aa0998 يوللىغان ۋاقتى 2012-12-17 06:11 PM
راس دەيسىز ئېلم پەن جەھەتتە مۇشۇ ياپۇنلۇق ۋە يەھۇدىلا ...
سىزنىڭ دىگىنىڭىزدەك مۇشۇنداق چۈشىنىدىغانلار كۆپەيسىكەن دەپ قالدىم، ئۇ
يامان بولىدۇلار ئادەملەرگە ئادەم بولۇشنى ئۈگۈتىدۇ، ئىلىم-پەن بولسا، ئىلگىرلەشكە، ئىجاد قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ ئەمەسمۇ.
شۇڭا ھازىرقى جاھاندا ئىلىم-پەن ئۈگەنمەي تۇرۇپمۇ ئىلگىرلەيمەن دىيىش ۋە ئادەمدەك ياشاشتىن سۆز ئېچىش پەقەت نادانلىقمىكىن.
خۇدايىم بېرىدۇ دىگەنلەرگە خۇدايىم بېرىۋەرمەيدۇ، خۇدايىممۇ تىرىشقانغا، تەر تۆككەنگە، سەۋەپ قىلغانغا بېرىدۇ.
شۇ تىرىشچانلىق بىلەن بىر نەرسە ئۈگۈنۈپ، تەر تۆكۈپ، ئۆزى ئىشلەپ تېپىپ جان بېقىش، ۋە قىممەت يارىتىش، ھەرگىزمۇ ئېتىقادقا تاقاشمايتتى.
ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن قىممەت ياراتقانلارنىڭ ھەممە ئەل ئالدىدا، ئۆزىمۇ يۈزىمۇ يورۇق بولاتتى.
دىنىي بىلىم بىلەن ئادەم بولۇشنى ئۈگۈنۈش، ئېتىقادىنى چىڭىتىش، ئىلمىي بىلىم بىلەن ئۆز ئىنسانىي قىممىتىنى يارىتىش، مانا بۇنى قىلالىغانلار بۇ جاھاندا ھەقىقى ئادەمدەك يۈزى يورۇق ياشىيالايدۇ.