1267 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-16 11:44:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
GLADIATOR يوللىغان ۋاقتى  2012-12-16 11:30 PM
مەن مۇشۇ يەردىلا ئولتۇرۇپ ھىندىستان كىنو ۋەقەلىگىدىن  ...

داۋامىغا تەشنامەن !

ئاتمايدىغان تاڭ يوق ،
پاتمايدىغان كۈن يوق .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88324
يازما سانى: 139
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 389
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 53 سائەت
تىزىم: 2012-12-8
ئاخىرقى: 2013-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-17 12:45:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   
ھىندىستاننىڭ كىنورىدىن بەكلا خۇشام يوق راستىمنى ئىيتسام ....  ئەسلا كورمەيمەن .........   
                                 

سۆيۈلۈشنى خالىمايمەن، سۆيۈلۈش سەنسىزلىك بولسا...

كۈتكەن پەيىتلەر چوقۇم كېلىدۇ .

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85909
يازما سانى: 987
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2159
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 836 سائەت
تىزىم: 2012-10-10
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-17 01:46:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۈرىتى كۆزگە زىيان قىلدىكەن . . .

ئېھ ئۇلۇغ ئاللاھ ،  ماڭا مەن كۆڭلىنى رەنجىتكەنلەردىن كەچۈرۈم سورغىدەك  ،  كۆڭلىمنى ئاغرىتقانلارنى ئەپۇ قىلغۇدەك پۇرسەت ياراتقىن .   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5251
يازما سانى: 849
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 91636
تۆھپە نۇمۇرى: 2105
توردا: 1225 سائەت
تىزىم: 2010-7-31
ئاخىرقى: 2013-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-17 02:49:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىرىگ ماركىلىق ساقال ئالغۇچنىڭ ئىلانىدىن كىيىن ھىدىستان ئۆز ئالدىغا مۇستەققىل تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان « سىياش » ماركىلىق بەدەن سۇپىنىنىڭ ئىلانى قۇيۇلدى
...،
ئارقىدىن كىنو باشلاندى ،

ھىندىستان ھىكايە فېلىمى « قىساسكارنىڭ باش كۈتۈرۈشى » كىيىنكى قىسمى ،

ئاللى بۇرۇن 60 ياشقا كىرىپ قالغان زەھەرلىك يىلان راكشىمىل قېرىغىنىغا قارىماي ھىندىستاندا قىلمىغان ئەىسكىلىكلىرى قالمىغان ئىدى . ھىنسىدىستاندىكى بىر قانچە ساقچى باشلىقلىرى  ھەتتا چوڭ - كىچىك ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسى بۇ زەھەرلىك يىلاننىڭ پۇتىغا باش قۇياتتى ... مەلۇم بىر كۈنى بۇ زەھەرلىك يىلان يولدا يالغۇز  كىتىۋاتقان ئاشۋارىيانىڭ گۈزەل رۇخسارىنى كۇرۇپ قالدى ۋە ئۇنىڭغا نىيىتىنى بۇزۇشنى پىلانلىدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ قول ئاستىدىكى غالچىللىرىنى بۇرۇپ ئاشۋارىيانى تۇتقۇن قىلىپ ئۈيىگە ئېلىپ كەلدى . يولدا بولغان بۇ تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىنى كۈرۈپ قالغان بىرەيلەن يېقىن ئەتراپتا ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقان شارۇلخانغا ئەھۋالنى يەتكۈزدى. شارۇلخان بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ دەر غەزەپكە كەلدى ئۇ  بوينىدىكى لۈڭگىسىنى قۇلىغا يۆگىگەپ تۇيۇقسىز چىققان  كا . كا. كا . كا ... دىگەن مۇزىكىغا بىرلەشكىنىچە چوڭ چوڭ قەدەملەر بىلەن يۈگۈرۈپ كىتىپ قالدى ... شارۇلخان ناھايىتى تىزلا زەھەرلىك يىلان راكشىمىلنىڭ داچىسى ئادىغا كەلدى.  بىراق ئىشىك ئالدىدىكى غالچىلار شەرۇلخاننى داچىغا كىرگۈزىدىغاندەك ئەمەس ئىدى ... شۇنىڭ بىلەن شەرۇلخان تۇنجى پەشۋاسىنى ئىگىز قاۋۇل كەلگەن بىر غالچىغا ئاتتى ، غالچا بېسىملىق ئېتىلغان بۇ پەشۋانىڭ تەسىرىدە ئون-  ئونبەش مىتىر نېرىغا قاڭقىپ كەتتى ، يەنە بىر مەدىكا شارۇلخانغا قارىتىپ مۇش ئېتىۋىدى شارۇلخان ناھايىتى ئۇستۇلۇق بىلەن ئۇنىڭ قۇلىنى كەينىگە قايرىۋالدى . قۇلى سۇنۇپ كەتكەن غالچا نەخ مەيداندا ناھايىتى ئېچىنىشلىق ئىڭىراپ كەتتى ، ئارقىدىن شارۇلخان ئۇغالچىنىڭ كاسىسىغا كەلتۈرۈپ بىرنى تىزلاپ ئۇنى يەر بىلەن يەكسەن قىلىۋەتتى ، ئارقىدىن ئۆينىڭ ئىشكىنى بىر پەشۋا بىلەن ئېچىپ ئۆي ئىچىگە كىرىپ كەلدى . ئۆي ئىچىدە يەنە 8 نەپەر تۇلۇق كالتەكلەنگەن غالچا بار بۇلۇپ بۇلار ھەيۋە قىلىپ شارۇلخانغا ئېتىلىپ كىلىشتى . كىچىكىدىن دارىلتامدا چوڭ بۇلغان . چامباشچىلىق دىگەنلەردىن ئازراقمۇ خەۋىرى يوق شارۇلخان مۇھەببەتنىڭ كۈچىدە پالۋانلەردەك بۇ غالچىلارنى دۇمباللاپ كەتتى . شەرۇلخان ھەربىر مۇش ئاتسا بىر غالچە يەر چىشلەيتتى ، ئارىدىن تاياققا چىدىمىغان بىر غالچا شەرۇلخانغا قارىتىپ ئۇق ئۈزدى ، شارۇلخان بولسا خۇددى ئۇچار ئادەمدەك بىر سەكرەپلا ئۆينىڭ ئىكننىجى قەۋىتىگە چىقىۋالدى.  غالچا بولسا شارۇلخانغا قارىتىپ ئوق ئېتىۋەردى . بىراق ئۇ ئوقلارنىڭ بىرىمۇ شارۇلخانغا تەگمىدى ، شۇنىڭ بىلەن غالچىنىڭ قۇرالىدا ئوق تۈگىدى . شەرۇلخان بولسا سەكرەپ چۈشكىنىچە غالچىنىڭ بوينىنى تۇتۇپ يان يەرەپكە بىرنى قايرىپلا غالچىنى ئۆلتۈرۈپ تاشلىدى ۋە ئاشۋارىيا...  دەپ توۋلىغىنىچە ئۆي ئىچىنى ئىزدەشكە باشلىدى ، بۇ ۋاقىتا زەھەرلىك يىلان  ئىپلاس مەخىسىدىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاشۋاريانى ئۇيان بۇيان سىلكىۋاتاتتى ، شارۇلخان ئاخرى ئاشۋاريانى تاپتى ، ئۇ يۈگۈرۈپ بېرىپ راكشىملنى قامالىقغىنىچە ئۇراي دەپ تۇرۇشىغا تۇيۇقسىز ئارقا مىڭىسەگە ئۇرۇلغان بىر كالتەكنىڭ زەربىسى بىلەن ھۇشىدىن كەتتى ، غالچىلار شارۇلخاننى يەر ئاستىدىكى بىر ئۆينىڭ تۇرىسىغا ئېسىپ قۇيۇپ ئۇنى ۋەھشىيلەرچە قىينىماقتا ئىدى ، جېنى ئاز قالغان شەرۇلخان ئايلىنىپ كىتەيلا دىگەن ۋاقتىدا ئۇنىڭ ئالدىدا بىر تۇنۇش چىراي پەيدا بولدى ، شارۇلخان بۇچىرايغا قاراپ تۇيۇقسىز چۈچۈپ كەتتى ، بۇ چىراي دەل 19 يىلنىڭ ئالدىدا شارۇلخاننىڭ ئۈيىگە باستۇرۇپ كىرىپ ئۇنىڭ ئاتا-  ئانىسىنى ۋە ئاكىسىنى ئۆلتۈرگەن قارا قول ئىدى ، شارۇلخان شۇ ۋاقتىدا ئانىسىنىڭ بىز ئۈچۈن قىساس ئال دىگەن گىپى يادىغا كەلدى ، ۋە قاتىل ......... دەپ توۋلىغىنىچە شۇنچە توم ئارغامچىنى ئۈزۈپ تاشلىدى ، بايام تېخى جان تالىشىۋاتقان شارۇلخان ئاتا - ئانىسىنى ئۆلتۈرگەن قاتىلنى كۈرۈپ ، « قىزىل تۈگە » قۇۋەت ئىچىملىكى ئىچىپ كۈچلەنگەن ئادەمدەك كۈچلىنىپ كەتكەن ئىدى ، بۇ ۋاقىتتا  بايامقى مۇزىكا يەنە باشلاندى . كا . كا . كا .كا ... شارۇلخان ئۇلار بىلەن ئېلىشىۋاتاتتى قىساس  ۋە ساپ مۇھەببەت ئۇتىنىڭ كۈچىدە شارۇلخان بىردەمدىلا ئالدىدىكى غالچىلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇرۇپ ياتقۇزۇپ قويغان ئىدى ، ئاتا ئانىسىنى ئۆلتۈرگەن قاتىل بولسا شارۇلخاننىڭ كۈزىدىكى غەزەپنى كۈرۈپ نىمە قىلارىنى بىلمەي ، يالۋۇرۇپ كەتتى . مىنى كەچۇر ماڭا بۇنداق قىلىشنى راكشىمىل بۇيرىغان ... شارۇلخان بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ تېخىمۇ غەزەپلەندى ... ۋە بارغانچە قاتىلنى دەس كۈتۈرۈپ  كاللىسىدىن ئاشۇرۇپ يەرگە ئاتتى ، ئاندىن ئۇنىڭ تۈپىسىگە مىنىپ تۇرۇپ ۋاقىرغانچە توختىماي چىرايىغا مۇش دىگەننى ياغدۇرۋاتتى ،  { شارۇلخان قاتىلنىڭ چىرايىغا ئاتقان ئۇ مۇشلىرىدا بىر تاغار قۇناق بولسىمۇ سۇقىلىپ تالقان بۇلۇپ كىتەتتى}  بۇ ۋاقىتتا قاتىل ئاللىقاچان قانغا بۇيۇلۇپ  نەپەستىن قالغان ئىدى . شەرۇلخان ئورنىدىن تۇرۇپ بىردەم قاتىلغا قاراپ تۇرغاندىن كىيىن ئىسىگە بىر ئىش كەلگەندەك تۇيۇقسىز يۈگۈرەپ چىقىپ كەتتى ، ئۇ راكشىمىلنى ئىزدەپ ماڭغان ئىدى ، راكشىمىل بولسا بىر قانچە غالچا ساقچىلارنىڭ ھەمراھلىقىدا بىر كىچىك ساقچىخانىغا يۇشۇرنىۋالغان ئىدى ، شارۇلخان ئۇنى ساقچىخانىدىن تاپتى ، ساقچى خانىدىكى غالچا ساقچىلار شارۇلخاننىڭ غەزەپلىك ھۇجۇمى ئالدىدا يەر بىلەن يەكسەن بولدى ، راكشىمىل ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى بىلىپ ماشىنىغا ئولتۇرۇپ يەنە قاچتى . شارۇلخان ئۇنىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈپ قوغلاپ يولغا چىقتى . بۇ ۋاقىتتا بىرسى تەييار قىلىپ قويغاندەكلا بىر ئادەم  موتسىكىلىتىنى ھەيدەپ شارۇلخاننىڭ ئالدىدىن ئۈتىشىگىلا شارۇلخان كاپ قىلىپ موتسىكىلىتتىكى ئادەمنى يىقىتىپ موتسىكىلىتنى ھەيدىگىنىچە راكشىمىلنى قوغلاپ كىتىپ قالدى ، بىر قانچە مىنۇت جىددى قېچىش ۋە قوغلاش ھەركىتى باشلاندى .، راكشىمىل پات- پات كەينىدىن قوغلاپ كىلىۋاتقان شەرۇلخانغا قارىتىپ ئوق چىقىراتتى ، بىراق ئوقلار شارۇلخانغا تەگمەيتتى ، شۇنداق قوغلۇشۇپ بۇلار راكشىمىلنىڭ كۈمۈر كانىنىڭ ئالدىغا كىلىپ قالدى ، راكشىمىل يول يوقلىقىنى كۈرۈپ ماشىنىدىن چۈشۈپ قاچتى شەرۇلخانمۇ موتۇدىن چۈشۈپ قوغلىدى ، جىددى مۇزىكا چىقىۋاتىدۇ . كا . كا . كا ..... بۇ ۋاقتىدا راكشىمىل كەينىگە ئۆرىلىپ ئۈزىنى تۇتىۋالاي دەپ قالغان شارۇلخانغا قارىتىپ بىر پاي ئوق ئۈزدى ، ئوق ئۇدۇل بېرىپ شەرۇلخاننىڭ ئوڭ كۆكرىكىگە تەگدى ، غەزەپ تەپرىتى قاتتىق تاشقان شارۇلخانغا بۇ تەككەن ئوق قىلچە كار قىلمىدى ، بۇنى كۈرۈپ ھەم ھەيران قالغان  ھەم تېخىمۇ قورقۇپ كەتكەن راكشىمىل قۇلىدىكى تاپانچىغا بىر قارىۋېتىپ قايتىدىن بىر پاي ئوق ئۈزدى . بۇ ئوق ئۇدۇل شارۇلخاننىڭ مۆرىسىگە تەگدى ، بىراق يەنىلا كارقىلمىدى . بۇنى كۆرگەن راكشىمىل تاپانچىنى تاشلىۋېتىپ يەنە قاچنى بىراق ئۇ بىر يار لىۋىگە كىلىپ قالغان ئىدى . قاچىدىغانغا يول قالمىغانلىقىنى كۆرگەن راكشىمىل كەينىگە ئۆرۈلگىنىچە  يەردە تىزلىنىپ شارۇلخانغا يىلىنىشكە باشلىدى ، ئۇنداق قىلما ساڭا نەچچە بۇل كىرەك بولسا شۇنى بىرەي  1 مىلىيۇن روبىلى . ياق ساڭا 5 مىلىيۇن روبىلى بىرەي  مىنى كەچۈرۋەتكىن . سەندىن ئۈتۈنۈپ قالاي دەپ ئىككى قۇلىنى جۈپلەپ شارۇلخانغا يىلنىۋاتاتتى . بىراق  بۇ گەپلەر شەرۇلخاننىڭ قۇلىقىغا كىرمىگەن ئىدى . شارۇلخان راكشىمىل ... دەپ توۋلىغىنىچە يۈگۈرۈپ بېرىپ  راكشىمىلنى قاتتىق بىرنى تەپتى راكشىمىل مۇللاق سالغىنىچە بېرىپ  قىياغا چۈشۈپ ئېسىلىپ قالدى . قىيا بەكلا ئىگىز بۇلۇپ چۈشۈپ كەتسىلا كۈكۈم تالقان بۇلۇپ كىتەتتى . راكشىمىل پەسكە قاراپ قورۇققىنىدىن تىپىچەكلەپ كەتتى ، . ئۇنداق قىلما مىنى ئۆلتۈرمە.  پۈتۈن بايلىقىمنى ساڭا بىرەي دەي يالۋۇراتتى ... شارۇلخان راكشىمىلنىڭ قېشىغا كەلدى . ۋە ئاتا - ئانامنى قايتۇرۇپ بەر دىگنىچە راكشىمىلغا بىر مۇش سالدى راكشىمىل مۇشنىڭ زەربىسىدە قۇلى ئاجراپ چوڭقۇر قىيادىن توۋلىغىنىچە قەغەزدەك چۈشۈپ كەتتى ، شەرۇلخان پالۋانلاردەك ئورنىدىن تۇرۇپ كەينىگە بۇرۇلدى ، بۇ ۋاقىتتا ، ھىندىستاننىڭ ئۇرۇشتىن كىيىنكى قەھرىمان ساقچىللىرى ئاشۋارىيانىڭ يول باشچىلىقىدا  كونا جېپ ماشىنىللىرىنى توۋلاتقىنىچە نەخ مەيدانغا يىتىپ كىلىپ قۇراللىرىنى شارۇلخانغا تەڭلىگىنىچە ئۇنى مۇھاسېرگە ئالدى ، ئاشۋارىيا تۈگۈرۈپ بارغىنىچە شەرۇلخانغا ئۈزىنى ئاتتى ۋە بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى ، شەرۇلخان ھېچ ئىش بولمايدۇ دىگەن مەنادا ئاشۋاريانىڭ چېچىنى يىنىككىنە سىلاپ قويدى ، ساقچىلاركىلىپ شارۇلخانغا كويزا سالدى ۋە ماشىنىسىنى كاكىراتقىنىچە ئۇنى ئېلىپ كىتىشتى ،،، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي بۇدىلوغا سوت ئېچىلدى ، سوتتا  راكشىمىلنىڭ رەزېل ئەبتى بەشرىسى بىر - بىرلەپ ئېچىپ تاشلاندى ،  شارۇلخان گۇناھسىز دەپ ھۈكۈم چىقىرىلدى ، سوتنىڭ ھۈكىمىنى ئاڭلىغان ئاشۋىرىيا خۇشاللىقىدىن يۈگۈرگىنىچە شارۇلخاننىڭ بوينىغا ئېسىلدى . بۇ ئىككى ئاشۇق-  مەشۇق چىقىۋاتقان { مىنىڭ قەلبىمدىكى ھىندىستان  }دىگەن  ناخشا مۇزىكىسى ئاستىدا قول تۇتۇشقىنىچە سوت مەيدانىدىن ئايرىلدى ....


شەخسەن مەن ھىندىستان كىنو نىلىرىنى پەقەت ياختۇرمايمەن ،كۈپۈنچە  ھىندىستان كىنولىرىنىڭ بېشىنى كۈرۈپلا ئاخىرىنى تەسەۋۇر قىلغىلى بۇلىدۇ ....

يۇقارقىلارنى مەن پەقەت قىززىقچىلىق بولسۇن ئۈچۈنلا يېزىپ قويدۇم ...

بىراق يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيانقى بوللىيۋود كىنولىرىنىڭ  خەلىقارا كىنو ساھەسىدىكى تەرەققىياتىغا ۋە ئورنىغىمۇ  سەل قاراشقا بولمايدۇ ...
ھەتتا ھازىر كۆپ قىسىم  ۋوللىۋودتىكى داڭلىق رىجىسورلار ۋە داڭلىق چولپانلار ھازېرقى  ھىندىستان كىنوچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا دەققەت قىلىۋاتىدۇ ..... چۈملىدىن ھازېرقى ھىندىستاننىڭ كومپىيوتېر تېخنىكىسىمۇ دۇنيا بۇيىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ ....


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   GLADIATOR تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-17 03:11 AM  


ھەددىدىن زىيادە ئاق كۆڭۈل ئادەم ھېچقانداق ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمايدۇ ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3323
يازما سانى: 260
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9805
تۆھپە نۇمۇرى: 369
توردا: 3858 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2013-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-17 11:27:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باغۋەن بوۋاي ھېندىلارنى ماختاشقا ئۆتۈپتىدە ئەمدى~~~~~~~

ئەڭ يېقىن ئادىمىڭلا سىنى ئەڭ قاتتىق ئازاپقا سالالايدۇ~~~
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش