yarkn يوللىغان ۋاقتى 2012-12-24 12:30 AM
سۈننى مەزھەپ دەپ يېزىپ قويۇپسىز ....
مەنچە تارىخنى ...
مىنىڭغۇ قەتئىي مەزھەپلەرگە ئايرىپ قويغۇم يوقتى ، لىكىن پەيغەمبىرىمىز 22يىل دىننى تارقىتىش ئارقىلىق ئاران ئەرەب يېرىم ئارىلىنى ئازاد قىلىپ ، قالغىنىنى خەلىپىلەرگە قويغان ، ئەبۇبەكرى ئۆمەر ئوسمان ئەلى تۆت خەلىپە غازات ئارقىلىق ئەتراپىدىكى زىمىنلارنى ئىسلامغا كىرگۈزگەن . . . . ھەمدە ئەبۇ بەكرىدىن كىيىن خەلىپىلىك تالىشىش جەريانىدا ھەم ئەتراپىدىكى پىتنىخولار سەۋەبىدىن پەيغەمبىرىمىز ۋاپات بۇلۇپ 50يىل ئۈتە ئۆتمەيلا ئىسلام تۆت مەزھەپكە بۈلۈنۈپ كەتكەن ، ئىسلامنى مەن مەزھەپكە بۈلۈپ قويمىغان ، شۇ دەۋردىكى ئەرەب ۋە پارىسلىقلارنىڭ بىر بىرى بىلەن قېرىشىپ قىلغان ئىشى . . . ئەگەر 3-خەلىپە ئوسمان ، پەيغەمبىرىمىزگە 22يىل چۈشۈرۈلگەن قۇرئەن كەرىمنى ساھابىلەر ۋە ئالىملار ئارقىلىق توپلاپ كىتاپ قىلىپ قويمىغان بولسا ، قانچە مەزھەپلەرگە بۈلۈنۈپ كىتەتتىكىن ۋاي تاڭ . . .
بوزقىر ئىمپىرىيىسىمۇ ھونلاردىن ئايرىلىپ چىققان يايلاق مىللەتلىرى كۆك تۈرك ئىمپىرىيىسىنىڭ قالدۇق بىر تارمىقىغا تەۋە بولىدۇ ، شۇ دەۋردىكى كۆك تۈرك ئىمپىرىيىسىدە دىلى قانقىل تۇرا قاتارلىق 20نەچچە مىللەت ئۆتكەن . . . . . . . تۇرالار ئۇيغۇرلارغا يېقىن دەپ خاتىرلەنگەن
قاراخانىيلار خاندانلىقىمۇ ئۈزىنى ئۇيغۇر خانلىقى دەپ ئاتىمىغان ، ئۈزىنى ئۇيغۇرلاردىن بەكراق ئۇغۇز ۋە تۈركلەرگە يېقىن دەپ بىلگەن . .. . شىمالى شىنجاڭ ۋە جەنۇبى شىنجاڭدىكى دىننىڭ چىڭ ئاجىزلىقى مۇشۇ يەردىن كىلىپ چىققان
تەكلىپىڭىزگە رەھمەت
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ilim-iman-kvq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-25 09:59 PM