پاھ-پاھ ! ئاجايىپ چىرايلىق ئاتلاركەن ، ئات مەن ئەڭ ياخشى كۈرىدىغان ھايۋانلارنىڭ بىرسى ...بۇلارنىڭ سۆرەتلىرىنى كۈرۈپ ياراتقۇچى ئاللانىڭ نەقەدەر كارامەتلىك ئىكەنلىكىگە يەنىمۇ قايىل بولدۇم ، ھەم كىچىك ۋاقتىمدا ئۇقۇغان «كور ئوغلى »دىگەن كىتاپتىكى ئىسىل بايانلار يادىمغا كەچتى ، ئات -قۇرئان كەرىمدە ئاللا تەرىپىدىن ئۇلۇغلىنىپ سۈپەتلەنگەن جانىۋارلارنىڭ بىرسى ، ئاللا ئاتنى شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلۇغلايدۇكى : بىرسى ، ئات- ھەق ئۈچۈن ئۈرۈش قىلغۇچىلارغا ئاپىرىدە قىلىنغان ئۇرۇش قورالى سۈپىتىدە پايدىلىنىدىغان جانىۋار ، ئىككىنچىسى ، ئاتنى سودا ئۈچۈن ئەمەس ياخشى كۈرۈپ باققۇچىلارنىڭ ئەجرى ياخشى ئەمەلگە ياتىدىغان ئىش ، ئۈچۈنچىسى ،(ئەستەغپرۇللا ! ئۇنتۇپ قالدىم
)...
ئشىقىلىپ مەن ئالتۇن كۈمۈشكە باققاندا ئاتنىڭ قىياپىتىدىن بەكرەك ھۇزۇر ھىس قىلىمەن ، ئات توغرىلىق خەلقىمىزدە دىيىلىپ كەلگەن تەمسىللەرمۇ بەك ئۇرۇنلۇق :
ئات تاپقۇچە ئىشەك مىن ، مەنىسى :ئىش-ئوقتىڭ ھاللىنىپ راۋاجلانغۇچە كۈچۈك يەتكەن ئىشلارنى قىلىپ مىدىرلاپ يۈر .
ئىشەكنىڭ تەپكىنىگە ئات چىدايدۇ ، مەنىسى :ساڭا ئازار بەرگەن ناكەس ئادەملەرگە تەڭ بولما ، ئۇنداقلار خۇدىنى بىلمەيلاساڭا شىلتىڭ ئېتىپ قالغان.
ياخشى ئاتقا بىر قامچا ، قاشاڭ ئاتقا مىڭ قامچا ، مەنىسى : ئۆزىنى بىلگەنگە گەپ ئۇشۇق ،
ئات -ئەرگە قانات . مەنىسىنى دىمىسەممۇ ئەركەكلەر بىلىدۇ .
ئات ئايلىنىپ ئۇقۇرىنى تاپار ، مەنىسى : ۋەتىنىنى سۆيمەيدىغان ھىچكىم يوق .
ئات ئايلىخانغا ، يول سارىخانغا ، مەنىسى ، كىشىنىڭ كۈزىنى بوياپ ئىككى يۈزلىمىچىلىك قىلغانلارغا ئىستىھزا .
مەن ئىسىمگە ئالالىغانلىرىم مۇشۇنچىلىك ، قالغانلىرىنى ماڭا ئوخشاش ئاتخۇمارلار تۇلۇقلاپ قۇيارسىلەر ، ھەراست ، 2ياشلىق قىزىمنىڭ كەيپىياتىنى نىمە دەپ ئىپادىلەيدىغانلىقىنى ئاڭلاپ قۇيۇڭلار :
-ھە ، ھۆرىيەتئاي ، بۈگۈن مىجەز قانداق ؟
- ئاتتەك !
قانداق ، ئادەمنىڭ ئىچىنى كۈيدۈرەمدىكەن ؟